بَلْ إِيَّاهُ تَدْعُونَ فَيَكْشِفُ مَا تَدْعُونَ إِلَيْهِ إِن شَآءَ وَتَنسَوْنَ مَا تُشْرِكُونَ
ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت اﷲ قا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر اﷲ خالىسا، سىلەر اﷲ نىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى اﷲ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر اﷲ نىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر (يەنى بۇتلارغا ئىلتىجا قىلمايسىلەر)»
ئەمەلىيەتتە سىلەر ئاشۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى ياراتقان ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېلىنمايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن ئۇ خاپىلىقنى قايتۇرۇۋېتىدۇ، زىياننى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ئىگىسى ھەم شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. ئەمما ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدا-زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.