Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 71–80 of 165

71

قُلْ أَنَدْعُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰٓ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ كَٱلَّذِى ٱسْتَهْوَتْهُ ٱلشَّيَٰطِينُ فِى ٱلْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُۥٓ أَصْحَٰبٌۭ يَدْعُونَهُۥٓ إِلَى ٱلْهُدَى ٱئْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز اﷲ نى قويۇپ، بىزگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى اﷲ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، اﷲ نىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ قانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز توغرا يول ئۈستىدىكى ھەمراھلىرى ھەقىقەتكە چاقىرىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتىن باش تارتقانلىقتىن شەيتانلار ئازدۇرۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولمايدىغان چۆل-باياۋانغا تاشلىۋەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يولى شەكسىزكى ھەقىقىي توغرا يول بولۇپ، ئاللاھ بىزنى ئۆزىنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىش ھەمدە يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.

Al-An'aam 6:71Listen in Qur'an →
72

وَأَنْ أَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّقُوهُ ۚ وَهُوَ ٱلَّذِىٓ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

ناماز ئوقۇشقا ۋە اﷲ تىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، (قىيامەت كۈنى) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر

ئاللاھ تائالا بىزنى نامازلىرىمىزنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىشقا، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا يەككە-يېگانە زاتتۇركى، قىيامەت كۈنى پۈتۈن بەندىلىرىنى ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن دەرگاھىغا توپلايدۇ.

Al-An'aam 6:72Listen in Qur'an →
73

وَهُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ ٱلْحَقُّ ۚ وَلَهُ ٱلْمُلْكُ يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ ۚ عَٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ۚ وَهُوَ ٱلْحَكِيمُ ٱلْخَبِيرُ

اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، اﷲ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. اﷲ نىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق رەۋىشتە ياراتتى، ئۇ ھەر نەرسىگە: «ۋۇجۇدقا كەل» دېسىلا دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ چاغدا، يەنى قىيامەت كۈنى بەندىلىرىگە: (قەبرەڭلاردىن) تۇرۇڭلار! دەيدۇ - دە، ھەممەيلەن شۇ ھامانلا تىرىلىپ قوپىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ راست سۆزىدۇركى، بۇ ئىش شەكسىز يۈز بېرىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. بۇ چاغدا ئىسرافىل ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى چالىدۇ. ئاللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ يارىتىشىدا ۋە تەدبىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. بارلىق مەخپىي ئىشلار ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاشكارىغا ئوخشاشتۇر.

Al-An'aam 6:73Listen in Qur'an →
74

۞ وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ ءَازَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا ءَالِهَةً ۖ إِنِّىٓ أَرَىٰكَ وَقَوْمَكَ فِى ضَلَٰلٍۢ مُّبِينٍۢ

ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان اﷲ نى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى

ئەي پەيغەمبەر! (قەۋمىڭگە مۇنۇ ۋەقەلىكنى) سۆزلەپ بەرگىن: ئەينى ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇشرىك دادىسى ئازەرگە: ئەي ئاتا، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى سىغىنىدىغان ئىلاھ قىلىۋالامسەن؟ ھەقىقەتەن مەن سېنى ۋە بۇتلارغا سىغىنىۋاتقان قەۋمىڭنى، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا سىغىنغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ۋە توغرا يولدىن ئادىشىپ قالغان دەپ قارايمەن. چۈنكى سىغىنىشقا ھەقىقىي لايىق زات بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ تائالادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ساختا ئىلاھلاردۇر.

Al-An'aam 6:74Listen in Qur'an →
75

وَكَذَٰلِكَ نُرِىٓ إِبْرَٰهِيمَ مَلَكُوتَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ ٱلْمُوقِنِينَ

ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق

بىز ئىبراھىمغا دادىسى بىلەن قەۋمىنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك، ئاسمانلارنىڭ ۋە بىپايان زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنىمۇ كۆرسىتىمىز. (بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت)، ئىبراھىمنىڭ ئاشۇ چەكسىز ئاجايىباتلارنى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىكىگە ھەمدە ئۇنىڭلا قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق زات ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىشى ئۈچۈندۇركى، مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يېگانە، شېرىكى يوق ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغانلاردىن بولسۇن.

