۞ وَإِن جَنَحُوا۟ لِلسَّلْمِ فَٱجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن. اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سۈلھىگە ۋە ئۇرۇش قىلماسلىققا مايىل بولسا سەنمۇ شۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئۇلار بىلەن مۇئاھىدە قىلغىن. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئاللاھقا ئىشەنگىن، ئاللاھ سېنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. نىيەتلىرىنى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر