Muslim99Muslim99
← Tafsir library

8. Al-Anfaal

The Spoils of War · Medinan · 75 ayahs

سُورَةُ الأَنفَالِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 11–20 of 75

11

إِذْ يُغَشِّيكُمُ ٱلنُّعَاسَ أَمَنَةًۭ مِّنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۭ لِّيُطَهِّرَكُم بِهِۦ وَيُذْهِبَ عَنكُمْ رِجْزَ ٱلشَّيْطَٰنِ وَلِيَرْبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ ٱلْأَقْدَامَ

ئۆز ۋاقتىدا اﷲ تىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاڭ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (اﷲ نىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى

ئەي مۇئمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىغانلىقىنى، سىلەرنى نىجاسەتلەردىن پاكلاش، قەلبلىرىڭلاردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوق قىلىش، دۈشمەنگە ئۇچراشقان چاغدا بەدەنلىرىڭلارنىڭ مۇستەھكەم، كۆڭۈللىرىڭلارنىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى، قەدەملىرىڭلارنىڭ پېتىپ كەتمەسلىكى ۋە مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ زېمىننى قاتتىق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەڭلار.

Al-Anfaal 8:11Listen in Qur'an →
12

إِذْ يُوحِى رَبُّكَ إِلَى ٱلْمَلَٰٓئِكَةِ أَنِّى مَعَكُمْ فَثَبِّتُوا۟ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۚ سَأُلْقِى فِى قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلرُّعْبَ فَٱضْرِبُوا۟ فَوْقَ ٱلْأَعْنَاقِ وَٱضْرِبُوا۟ مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍۢ

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھيى قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا چېپىڭلار

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ بەدرىدە مۇئمىنلەرگە ياردەمچى قىلغان پەرىشتىلەرگە: «ئى پەرىشتىلەر مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن، دۈشمەنلەرگە قارشى مۇئمىنلەرنىڭ ئىرادىلىرىنى كۈچەيتىڭلار، مەن كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قاتتىق قورقۇنچنى سالىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. ئى مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ ئۆلىشى ئۈچۈن بەدەنلىرىگە چېپىڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن توختىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بوغۇملىرى ۋە پۇت-قوللىرىغا چېپىڭلار.

Al-Anfaal 8:12Listen in Qur'an →
13

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَآقُّوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ ۚ وَمَن يُشَاقِقِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، اﷲ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ

بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىقتى، بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئىجرا قىلمىدى، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يانمىدى. كىمكى بۇ ئىشلاردا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئاخىرەتتە دەۋزەخ بىلەن ئېغىر جازالايدۇ.

Al-Anfaal 8:13Listen in Qur'an →
14

ذَٰلِكُمْ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلْكَٰفِرِينَ عَذَابَ ٱلنَّارِ

(ئى كاپىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كاپىرلار (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ

ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىققۇچىلار! بايان قىلىنغان بۇ ئازاب سىلەر ئۈچۈندۇر، سىلەر ھاياتى دۇنيادىلا ئالدىراپ ئۇ ئازابنى تېتىڭلار، ئەگەر سىلەر كۇپۇرلۇقۇڭلار ۋە بويۇنتاۋلىقىڭلار ئۈستىدە ئۆلسەڭلار ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈن دەۋزەخنىڭ ئازابى بار.

Al-Anfaal 8:14Listen in Qur'an →
15

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ زَحْفًۭا فَلَا تُوَلُّوهُمُ ٱلْأَدْبَارَ

ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار)

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! ئەگەر سىلەر ئۇرۇشتا مۇشرىكلار بىلەن ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ قالساڭلار ئۇلارغا مەغلۇپ بولۇپ ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچماڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا چىدامچان بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ.

Al-Anfaal 8:15Listen in Qur'an →
16

وَمَن يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍۢ دُبُرَهُۥٓ إِلَّا مُتَحَرِّفًۭا لِّقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٍۢ فَقَدْ بَآءَ بِغَضَبٍۢ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأْوَىٰهُ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ

كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!

كىمكى قايتا ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاپ تاكتىكا ئىشلىتىش ئۈچۈن قاچقاندەك كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىگىلمەستىن ياكى ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان مەۋجۇت مۇسۇلمان جامائەسەگە قېتىلماستىن دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدىكەن ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپى بىلەن قايتقان بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جايى دەۋزەختۇر، ئۇنىڭ قايتىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان ھە! ئۇنىڭ ئۆزگەرتكەن جايى نېمىدېگەن يامان ھە!

Al-Anfaal 8:16Listen in Qur'an →
17

فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِىَ ٱلْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَآءً حَسَنًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌۭ

(ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) اﷲ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) اﷲ ئاتتى. (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئى مۇئمىنلەر! بەدر كۈنى مۇشرىكلارنى سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق بەلكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرشۈڭلارغا ياردەم قىلدى. ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئاتقىنىڭنى سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىنىڭ ئۇلارغا ئاتقىنىڭنى تەككۈزۈپ بەرگەن ئىدى، ( ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى مۇئمىنلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ سانى ئاز تەييارلىقى ئاجىز بولسىمۇ دۈشمەنلىرىگە قارشى غەلبە ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى سىناش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇئايىڭلارنى ۋە سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئەمەللىرىڭلارنى ۋە سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:17Listen in Qur'an →
18

ذَٰلِكُمْ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُوهِنُ كَيْدِ ٱلْكَٰفِرِينَ

بۇ (اﷲ نىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). اﷲ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر

يۇقىرىدىكى ئىشلار ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، ئاللاھ ئىسلامغا سۇيقەست پىلانلىغان كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:18Listen in Qur'an →
19

إِن تَسْتَفْتِحُوا۟ فَقَدْ جَآءَكُمُ ٱلْفَتْحُ ۖ وَإِن تَنتَهُوا۟ فَهُوَ خَيْرٌۭ لَّكُمْ ۖ وَإِن تَعُودُوا۟ نَعُدْ وَلَن تُغْنِىَ عَنكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْـًۭٔا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُؤْمِنِينَ

(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر

ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ھەددىدىن ئاشقان زالىملارغا ئاللاھنىڭ ئازاب چۈشۈرۈشىنى تىلىسەڭلار، ئاللاھ سىلەر تىلىگەن نەرسىنى ئاللىبۇرۇن چۈشۈرۈپ بولدى. ئاللاھ سىلەرگە جازا، تەقۋادارلارغا ئىبرەت بولىدىغان نەرسىنى چۈشۈردى. ئەگەر سىلەر بۇنى تىلەشتىن توختىساڭلار ئۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، بەلكى ئاللاھ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ سىلەرنى ئالدىراپ جازالىماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر سىلەر ئالاھنىڭ ئازابىنى قايتىدىن تىلىسەڭلار ۋە مۇئمىنلەر بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار بىز سىلەرگە ئازاب چۈشۈرۈپ مۇئمىنلەرگە غەلبىنى چۈشۈرۈشكە ۋەدە قىلىمىز، سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلار ۋە ياردەمچىلىرىڭلارنىڭ سانى كۆپ، تەييارلىقىڭلار تولۇق مۇئمىنلەرنىڭ سانى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا، ئۇ ئادەمدىن غالىپ كەلگۈچى بولمايدۇ.

Al-Anfaal 8:19Listen in Qur'an →
20

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَوَلَّوْا۟ عَنْهُ وَأَنتُمْ تَسْمَعُونَ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىسىدىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەر تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش ۋە چەكلىمىلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەڭلار.

Al-Anfaal 8:20Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.