Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 51–60 of 165

51

وَأَنذِرْ بِهِ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحْشَرُوٓا۟ إِلَىٰ رَبِّهِمْ ۙ لَيْسَ لَهُم مِّن دُونِهِۦ وَلِىٌّۭ وَلَا شَفِيعٌۭ لَّعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ

پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا اﷲ تىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر

ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىشتىن قورقىدىغانلارنى مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان نە بىر دوست، خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتەلەيدىغان نە بىر شاپائەتچى بولمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادارلاردىن بولسۇن. چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن مۇشۇنداق كىشىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.

Al-An'aam 6:51Listen in Qur'an →
52

وَلَا تَطْرُدِ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِٱلْغَدَوٰةِ وَٱلْعَشِىِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُۥ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَىْءٍۢ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِم مِّن شَىْءٍۢ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

اﷲ نىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن

ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ئىزچىل ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىدىغان كەمبەغەل مۇسۇلمانلارنى سورۇنۇڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى يېنىڭغا تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنى قوغلىمىغىن. بۇ كەمبەغەللەرنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھېسابى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئەگەر سەن ئۇلارنى سورۇنۇڭدىن قوغلىۋەتسەڭ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردىن بوپقالىسەن.

Al-An'aam 6:52Listen in Qur'an →
53

وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُم بِبَعْضٍۢ لِّيَقُولُوٓا۟ أَهَٰٓؤُلَآءِ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيْهِم مِّنۢ بَيْنِنَآ ۗ أَلَيْسَ ٱللَّهُ بِأَعْلَمَ بِٱلشَّٰكِرِينَ

ئۇلارنىڭ: «اﷲ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى اﷲ ھىدايەت قىلىدۇ)

ئەنە شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرى ئارقىلىق سىناپ، بۇ دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدە ئۆز-ئارا پەرقلىق قىلدۇق. ئۇلارنى بۇنداق سىناققا مۇپتىلا قىلىشىمىز باي كاپىرلارنىڭ كەمبەغەل مۇئمىنلەرگە: ئاللاھ ئارىمىزدىن توغرا يولنى ئىلتىپات قىلغانلار مۇشۇ يالاڭتۆشلەرمۇ؟ ئەگەر ئىمان ئېيتىش ياخشى ئىش بولسىدى، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ كېتەلمەيتتى، بىز ئالدىنئالا ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى بىلىپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىمۇ ھەممىدىن ياخشى بىلگەچكە، بۇنداقلار بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ.

Al-An'aam 6:53Listen in Qur'an →
54

وَإِذَا جَآءَكَ ٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِـَٔايَٰتِنَا فَقُلْ سَلَٰمٌ عَلَيْكُمْ ۖ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَىٰ نَفْسِهِ ٱلرَّحْمَةَ ۖ أَنَّهُۥ مَنْ عَمِلَ مِنكُمْ سُوٓءًۢا بِجَهَٰلَةٍۢ ثُمَّ تَابَ مِنۢ بَعْدِهِۦ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُۥ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، اﷲ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن

ئەي پەيغەمبەر! سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر يېنىڭغا كەلگىنىدە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ سالىمىنى ئىلىك ئالغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى بىلەن خۇشبېشارەت بەرگىن. ئاللاھ تائالا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇشنى مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئۆزىگە ۋاجىب قىلدى. ئاراڭلاردىن كىمكى بىلمەسلىكتىن، كەم ئەقىللىق بىلەن گۇناھ-مەئسىيەت قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ، ئەمىلىنى تۈزىگەن بولسا، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر.

Al-An'aam 6:54Listen in Qur'an →
55

وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلْءَايَٰتِ وَلِتَسْتَبِينَ سَبِيلُ ٱلْمُجْرِمِينَ

(بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز

يۇقىرىدا ساڭا بايان قىلغىنىمىزدەك، ساختىپەزلەرگە قارشى دەلىل-پاكىتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇنداق قىلىشىمىز جىنايەتچىلەرنىڭ يولى ۋە ئىستىللىرى روشەن بولسۇن ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئېھتىيات قىلىشى ئۈچۈندۇر.

Al-An'aam 6:55Listen in Qur'an →
56

قُلْ إِنِّى نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ ۚ قُل لَّآ أَتَّبِعُ أَهْوَآءَكُمْ ۙ قَدْ ضَلَلْتُ إِذًۭا وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُهْتَدِينَ

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر اﷲ نى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ مېنى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. يەنە ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھتىن باشقىغا تېۋىنىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلمايمەن. مۇبادا بۇ ئىشتا سىلەرنىڭ خاھىشىڭلار بويىچە ئىش قىلىپ قالسام، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىمەن، ھىدايەت تاپالمايمەن. بۇ، ئاللاھتىن كەلگەن پاكىتنى قويۇپ ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەھۋالىدۇر.

Al-An'aam 6:56Listen in Qur'an →
57

قُلْ إِنِّى عَلَىٰ بَيِّنَةٍۢ مِّن رَّبِّى وَكَذَّبْتُم بِهِۦ ۚ مَا عِندِى مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِۦٓ ۚ إِنِ ٱلْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ يَقُصُّ ٱلْحَقَّ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلْفَٰصِلِينَ

ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ۋەھىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم اﷲ قا خاس، اﷲ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، اﷲ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر»

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن شەكسىزكى رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەمەس. سىلەر بۇ پاكىتنى يالغانغا چىقاردىڭلار. سىلەر ئالدىرىتىۋاتقان ئازاب ۋە تەلەپ قىلغان مۆجىزە مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇڭا ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. ئۇ ھەقنى دەيدۇ، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ بولسا ھەقىقەتنى ياقىلىغۇچىنى يالغان-ياۋىداقنىڭ تەرەپدارىدىن ئايرىيدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

Al-An'aam 6:57Listen in Qur'an →
58

قُل لَّوْ أَنَّ عِندِى مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِۦ لَقُضِىَ ٱلْأَمْرُ بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِٱلظَّٰلِمِينَ

ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كاشكى سىلەر ئالدىرىتىۋاتقان ئازاب مېنىڭ ئىلكىمدە بولسىدى، ئەلۋەتتە سىلەرگە چۈشۈرگەن بولاتتىم، ئۇ چاغدا ئارىمىزدىكى مەسىلىمۇ ھەل قىلىنغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا زالىملارغا قانچىلىك مۆھلەت بېرىشنى ۋە قاچان جازالاشنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Al-An'aam 6:58Listen in Qur'an →
59

۞ وَعِندَهُۥ مَفَاتِحُ ٱلْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَآ إِلَّا هُوَ ۚ وَيَعْلَمُ مَا فِى ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ ۚ وَمَا تَسْقُطُ مِن وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍۢ فِى ظُلُمَٰتِ ٱلْأَرْضِ وَلَا رَطْبٍۢ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِى كِتَٰبٍۢ مُّبِينٍۢ

غەيبنىڭ خەزىنىلىرى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا اﷲ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن اﷲ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (اﷲ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر

غەيىبنىڭ خەزىنىلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانسىز مەخلۇقاتلاردىن ئىبارەت قۇرۇقلۇقتىكى بارچە نەرسىلەرنى، دېڭىزدىكى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى، ھەتتا ھەربىر يوپۇرماقنىڭ نەگە چۈشىدىغانلىقىغا قەدەر بىلىپ تۇرىدۇ. يەرگە كۆمۈلگەن بىر تال دان، يەر يۈزىدىكى ھۆل-قۇرۇق قانداق نەرسە بولسا، ئۇ چوقۇم روشەن كىتاب بولغان لەۋھۇلمەھفۇزغا پۈتۈكلۈكتۇر.

Al-An'aam 6:59Listen in Qur'an →
60

وَهُوَ ٱلَّذِى يَتَوَفَّىٰكُم بِٱلَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُم بِٱلنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَىٰٓ أَجَلٌۭ مُّسَمًّۭى ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

اﷲ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى اﷲ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئاللاھ تائالا شۇنداق زاتتۇركى، ئۇ سىلەر ئۇخلىغان ۋاقتىڭلاردا جېنىڭلارنى ۋاقىتلىق ئالىدۇ، كۈندۈزدىكى پائالىيەت ۋاقتىڭلاردا قىلغان-ئەتكەنلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن كۈندىلىك پائالىيىتىڭلارنى قىلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇخلىغان ۋاقىتتا تۇتۇپ قالغان روھىڭلارنى قويۇۋېتىدۇ، بۇ ئەھۋال تاكى سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بەلگىلەنگەن ياشاش مۇددىتىڭلار ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتىدىن تىرىلىپ يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ھاياتىي دۇنيادىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-An'aam 6:60Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.