Muslim99Muslim99
← Tafsir library

8. Al-Anfaal

The Spoils of War · Medinan · 75 ayahs

سُورَةُ الأَنفَالِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 21–30 of 75

21

وَلَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ

ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ۋەز-نەسىھەت قۇبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلاپ، ئاڭلىغىنىدىن مەنپەئەتلەنمەي تۇرۇپ بىزگە تىلاۋەت قىلىنغان قۇرئاننى قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق دېگەن مۇناپىق ۋە مۇشرىكلارغا ئوخشاش بولماڭلار.

Al-Anfaal 8:21Listen in Qur'an →
22

۞ إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلصُّمُّ ٱلْبُكْمُ ٱلَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ

شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى - ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر

شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلار ئىچىدىن يەر-يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلىماي گاس بولىۋالغان، ھەقنى سۆزلىمەي گاچا بولىۋالغان كىشىلەردۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى ھېس قىلالمايدۇ.

Al-Anfaal 8:22Listen in Qur'an →
23

وَلَوْ عَلِمَ ٱللَّهُ فِيهِمْ خَيْرًۭا لَّأَسْمَعَهُمْ ۖ وَلَوْ أَسْمَعَهُمْ لَتَوَلَّوا۟ وَّهُم مُّعْرِضُونَ

ئەگەر اﷲ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى

ئەگەر ئاللاھ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان بۇ مۇشرىكلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى ئەلۋەتتە ئۇلارغا مەنپەئەتلىنىدىغان، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆججەت ۋە پاكىتلارغا ئېسىلىدىغان رەۋىشتە ھەقىقەتنى ئاڭلىتاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىق يوق دەپ بىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ ئۇلار يۈز ئۆرۈپ بويۇنتاۋلىق قىلغان ھالەتتە ئىماندىن باش تارتىدۇ.

Al-Anfaal 8:23Listen in Qur'an →
24

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱسْتَجِيبُوا۟ لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ ٱلْمَرْءِ وَقَلْبِهِۦ وَأَنَّهُۥٓ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر

ئەي ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سىلەرنى) بىر ئىشقا بۇيرىغان چاغدا بويسۇنۇڭلار، بىر ئىشتىن چەكلىگەن چاغدا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەرنى ھاياتلىقىڭلار بار بولغان ھەقىقەتكە چاقىرسا (ئۇنى قۇبۇل قىلىڭلار). بېلىڭلاركى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، سىلەر ھەقىقەتنى رەت قىلغىنىڭلاردىن كېيىن ھەقىقەتنى ئىرادە قىلغان چېغىڭلاردا سىلەر بىلەن ھەقىقەتنىڭ ئارىسىنى توسۇشقىمۇ قادىردۇر. شۇڭا ھەقىقەتكە ئالدىراڭلار، بېلىڭلاركى سىلەر قىيامات كۈنى بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يېغىلىسىلەر، ئاللاھ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەرگە جازا مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Anfaal 8:24Listen in Qur'an →
25

وَٱتَّقُوا۟ فِتْنَةًۭ لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنكُمْ خَآصَّةًۭ ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا - قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئاراڭلاردىكى يالغۇز ئاسىي ئادەمنىڭ بېشىغىلا كەلمەستىن باشقىلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغان ئازابتىن ساقلىنىڭلار، بېلىڭلاركى ئاللاھنىڭ ئاسىيلارغا ئازابى كۈچلۈكتۇر، شۇڭا سىلەر ئاللاھقا ئاسىي بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.

Al-Anfaal 8:25Listen in Qur'an →
26

وَٱذْكُرُوٓا۟ إِذْ أَنتُمْ قَلِيلٌۭ مُّسْتَضْعَفُونَ فِى ٱلْأَرْضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ ٱلنَّاسُ فَـَٔاوَىٰكُمْ وَأَيَّدَكُم بِنَصْرِهِۦ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

ياد ئېيتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان - تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى

ئەي مۇئمىنلەر! ياد ئېتىڭلاركى ئۆز ۋاقتىدا سىلەر مەككىدە ئاز سانلىق بولۇپ مەككە ئەھلى سىلەرنى بوزەك قىلغان ئىدى، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ تىزلا تالان -تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى مەدىنىدىن ئىبارەت پاناھلىنىدىغان جايغا ئىگە قىلدى. بەدرىدىن ئىبارەت ئۇرۇشلاردا دۈشمىنىڭلارغا قارشى غەلبىگە ئىرىشتۈرۈش ئارقىلىق سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى، دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەر بۇ پاك رىزىقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ نەرسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار ئاللاھنىڭ سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىشى ۋە سىلەرنىڭ كاپىر بولۇپ نېئمەتلەرنى سىلەردىن تارتىۋېلىپ جازالىماسلىقى ئۈچۈندۇر.

Al-Anfaal 8:26Listen in Qur'an →
27

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَخُونُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓا۟ أَمَٰنَٰتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! سىلەر بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىمىلىرىدىن يانماسلىق ئارقىلىق ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەر قىلغىنىڭلارنىڭ خىيانەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامانەت قويۇلغان نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگە خىيانەت قىلماڭلار. خائىنلاردىن بولماڭلار.

Al-Anfaal 8:27Listen in Qur'an →
28

وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَآ أَمْوَٰلُكُمْ وَأَوْلَٰدُكُمْ فِتْنَةٌۭ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجْرٌ عَظِيمٌۭ

بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار

ئەي مۇئمىنلەر! بېلىڭلاركى سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئاللاھ تەرەپتىن سىلەرگە كەلگەن سىناقتۇر، ئۇلار سىلەرنى ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتىن توسۇپ خىيانەت قىلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. بېلىڭلاركى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپات بار، سىلەر مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى دەپ خىيانەت قىلىش ئارقىلىق بۇ مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار.

Al-Anfaal 8:28Listen in Qur'an →
29

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تَتَّقُوا۟ ٱللَّهَ يَجْعَل لَّكُمْ فُرْقَانًۭا وَيُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر اﷲ تىن قورقساڭلار، اﷲ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! بېلىڭلاركى ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پاراسەتنى ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىڭلاردا ھەق بىلەن باتىل ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ سىلەردىن سادىر بولغان يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلىپ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسىدۇر. ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە تەييارلىغان جەننىتى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

Al-Anfaal 8:29Listen in Qur'an →
30

وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ ٱللَّهُ ۖ وَٱللَّهُ خَيْرُ ٱلْمَٰكِرِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، اﷲ نىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۇرۇش ياكى يۇرتۇڭدىن باشقا بىر يۇرتقا سۈرگۈن قىلماقچى بولۇپ ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېسىڭگە ئالغىن. ئۇلار ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكىرىسىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىدۇ ۋە تەدبىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ تەدبىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

Al-Anfaal 8:30Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.