Muslim99Muslim99
← Tafsir library

8. Al-Anfaal

The Spoils of War · Medinan · 75 ayahs

سُورَةُ الأَنفَالِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 75

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْأَنفَالِ ۖ قُلِ ٱلْأَنفَالُ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِ ۖ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَصْلِحُوا۟ ذَاتَ بَيْنِكُمْ ۖ وَأَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

(ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىيمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، اﷲ تىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار»

ئەي پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن غەنىيمەتلەرنى قانداق تەقسىم قىلغانلىقىڭ ۋە كىملەرگە تەقسىم قىلغانلىقىڭ ھەققىدە سورايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى: غەنىيمەتلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، غەنىيمەتلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تارقىتىلىشى ھەققىدىكى ھۆكۈم ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار پەقەت بويسۇنۇش ۋە باش ئىگىشتۇر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. دوستلۇق، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش، ياخشى ئەخلاق ۋە ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق ئاراڭلاردىكى ئاداۋەت ياكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلىشى قاتارلىق ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار. ئەگەر ھەقىقى مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، چۈنكى ئىمان تائەتكە ئۈندەپ گۇناھ-مەئسىيەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ سوئال بەدر ۋەقەسىدىن كېيىن سورالغان ئىدى.

2

إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ ءَايَٰتُهُۥ زَادَتْهُمْ إِيمَٰنًۭا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ

پەقەت اﷲ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، اﷲ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر

ئاللاھنىڭ نامى ياد ئېتىلسە ئۈنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولۇپ دىللىرى ۋە بەدەنلىرى تائەتكە بويسۇنىدىغان، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئۇنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئىمانى كۈچىيىدىغان، پايدا -مەنپەئەتنى قولغا كەلتۇرۇپ زىياننى دەپئى قىلىشتا پەرۋەردىگارىغىلا تايىنىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقى مۇئمىنلەردۇر.

3

ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقْنَٰهُمْ يُنفِقُونَ

ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل - مالدىن (خۇدا يولىدا) سەرپ قىلىدۇ

ئۇلار نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل تەئدىل ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئۈستىگە) ۋاجىپ بولغان ۋە ۋاجىپ بولمىغان نەپىقىلەرنى بېرىدۇ.

4

أُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُؤْمِنُونَ حَقًّۭا ۚ لَّهُمْ دَرَجَٰتٌ عِندَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌۭ وَرِزْقٌۭ كَرِيمٌۭ

ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ

ئەنە شۇلار ھەقىقى مۇئمىنلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىمان ۋە ئىسلام ئارىسىدىكى زاھىرى خىسلەتلەرنى ئۆزلىرىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ ئېسىل رىزىق ئاتا قىلىدۇ، يۇقىرى مەرتىۋىگە نائىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا تەييارلىغان نېئمەتلەردۇر.

5

كَمَآ أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِنۢ بَيْتِكَ بِٱلْحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقًۭا مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ لَكَٰرِهُونَ

(غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ. مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەر غەنىيمەتنى تەقسىملەشتە ئىختىلاپلىشىپ ۋە تالاش-تارتىش قىلغىنىڭلاردىن كېيىن غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتىنى سىلەردىن تارتىۋېلىپ، غەنىمەت ھەققىدە ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ھۆكۈم قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارىڭ مۇئمىنلەردىن بىر تائىپە ياقتۇرمىسىمۇ ساڭا نازىل قىلغان ۋەھيى ئارقىلىق مۇشرىكلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن سېنى مەدىنىدىن چىقىشقا بۇيرىدى.

6

يُجَٰدِلُونَكَ فِى ٱلْحَقِّ بَعْدَمَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى ٱلْمَوْتِ وَهُمْ يَنظُرُونَ

ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك ئۇرۇشنىڭ بولىدىغانلىقى ئايدىڭلىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىشنى قاتتىق يامان كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك، ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغان ئىدى.

7

وَإِذْ يَعِدُكُمُ ٱللَّهُ إِحْدَى ٱلطَّآئِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ ٱلشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُحِقَّ ٱلْحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦ وَيَقْطَعَ دَابِرَ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. اﷲ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ

ئەي مۇنازىرە قىلغۇچى مۇئمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە مۇشرىكلاردىن بولغان ئىككى گۇرۇھنىڭ بىرىدىن غالىب كېلىدىغىنىڭلارنى يەنى كارۋان ۋە ئۇلار ئېلىپ ماڭغان ماللارنى غەنىمەت ئېلىش ياكى مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلاردىن غالىپ كېلىشىڭلارنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار. سىلەر ئۇرۇش قىلماستىنلا ئىگەللەش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن كارۋاندىن غالىب كېلىشنى ياخشى كۆرۈسىلەر. ئاللاھ ئىسلامنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئەسىر ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ھەقىقەتنى روشەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىرادە قىلدى.

8

لِيُحِقَّ ٱلْحَقَّ وَيُبْطِلَ ٱلْبَٰطِلَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْمُجْرِمُونَ

اﷲ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ

ئاللاھ راستلىقىغا دەلىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ھەقنى ھەقىقەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. باتىلنىڭ باتىللىقىغا روشەن دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق باتىلنى يوققا چىقىرىدۇ. مۇشرىكلار ئۇنى يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى ئاشكارىلايدۇ.

9

إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَٱسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّى مُمِدُّكُم بِأَلْفٍۢ مِّنَ ٱلْمَلَٰٓئِكَةِ مُرْدِفِينَ

ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، اﷲ: «سىلەرگە ئاقىمۇ - ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى

ئەي مۇئمىنلەر! بەدر كۈنىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتىن دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مەدەت بېرىمەن ۋە ئارقىمۇ-ئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى.

10

وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِۦ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا ٱلنَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

اﷲ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت اﷲ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلەن بىشارەت بەردى. دىللىرىڭلار ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن ئارام تېپىشى ئۈچۈن پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم بېرىدۇ. غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى، تەييارلىقنىڭ تولۇق بولىشى بىلەن مەيدانغا كەلمەيدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تەرىپىدىنلا مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئۇستىدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ. ئاللاھ ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Al-Anfaal 8:10Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.