Al-An'aam 6:75Listen in Qur'an →
76

فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ ٱلَّيْلُ رَءَا كَوْكَبًۭا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّى ۖ فَلَمَّآ أَفَلَ قَالَ لَآ أُحِبُّ ٱلْءَافِلِينَ

ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى

كېچە قاراڭغۇلۇقى قاپلىغان چاغدا ئىبراھىم بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، دېدى. ئۇ يۇلتۇز كۆزدىن غايىب بولۇۋىدى: مەن غايىب بولىدىغانلارنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى ھەقىقىي ئىلاھ داۋاملىق ھازىر بولۇپ، يوقاپ كەتمەيدۇ، دېدى.

Al-An'aam 6:76Listen in Qur'an →
77

فَلَمَّا رَءَا ٱلْقَمَرَ بَازِغًۭا قَالَ هَٰذَا رَبِّى ۖ فَلَمَّآ أَفَلَ قَالَ لَئِن لَّمْ يَهْدِنِى رَبِّى لَأَكُونَنَّ مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلضَّآلِّينَ

ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى

ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى: مۇبادا ئاللاھ مېنى ئۆزىنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە يالغۇز ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا، چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ھەق دىنىدىن يىراقلاپ كەتكەنلەردىن بولۇپ كېتەركەنمەن، دېدى.

Al-An'aam 6:77Listen in Qur'an →
78

فَلَمَّا رَءَا ٱلشَّمْسَ بَازِغَةًۭ قَالَ هَٰذَا رَبِّى هَٰذَآ أَكْبَرُ ۖ فَلَمَّآ أَفَلَتْ قَالَ يَٰقَوْمِ إِنِّى بَرِىٓءٌۭ مِّمَّا تُشْرِكُونَ

ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا - جۇدامەن

ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ چىقىۋاتقىنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ يۇلتۇزدىنمۇ، ئايدىنمۇ چوڭدۇر، دېدى. قۇياش پېتىۋىدى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان مەبۇدلاردىن ئادا-جۇدامەن، دېدى.

Al-An'aam 6:78Listen in Qur'an →
79

إِنِّى وَجَّهْتُ وَجْهِىَ لِلَّذِى فَطَرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ حَنِيفًۭا ۖ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ

مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»

شەكسىزكى مەن شېرىكتىن ساپ تەۋھىدكە بۇرۇلغان ھالدا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېچبىر ئۆرنەكسىز ياراتقان زاتقا دىنىمنى خالىس قىلدىم، مەن ئۇنىڭغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن.

Al-An'aam 6:79Listen in Qur'an →
80

وَحَآجَّهُۥ قَوْمُهُۥ ۚ قَالَ أَتُحَٰٓجُّوٓنِّى فِى ٱللَّهِ وَقَدْ هَدَىٰنِ ۚ وَلَآ أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَشَآءَ رَبِّى شَيْـًۭٔا ۗ وَسِعَ رَبِّى كُلَّ شَىْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ

ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى اﷲ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن اﷲ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر!

ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ مۇشرىك قەۋمى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنى بۇتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئىبراھىم ئۇلارغا: سىلەر تېخى مەن بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە قۇلچىلىقنى يالغۇز ئۇنىڭغىلا قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىۋاتامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىم مېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىپ بولدى، مەن سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاللاھ خالىغاندىن باشقا ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ خالىغان ئىش بولىدۇ، ھەر ئىش ئاللاھ بىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇنىڭغا نە زېمىندا، نە ئاسماندا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەي قەۋمىم! ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئىشنى تاشلاپ، يەككە-يېگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتمامسىلەر؟

Al-An'aam 6:80Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.