إِذْ يُغَشِّيكُمُ ٱلنُّعَاسَ أَمَنَةًۭ مِّنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۭ لِّيُطَهِّرَكُم بِهِۦ وَيُذْهِبَ عَنكُمْ رِجْزَ ٱلشَّيْطَٰنِ وَلِيَرْبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ ٱلْأَقْدَامَ
ئۆز ۋاقتىدا اﷲ تىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاڭ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (اﷲ نىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى
ئەي مۇئمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىغانلىقىنى، سىلەرنى نىجاسەتلەردىن پاكلاش، قەلبلىرىڭلاردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوق قىلىش، دۈشمەنگە ئۇچراشقان چاغدا بەدەنلىرىڭلارنىڭ مۇستەھكەم، كۆڭۈللىرىڭلارنىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى، قەدەملىرىڭلارنىڭ پېتىپ كەتمەسلىكى ۋە مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ زېمىننى قاتتىق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەڭلار.