Muslim99Muslim99
← Tafsir library

8. Al-Anfaal

The Spoils of War · Medinan · 75 ayahs

سُورَةُ الأَنفَالِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 31–40 of 75

31

وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَٰتُنَا قَالُوا۟ قَدْ سَمِعْنَا لَوْ نَشَآءُ لَقُلْنَا مِثْلَ هَٰذَآ ۙ إِنْ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ

ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى

ئەگەر ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە ئۇلار ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر بىز بۇ قۇرئانغا ئوخشاش سۆزنى قىلىشنى خالىغان بولساق، ئۇنى ئەلۋەتتە قىلاتتۇق، بىز ئاڭلىغان بۇ قۇرئان پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز، دېدى.

Al-Anfaal 8:31Listen in Qur'an →
32

وَإِذْ قَالُوا۟ ٱللَّهُمَّ إِن كَانَ هَٰذَا هُوَ ٱلْحَقَّ مِنْ عِندِكَ فَأَمْطِرْ عَلَيْنَا حِجَارَةًۭ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ أَوِ ٱئْتِنَا بِعَذَابٍ أَلِيمٍۢ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئەگەر بۇ (يەنى قۇرئان) سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن، ياكى بىزنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغىن!» دېدى

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار: ئى ئاللاھ ئەگەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسە ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، بىزنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە ئېغىر ئازاب كەلتۈرگىن دېگىنىنى خاتىرلىگىن، دېدى. ئۇلار بۇ سۆزلىرىنى كۇپۇرلىقتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دېگەن ئىدى.

Al-Anfaal 8:32Listen in Qur'an →
33

وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ وَأَنتَ فِيهِمْ ۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ مُعَذِّبَهُمْ وَهُمْ يَسْتَغْفِرُونَ

سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) اﷲ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا اﷲ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ

ئەي مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھايات تۇرغان ھالىتىڭدە ئاللاھ ئۈممىتىڭنى - مەيلى ئىمان ئېيتقانلار بولسۇن ياكى ئىمان ئېيتمىغانلار بولسۇن- تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىمايدۇ، سىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىڭ ئۇلارنى ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن گۇناھىلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىۋاتقاندا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلىمايدۇ.

Al-Anfaal 8:33Listen in Qur'an →
34

وَمَا لَهُمْ أَلَّا يُعَذِّبَهُمُ ٱللَّهُ وَهُمْ يَصُدُّونَ عَنِ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ وَمَا كَانُوٓا۟ أَوْلِيَآءَهُۥٓ ۚ إِنْ أَوْلِيَآؤُهُۥٓ إِلَّا ٱلْمُتَّقُونَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرەمغا كىرىشىنى توسۇۋاتسا، اﷲ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ

ئۇلار كىشىلەرنىڭ مەسجىدى ھەرەمنى تاۋاپ قىلىشى ۋە ناماز ئوقۇشىدىن توسۇشتىن ئىبارەت جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن تۇرسا، ئۇلارنى ئازابتىن نېمە توسۇپ قالالايدۇ؟. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ دوستلىرى ئەمەس، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورۇققان تەقۋادار كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر، لېكىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ تولىسى ئەمىليەتتە ئاللاھنىڭ دوستى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ داۋا قىلغان چاغدا (بۇنى) بىلمەيدۇ.

Al-Anfaal 8:34Listen in Qur'an →
35

وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمْ عِندَ ٱلْبَيْتِ إِلَّا مُكَآءًۭ وَتَصْدِيَةًۭ ۚ فَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ

ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ) ئازابىنى تېتىڭلار

مۇشرىكلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق ۋە چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقىڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بەدرى كۈنى ئۆلۈم ۋە ئەسىرگە چۈشۈش ئازابىنى تېتىڭلار.

Al-Anfaal 8:35Listen in Qur'an →
36

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنفِقُونَ أَمْوَٰلَهُمْ لِيَصُدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ فَسَيُنفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيْهِمْ حَسْرَةًۭ ثُمَّ يُغْلَبُونَ ۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحْشَرُونَ

شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال - مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ

شۈبھىسىزكى كاپىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ ۋە سەرپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى نىشاندىن چەتنەپ كەتكەن يوللارغا سەرپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەسرەت بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن مۇئمىنلەر غالىب كىلىدۇ. كاپىرلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە ھەيدەپ كىرگۈزىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.

Al-Anfaal 8:36Listen in Qur'an →
37

لِيَمِيزَ ٱللَّهُ ٱلْخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِ وَيَجْعَلَ ٱلْخَبِيثَ بَعْضَهُۥ عَلَىٰ بَعْضٍۢ فَيَرْكُمَهُۥ جَمِيعًۭا فَيَجْعَلَهُۥ فِى جَهَنَّمَ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَٰسِرُونَ

اﷲ نىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇپ قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر، اﷲ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى - ئۈستىگە دۆۋىلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

ئاللاھ نىجىس كاپىرلار پىرقىسى بىلەن ياخشى مۇئمىنلەر پىرقىسىنى ئايرىش ئۈچۈن، ناچار ئادەملەرنى پۇل-مال ۋە ئىش-ھەركەتلىرى بىلەن ئۈستى- ئۈستىگە توپلاپ جەھەننەمنىڭ ئوتىغا سېلىش ئۈچۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشقا سەرپ قىلغان كاپىرلار جەھەننەمنىڭ ئوتىغا ھەيدىلىدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر، چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى.

Al-Anfaal 8:37Listen in Qur'an →
38

قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِن يَنتَهُوا۟ يُغْفَرْ لَهُم مَّا قَدْ سَلَفَ وَإِن يَعُودُوا۟ فَقَدْ مَضَتْ سُنَّتُ ٱلْأَوَّلِينَ

(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن)

ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭ ئىچىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر ئۇلار كۇپۇرلىقىدىن، مۇئمىننى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن يانسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. يەنى مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار كۇپۇرلىقىغا قايتسا، ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى كىشىلەر ئىچىدىكى قانۇنىيىتى شۇكى، ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ كۇپۇرلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادىلا جازالايدۇ.

Al-Anfaal 8:38Listen in Qur'an →
39

وَقَٰتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌۭ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ كُلُّهُۥ لِلَّهِ ۚ فَإِنِ ٱنتَهَوْا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ بَصِيرٌۭ

پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي اﷲ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) يانسا، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! شېرىك تۈگىگەن، مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇلمىغان، دىن ۋە تائەت- ئىبادەت ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر كاپىر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر كاپىرلار قىلمىشلىرىدىن يانسا ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس.

Al-Anfaal 8:39Listen in Qur'an →
40

وَإِن تَوَلَّوْا۟ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ مَوْلَىٰكُمْ ۚ نِعْمَ ٱلْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ ٱلنَّصِيرُ

ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، اﷲ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، اﷲ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى!

ئەگەر ئۇلار كۇپرىلىقدىن يېنىش ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن ئىبارەت بۇيرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈسە، ئى مۇئمىنلەر بىلىڭلاركى!، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى مەدەت بېرىدۇ. ئاللاھ ئۆزى ئىگە چىققان ئادەمگە نېمىدېگەن ياخشى ئىگە بولغۇچى ھە!، مەدەت بەرگەن ئادەمگە نېمىدېگەن ياخشى مەدەت بەرگۈچى ھە!، كىمگە ئاللاھ ئىگە چىقسا ئۇ نىجات تاپىدۇ، ئاللاھ كىمگە مەدەت بەرسە ئۇ نۇسرەتكە ئېرىشىدۇ.

Al-Anfaal 8:40Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.