Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 165

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَجَعَلَ ٱلظُّلُمَٰتِ وَٱلنُّورَ ۖ ثُمَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان اﷲ قا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ

مۇتلەق مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇش، مۇھەببەت بىلەن بىرگە ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەر بىلەن ئالقىشلىنىش ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كېلىدىغان كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇركى، ئۇ كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئۈچۈن، كۈندۈزنى يورۇقلۇق ئۈچۈن ياراتتى. شۇنداق تۇرۇپمۇ كاپىرلار ئۇنىڭغا باشقىلارنى تەڭ قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىۋالىدۇ.

2

هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن طِينٍۢ ثُمَّ قَضَىٰٓ أَجَلًۭا ۖ وَأَجَلٌۭ مُّسَمًّى عِندَهُۥ ۖ ثُمَّ أَنتُمْ تَمْتَرُونَ

اﷲ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر - ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر

ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى لايدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك زاتتۇركى، ئۇ ئاتاڭلار ئادەمنىمۇ شۇ لايدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنىڭ ھاياتىي دۇنيادا تۇرىدىغان مۇددىتىڭلارنى بېكىتتى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى سىلەرنى تىرىلگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يەنە بىر ۋاقىتنىمۇ بېكىتتى. مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن سىلەر يەنە ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايسىلەر.

3

وَهُوَ ٱللَّهُ فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَفِى ٱلْأَرْضِ ۖ يَعْلَمُ سِرَّكُمْ وَجَهْرَكُمْ وَيَعْلَمُ مَا تَكْسِبُونَ

ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) اﷲ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى - يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا قۇلچىلىق قىلىنىشقا ھەقىقىي لايىق زاتتۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ نىيەتلەر، گەپ-سۆزلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن سىلەر يوشۇرغاننىمۇ ۋە ئاشكارا قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە سىلەرگە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

4

وَمَا تَأْتِيهِم مِّنْ ءَايَةٍۢ مِّنْ ءَايَٰتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا۟ عَنْهَا مُعْرِضِينَ

ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ

مۇشرىكلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن قانداق بىر دەلىل-پاكىت كەلسىلا ئۇلار ئۇنى پەرۋاسىزلىق بىلەن چۆرۈۋېتىدۇ. بولمىسا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن مۆجىزىلەر ۋە ئوپئوچۇق دەلىل-پاكتلار ھەمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىغىمۇ ئايەتلەر كەلگەن ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار بۇ مۆجىزىلەر ۋە دەلىل-پاكىتلاردىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈيدۇ.

5

فَقَدْ كَذَّبُوا۟ بِٱلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمْ ۖ فَسَوْفَ يَأْتِيهِمْ أَنۢبَٰٓؤُا۟ مَا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

ئۇلارغا (اﷲ تەرىپىدىن) كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭغا چىنپۈتمىدى، ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ (يەنى ئۇلارغا ئازاب نازىل بولۇپ، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋىرى ئېنىق بولىدۇ)

ئۇلار ئەگەر ئاشۇ روشەن دەلىللەر ۋە ئوپئوچۇق پاكىتلاردىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئىلگىرى ئۇنىڭدىن روشەنراق دەلىللەردىنمۇ يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىشتى، قىيامەت كۈنى ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنى تونۇپ يېتىدۇ.

6

أَلَمْ يَرَوْا۟ كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّن قَرْنٍۢ مَّكَّنَّٰهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّن لَّكُمْ وَأَرْسَلْنَا ٱلسَّمَآءَ عَلَيْهِم مِّدْرَارًۭا وَجَعَلْنَا ٱلْأَنْهَٰرَ تَجْرِى مِن تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَٰهُم بِذُنُوبِهِمْ وَأَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قَرْنًا ءَاخَرِينَ

ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق

بۇ كاپىرلار ئاللاھ تائالانىڭ زالىم ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىدىغان قانۇنىيىتىنى بىلىپ يەتمىدىمۇ؟، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئىلگىرى كۆپلىگەن ئۈممەتلەرگە بۇ كاپىرلارغا بەرمىگەن كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى بېرىپ، يەر يۈزىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇزغان، مول يامغۇلارنى ياغدۇرۇپ بەرگەن، تۇرالغۇلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغاندا، قىلغان ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا ئۈممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

7

وَلَوْ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ كِتَٰبًۭا فِى قِرْطَاسٍۢ فَلَمَسُوهُ بِأَيْدِيهِمْ لَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِنْ هَٰذَآ إِلَّا سِحْرٌۭ مُّبِينٌۭ

(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار، شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ روشەن دەلىل كەلگەندىمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتۇر

ئەي پەيغەمبەر! گەرچە بىز ساڭا قەغەزلەرگە يېزىلغان كىتاب نازىل قىلىپ، ئۇلار ئۇنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قوللىرى بىلەن تۇتۇپ ئېنىق بىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارچىلىقى ۋە تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھەمدە: سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسە ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز، دېگەن بولاتتى.

8

وَقَالُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ مَلَكٌۭ ۖ وَلَوْ أَنزَلْنَا مَلَكًۭا لَّقُضِىَ ٱلْأَمْرُ ثُمَّ لَا يُنظَرُونَ

ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى

بۇ كاپىرلار: ئەگەر ئاللاھ مۇھەممەد بىلەن بىرگە بىزگە گەپ قىلالايدىغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر پەرىشتىنى چۈشۈرگەن بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دېيىشتى. ناۋادا بىز ئۇلار تەلەپ قىلغان سۈپەتكە ئىگە بىرەر پەرىشتە چۈشۈرسەك، ئۇلار يەنە ئىمان ئېيتماي تۇرۇۋالسا بىز ئۇلارنى چوقۇم ھالاك قىلىۋېتىمىز، پەرىشتە چۈشكەن چاغدا ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىلمەيدۇ.

9

وَلَوْ جَعَلْنَٰهُ مَلَكًۭا لَّجَعَلْنَٰهُ رَجُلًۭا وَلَلَبَسْنَا عَلَيْهِم مَّا يَلْبِسُونَ

بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، ئەمما پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى)

بىز ئۇلارغا ئەۋەتىلىدىغان پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئىمكانىيىتى بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى يەنىلا ئىنسان قىياپىتىدە قىلغان بولاتتۇق. چۈنكى ئۇلار پەرىشتىنى ئاللاھ ياراتقان شەكىلدە كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى بىر ئىنسان قىياپىتىدە قىلغان تەقدىردە، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۇنىڭ ئەھۋالى گۇمانلىق بوپقالاتتى.

10

وَلَقَدِ ٱسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍۢ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُوا۟ مِنْهُم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى

بۇلار سەن بىلەن بىرگە بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق مەسخىرە قىلغان بولسا، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئىنكار قىلغان ۋە ئاگاھلاندۇرغىنىڭدا مەسخىرە قىلغان ئازاب تەرەپ-تەرەپتىن قورشىۋالغان ئىدى.

Al-An'aam 6:10Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.