Muslim99Muslim99
← Tafsir library

7. Al-A'raaf

The Heights · Meccan · 206 ayahs

سُورَةُ الأَعۡرَافِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 206

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

الٓمٓصٓ

ئەلىف، لام، مىم، صاد

سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا بۇنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىنىپ بولغان.

2

كِتَٰبٌ أُنزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُن فِى صَدْرِكَ حَرَجٌۭ مِّنْهُ لِتُنذِرَ بِهِۦ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ

(ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، مۆمىنلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى، ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن

ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان كەرىم ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر، شۇڭا ئۇنىڭدىن (قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) قەلبىڭدە سىقىلىش ۋە ئىككىلىنىش بولمىسۇن. ئاللاھ قۇرئاننى ساڭا ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە شۇ ئارقىلىق دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرۈشۈڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇئمىنلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدى. چۈنكى مۇئمىنلەر ۋەز-نەسىھەتتىن مەنپەئەت ئالىدۇ.

3

ٱتَّبِعُوا۟ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءَ ۗ قَلِيلًۭا مَّا تَذَكَّرُونَ

(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اﷲ نى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز - نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە نازىل قىلغان كىتابقا ۋە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، شەيتانلار ياكى ناچار پوپلاردىن ئىبارەت ئۆزۈڭلار دوست دەپ قارىغانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. سىلەر شۇلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ۋەسۋەسە قىلغان نەرسىنى دەپ ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابنى تاشلاپ ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، سىلەر تولىمۇ ئاز پەند-نەسىھەت ئالىسىلەر. چۈنكى سىلەر پەند-نەسىھەت قوبۇل قىلغان بولساڭلار، ھەرگىزمۇ باشقا ھەر قانداق نەرسىنى ھەقتىن ئۈستۈن كۆرمەيتتىڭلار، پەيغەمبىرىڭلار ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئەگىشىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلاتتىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تاشلايتتىڭلار.

4

وَكَم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَٰهَا فَجَآءَهَا بَأْسُنَا بَيَٰتًا أَوْ هُمْ قَآئِلُونَ

بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسىنى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى

بىز ھالاك قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ تولىسى كۇپۇرلۇقى ۋە ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىۋېدى، ئۇلار كېچە ياكى كۈندۈزدىكى بىخۇت ھالەتلىرىدە بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىز نازىل بولدى - دە، ئۇلاردىن ئازابنى نە ئۆزلىرى، نە ساختا ئىلاھلىرى قايتۇرالمىدى.

5

فَمَا كَانَ دَعْوَىٰهُمْ إِذْ جَآءَهُم بَأْسُنَآ إِلَّآ أَن قَالُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق، دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى

ئازاب چۈشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىشلا بولدى.

6

فَلَنَسْـَٔلَنَّ ٱلَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْـَٔلَنَّ ٱلْمُرْسَلِينَ

بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز

بىز قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەن ئۈممەتلەردىن پەيغەمبەرلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ھەققىدە ئەلۋەتتە سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە ئۈممەتلىرىنىڭ ئۇلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە سورايمىز.

7

فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِم بِعِلْمٍۢ ۖ وَمَا كُنَّا غَآئِبِينَ

(قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز)

بىز ئىلمىمىز ئارقىلىق پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى ئەلۋەتتە ئېيتىپ بېرىمىز، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرىنى چوقۇم بىلىپ تۇراتتۇق، بىزدىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايتتى، بىز ھېچقاچان ئۇلاردىن ئايرىلىپ باقمىدۇق.

8

وَٱلْوَزْنُ يَوْمَئِذٍ ٱلْحَقُّ ۚ فَمَن ثَقُلَتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ

بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر

قىيامەت كۈنى ئەمەللەر قىلچە ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇم بولمىغان ئادالەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەمەللەر ئۆلچەنگەن چاغدا ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن كىشىلەرلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەنلەر ۋە قورققىنىدىن قۇتۇلغانلاردۇر.

9

وَمَنْ خَفَّتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُم بِمَا كَانُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَا يَظْلِمُونَ

ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر

ئەمەللەر ئۆلچەنگەن چاغدا يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر بولسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر.

10

وَلَقَدْ مَكَّنَّٰكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَٰيِشَ ۗ قَلِيلًۭا مَّا تَشْكُرُونَ

شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازېمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر

ئەي ئادەم بالىلىرى! شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە ياشاش يوللىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇڭا سىلەر بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشىڭلار كېرەك ئىدى، لېكىن سىلەرنىڭ شۈكرۈڭلار ناھايىتى ئاز بولدى.

Al-A'raaf 7:10Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.