۞ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَا غَنِمْتُم مِّن شَىْءٍۢ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَٰمَىٰ وَٱلْمَسَٰكِينِ وَٱبْنِ ٱلسَّبِيلِ إِن كُنتُمْ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ وَمَآ أَنزَلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا يَوْمَ ٱلْفُرْقَانِ يَوْمَ ٱلْتَقَى ٱلْجَمْعَانِ ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌ
(ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى اﷲ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر اﷲ قا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (اﷲ نىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئى مۆمىنلەر! بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىڭلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن ئالغان غەنىمەت بەشكە بۆلىنىدۇ، بەشنىڭ تۆت ئۆلۈشى مۇجاھىدلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ، قالغان بەشدىن بىر ئۆلۈشى يەنە بەشكە بۆلىنىدۇ. بىر ئۆلۈشى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىبكە تەۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى يېتىملارغا بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى كەمبەغەل مىسكىنلارغا بېرىلىدۇ. يەنە بىر ئۆلۈشى سەپەر جەريانىدا مال-مۈلكتىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئاللاھ دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىپ، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان بەدرى كۈنىدە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغان ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.