وَإِن يُرِيدُوا۟ خِيَانَتَكَ فَقَدْ خَانُوا۟ ٱللَّهَ مِن قَبْلُ فَأَمْكَنَ مِنْهُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشۇ ئەسەرلەر ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇلار (كۇفرى بىلەن، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن) اﷲ قا خىيانەت قىلغان ئىدى، اﷲ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. اﷲ (بولغۇسى ھەممە ئىشنى) بىلگۈچى، ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىش قىلغۇچىدۇر
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاشكارىلىغان سۆزى ئارقىلىق (يەنى ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم ئاتا قىلدى. ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگىنى ئۆلتۈرۈلدى، ئەسىر ئېلىنغىنى ئەسىر ئېلىندى. ئەگەر ئۇلار قايتا خىيانەت قىلماقچى بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش (جازانى) كۈتسۇن. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچىدۇر. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.