Muslim99Muslim99
← Tafsir library

8. Al-Anfaal

The Spoils of War · Medinan · 75 ayahs

سُورَةُ الأَنفَالِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 51–60 of 75

51

ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّٰمٍۢ لِّلْعَبِيدِ

بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر

ئى كاپىرلار! جانلىرىڭلارنى ئالغان چاغدىكى دەرتلىك ئازاپ، قەبرىلىرىڭلاردىكى ۋە ئاخىرەتتىكى ھالاك قىلغۇچى ئازابنىڭ سەۋەبى دۇنيادا ئۆزۈڭلار قىلغان جىنايەتتۇر. ئاللاھ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:51Listen in Qur'an →
52

كَدَأْبِ ءَالِ فِرْعَوْنَ ۙ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِىٌّۭ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

(بۇ كاپىرلارنىڭ گۇناھ قىلىش ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر

بۇ كاپىرلارغا چۈشكەن ئازاب ئۇلارغىلا خاس ئەمەس بەلكى ئۇ ھەرقانداق زامان ماكاندا كاپىرلارغا ئىجرا بولىدىغان ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدۇر. بۇ ئازابقا پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كاپىر بولغان چېغىدا ئۇلارمۇ ئۇچرىغان. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبلىك قاتتىق جازالىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئازابىنى چۈشۈرگەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كىلەلمەيدۇ. ئۆزىگە ئاسى بولغانلارنى قاتتىق ئازابلىغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:52Listen in Qur'an →
53

ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ لَمْ يَكُ مُغَيِّرًۭا نِّعْمَةً أَنْعَمَهَا عَلَىٰ قَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا۟ مَا بِأَنفُسِهِمْ ۙ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌۭ

بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگۈچە اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

بۇ قاتتىق ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن بىر قەۋمگە ئۆز دەرگاھىدىن بىر نېئمەتنى ئاتا قىلسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتىش، توغرا يولدا بولۇش، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى ھالەتتىن، ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاسى بولۇش، نېئمەتكە تېنىشتىن ئىبارەت ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە ئاللاھ نېئمىتىنى ئۇلاردىن تارتىۋالمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر. ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس.

Al-Anfaal 8:53Listen in Qur'an →
54

كَدَأْبِ ءَالِ فِرْعَوْنَ ۙ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمْ فَأَهْلَكْنَٰهُم بِذُنُوبِهِمْ وَأَغْرَقْنَآ ءَالَ فِرْعَوْنَ ۚ وَكُلٌّۭ كَانُوا۟ ظَٰلِمِينَ

(ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى (كۇفرىلىق ۋە گۇناھ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى (قەۋم) بولدى

بۇ كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى پىرئەۋن جامائەتى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن ئىبارەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سەۋەپلىك ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ پىرئەۋن جامائەسىنى دېڭىزغا غەرق قىلىش بىلەن ھالاك قىلدى. پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ھەربىرى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى. ئۇلار بۇ كۇپرىلىقى تۈپەيلى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ھەقلىق بولدى-دە ئاللاھ ئۇلارغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.

Al-Anfaal 8:54Listen in Qur'an →
55

إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلاردۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدۇ

زېمىندا مېڭىپ يۈرىدىغانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغاچقا ئۇلارغا پۈتۈن دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىل، كۆز ۋە قۇلاقتىن ئىبارەت ھىدايەت ۋاستىلىرى تۈگەشكەن.

Al-Anfaal 8:55Listen in Qur'an →
56

ٱلَّذِينَ عَٰهَدتَّ مِنْهُمْ ثُمَّ يَنقُضُونَ عَهْدَهُمْ فِى كُلِّ مَرَّةٍۢ وَهُمْ لَا يَتَّقُونَ

(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن (مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىكلىرى ئۈستىدە) مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ، ئۇلار اﷲ تىن قورقمايدۇ

سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەنى قۇرەيزە بىلەن مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا سەن بىلەن تۈزگەن مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ. شۇڭا ئەھدىگە ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇلاردىن ئېلىنغان ئەھدىگە ئەمەل قىلمايدۇ.

Al-Anfaal 8:56Listen in Qur'an →
57

فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِى ٱلْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِم مَّنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ

ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، ئارقىدىكىلىرىنىڭ قېچىشى ۋە ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق جازالىغىن (يەنى ئۇلارنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا دەرمانى قالمىسۇن)

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇرۇشتا ئەھدىنى بۇزغانلار بىلەن ئۇرۇشساڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن باشقىلار ئىبرەت ئېلىپ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ۋە ساڭا قارشى دۈشمەنلىرىڭگە ياردەم بېرىشتىن ئەيمىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى باشقىلار ئىبرەت ئالغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق جازالىغىن.

Al-Anfaal 8:57Listen in Qur'an →
58

وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوْمٍ خِيَانَةًۭ فَٱنۢبِذْ إِلَيْهِمْ عَلَىٰ سَوَآءٍ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلْخَآئِنِينَ

ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). اﷲ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ

ئى پەيغەمبەر! ساڭا ئاشكارا بولغان ئىشلاردىن سەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن ئالدامچىلىق ۋە ئەھدىنى بۇزۇشتەك ئىشلارنى سەزسەڭ، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش بىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇئاھىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىڭنى ئۇقتۇرغىن. ئۇلارغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلمىغىن. ئۇلارغا ئۇقتۇرۇشتىن ئىلگىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش خىيانەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى يامان كۆرىدۇ. خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.

Al-Anfaal 8:58Listen in Qur'an →
59

وَلَا يَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَبَقُوٓا۟ ۚ إِنَّهُمْ لَا يُعْجِزُونَ

(بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلمەي قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن) ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

كاپىرلار ئاللاھنىڭ ئازابى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق دەپ ئويلىمىسۇن. ئاللاھنىڭ ئازابى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ ۋە ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلالمايدۇ بەلكى ئازاب ئۇلارغا يېتىدۇ.

Al-Anfaal 8:59Listen in Qur'an →
60

وَأَعِدُّوا۟ لَهُم مَّا ٱسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍۢ وَمِن رِّبَاطِ ٱلْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِن شَىْءٍۢ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ

دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، اﷲ نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، اﷲ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ اﷲ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)

ئى مۆمىنلەر! دۈشمەنلىرىڭلار ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئەسكەرى تەييارلىق قىلىڭلار. يەنى ئوق ئېتىش ۋە ساقلىغان ئاتلارنى ئاللاھ يولىدا تەييارلاڭلار. سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ۋە سىلەرگە مۇسىبەت يېتىشنى كۈتۈپ تۇرىدىغان كاپىرلادىن ئىبارەت سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى قورقىتىسىلەر. سىلەر ئۇلارنى بىلمەيدىغان ۋە سىلەرگە يۇشۇرغان ئاداۋەتنىمۇ بىلمەيدىغان بەلكى ئاللاھ ئۇلارنى ۋە ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يۇشۇرغان نەرسىلەرنى بىلىدىغان باشقا قەۋملەرنى قورقىتىسىلەر. سىلەر سەرپ قىلغان مال ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھ دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرگە ئاخىرەتتە كەمەيتمەستىن تولۇق ساۋاپ بېرىدۇ. ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا ئالدىراڭلار.

Al-Anfaal 8:60Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.