Muslim99Muslim99
← Tafsir library

8. Al-Anfaal

The Spoils of War · Medinan · 75 ayahs

سُورَةُ الأَنفَالِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 61–70 of 75

61

۞ وَإِن جَنَحُوا۟ لِلسَّلْمِ فَٱجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ

ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن. اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سۈلھىگە ۋە ئۇرۇش قىلماسلىققا مايىل بولسا سەنمۇ شۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئۇلار بىلەن مۇئاھىدە قىلغىن. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئاللاھقا ئىشەنگىن، ئاللاھ سېنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. نىيەتلىرىنى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

Al-Anfaal 8:61Listen in Qur'an →
62

وَإِن يُرِيدُوٓا۟ أَن يَخْدَعُوكَ فَإِنَّ حَسْبَكَ ٱللَّهُ ۚ هُوَ ٱلَّذِىٓ أَيَّدَكَ بِنَصْرِهِۦ وَبِٱلْمُؤْمِنِينَ

ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، اﷲ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. اﷲ سېنى ئۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى ۋە ئۇرۇش قىلماسلىق بىلەن سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ شەكسىز ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى ۋە ھىلە-مىكرىدىن ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆز ياردىمى بىلەن، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلاردىن ئىبارەت مۆئمىنلەرنىڭ ياردىمى بىلەن سېنى كۈچلەندۈردى.

Al-Anfaal 8:62Listen in Qur'an →
63

وَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ ۚ لَوْ أَنفَقْتَ مَا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًۭا مَّآ أَلَّفْتَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ أَلَّفَ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّهُۥ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ

اﷲ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ؛ لېكىن اﷲ (ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامىلەسى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن ساڭا ياردەم قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى مال-دۇنيانى سەرپ قىلساڭمۇ بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن يەككە-يېگانە ئاللاھ ئۇلارنى بىرلەشتۈردى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرنى بەلگىلەش ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، شەرئىي ھۆكۈمنى يولغا قويۇشىتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:63Listen in Qur'an →
64

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ حَسْبُكَ ٱللَّهُ وَمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ

ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) اﷲ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ شۈبھىسىزكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. سەن بىلەن بىرگە بولغان مۆئمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئىشەنگىن ۋە ئۇنىڭغا تايانغىن.

Al-Anfaal 8:64Listen in Qur'an →
65

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ حَرِّضِ ٱلْمُؤْمِنِينَ عَلَى ٱلْقِتَالِ ۚ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَٰبِرُونَ يَغْلِبُوا۟ مِا۟ئَتَيْنِ ۚ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّا۟ئَةٌۭ يَغْلِبُوٓا۟ أَلْفًۭا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌۭ لَّا يَفْقَهُونَ

ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، (اﷲ نىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ

ئى پەيغەمبەر! مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ھىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇرۇشقا قىزىقتۇرغىن. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەردىن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىداملىق 20 ئادەم بولسا ئۇلار كاپىىرلاردىن 200 نى يېڭەلەيدۇ. ئەگەر سىلەردىن چىداملىق 100 ئادەم بولسا كاپىرلاردىن 1000 ئادەمنى يېڭەلەيدۇ. چۈنكى كاپىرلار ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش قانۇنيىتىنى چۈشەنمەيدىغان، ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيدىغان قەۋمدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.

Al-Anfaal 8:65Listen in Qur'an →
66

ٱلْـَٰٔنَ خَفَّفَ ٱللَّهُ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًۭا ۚ فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّا۟ئَةٌۭ صَابِرَةٌۭ يَغْلِبُوا۟ مِا۟ئَتَيْنِ ۚ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌۭ يَغْلِبُوٓا۟ أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

اﷲ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يىنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، 200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. اﷲ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر

ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلگەچكە سىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ سىلەردىن ھازىر يىنىكلەتتى. سىلەردىن بىر ئادەمگە كاپىرلاردىن 10 ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن 2 ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ۋاجىپ قىلدى. ئەگەر سىلەردىن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىداملىق 100 ئادەم بولسا ئۇلاردىن 200 نى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن چىداملىق1000 ئادەم بولسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلاردىن 2000 نى يېڭىدۇ. ئاللاھ مۆئمىنلەر ئىچىدىن سەۋر قىلغۇچىلارنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ

Al-Anfaal 8:66Listen in Qur'an →
67

مَا كَانَ لِنَبِىٍّ أَن يَكُونَ لَهُۥٓ أَسْرَىٰ حَتَّىٰ يُثْخِنَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ تُرِيدُونَ عَرَضَ ٱلدُّنْيَا وَٱللَّهُ يُرِيدُ ٱلْءَاخِرَةَ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ

پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئىتىنى كۆزلەيسىلەر، اﷲ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

پەيغەمبەرگە كاپىرلار مۆئمىنلەر بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان كاپىرلارنى ئەسىر ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. ئى مۆمىنلەر! سىلەر بەدر ئەسىرلىرىدىن پىدىيە ئېلىشنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ دىنغا ياردەم بېرىش ۋە دىننى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان ئاخرەتنى خالايدۇ. ئاللاھ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە باشقۇرىشىدا غالىبدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرى ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:67Listen in Qur'an →
68

لَّوْلَا كِتَٰبٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَآ أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌۭ

اﷲ نىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزىلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار

سىلەرگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىش، ئەسىرلەردىن پىدىيە ئېلىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى ئاللاھنىڭ بۇلارنى رۇخسەت قىلىش ھەققىدىكى ۋەھيىسى چۈشۈشتىن ئىلگىرى غەنىمەت ۋە پىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرەپتىن قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولاتتىڭلار.

Al-Anfaal 8:68Listen in Qur'an →
69

فَكُلُوا۟ مِمَّا غَنِمْتُمْ حَلَٰلًۭا طَيِّبًۭا ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

(ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر

ئى مۆئمىنلەر! كاپىرلاردىن ئالغان غەنىمەتنى يەڭلار، ئۇ سىلەرگە ھالالدۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆئمىن بەندىلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.

Al-Anfaal 8:69Listen in Qur'an →
70

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ قُل لِّمَن فِىٓ أَيْدِيكُم مِّنَ ٱلْأَسْرَىٰٓ إِن يَعْلَمِ ٱللَّهُ فِى قُلُوبِكُمْ خَيْرًۭا يُؤْتِكُمْ خَيْرًۭا مِّمَّآ أُخِذَ مِنكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر اﷲ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، اﷲ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر

ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى بەدر كۈنى ئەسىر ئالغان ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ قەلبىڭلاردىكى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى مەقسەتنى بىلسە سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان پىدىيەدىنمۇ ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ. سىلەردىن ئېلىنغان پىدىيەگە قايغۇرۇپ كەتمەڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى مۇسۇلمان بولغانلار ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردا ئەمىلىلەشكەن.

Al-Anfaal 8:70Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.