Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 91–100 of 165

91

وَمَا قَدَرُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِۦٓ إِذْ قَالُوا۟ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٍۢ مِّن شَىْءٍۢ ۗ قُلْ مَنْ أَنزَلَ ٱلْكِتَٰبَ ٱلَّذِى جَآءَ بِهِۦ مُوسَىٰ نُورًۭا وَهُدًۭى لِّلنَّاسِ ۖ تَجْعَلُونَهُۥ قَرَاطِيسَ تُبْدُونَهَا وَتُخْفُونَ كَثِيرًۭا ۖ وَعُلِّمْتُم مَّا لَمْ تَعْلَمُوٓا۟ أَنتُمْ وَلَآ ءَابَآؤُكُمْ ۖ قُلِ ٱللَّهُ ۖ ثُمَّ ذَرْهُمْ فِى خَوْضِهِمْ يَلْعَبُونَ

ئۇلار اﷲ نى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھيىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە - پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسىمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسىمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى، (بۇ قۇرئاننى) اﷲ (نازىل قىلدى)». ئاندىن، ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن

مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى. ئۇلار ئەينى چاغدا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھېچقانداق ۋەھىي نازىل قىلمىدى، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۇساغا تەۋراتنى نۇر ۋە ھىدايەت قىلىپ ھەمدە ئۇنىڭ قەۋمىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى قىلىپ نازىل قىلغان كىم؟، يەھۇدىيلار تەۋراتنى دەپتەرلەرگە يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ماس كەلگەن قىسمىنى ئاشكارىلايدۇ، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاش ئۆز خاھىشىغا توغرا كەلمىگەن يەرلەرنى يوشۇرىدۇ. ئەي ئەرەبلەر! سىلەرگە قۇرئاندىن ئۆزۈڭلارمۇ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: تەۋراتنى ئاللاھ نازىل قىلغان، دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى تاكى ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقى ۋە ئازغۇنلۇقىغا قويۇۋەتكىن.

Al-An'aam 6:91Listen in Qur'an →
92

وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلْنَٰهُ مُبَارَكٌۭ مُّصَدِّقُ ٱلَّذِى بَيْنَ يَدَيْهِ وَلِتُنذِرَ أُمَّ ٱلْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا ۚ وَٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِٱلْءَاخِرَةِ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۖ وَهُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ

بۇ (قۇرئان) مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى مۇبارەك كىتابتۇر، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ شۇنداق مۇبارەك بىر كىتابتۇركى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. (بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ بىلەن مەككىلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار مۇشۇ قۇرئانغىمۇ ئىشىنىدۇ، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىدۇ، نامازلىرىنى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ۋاقىتتا تەئدىل-ئەركانلىرى، پەرزلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىگە قەدەر تولۇق ئادا قىلىدۇ.

Al-An'aam 6:92Listen in Qur'an →
93

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِىَ إِلَىَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَىْءٌۭ وَمَن قَالَ سَأُنزِلُ مِثْلَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ ۗ وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِى غَمَرَٰتِ ٱلْمَوْتِ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ بَاسِطُوٓا۟ أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوٓا۟ أَنفُسَكُمُ ۖ ٱلْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ ٱلْهُونِ بِمَا كُنتُمْ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ غَيْرَ ٱلْحَقِّ وَكُنتُمْ عَنْ ءَايَٰتِهِۦ تَسْتَكْبِرُونَ

اﷲ قا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىيى قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىيى قىلىندى دېگەن، ياكى اﷲ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن)، پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر اﷲ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەتەن بەرگەنلىكىڭلار) ۋە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ

ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە ھېچنەرسە نازىل قىلغىنى يوق، دەپ ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھ ئۆزىگە ھېچنەرسە ۋەھىي قىلمىغان تۇرۇقلۇق، يالغاندىن: ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلدى، دېگەن ۋە ياكى: مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغانغا ئوخشاش كىتاب نازىل قىلالايمەن، دېگەن كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشۇ زالىملارنىڭ ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشكەن ھالىتىنى كۆرسەڭ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئازابلاش ۋە ئۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىنى سوزۇپ، ئۇلارغا كايىغان رەۋىشتە: جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، ئەمدى بىز ئۇنى تاپشۇرۇۋالىمىز، سىلەر پەيغەمبەرلىك، ۋەھىي ۋە ئاللاھ نازىل قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىقىڭلار ھەمدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بۈگۈن شۇنداق بىر ئازابقا دۇچار بولىسىلەركى، ئۇ ئازاب سىلەرنى خارۇزار قىلىدۇ، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالنى كۆرگەن بولاتتىڭ.

Al-An'aam 6:93Listen in Qur'an →
94

وَلَقَدْ جِئْتُمُونَا فُرَٰدَىٰ كَمَا خَلَقْنَٰكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍۢ وَتَرَكْتُم مَّا خَوَّلْنَٰكُمْ وَرَآءَ ظُهُورِكُمْ ۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمْ شُفَعَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ زَعَمْتُمْ أَنَّهُمْ فِيكُمْ شُرَكَٰٓؤُا۟ ۚ لَقَد تَّقَطَّعَ بَيْنَكُمْ وَضَلَّ عَنكُم مَّا كُنتُمْ تَزْعُمُونَ

بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق خەلق ئەتكەن بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار، سىلەرگە بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا (يەنى دۇنيادا) قويۇپ كەلدىڭلار، (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بولۇشتا) اﷲ نىڭ شېرىكلىرى دەپ گۇمان قىلغان شاپائەتچىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزمۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر (شاپائەت قىلىدۇ) دەپ گۇمان قىلغان بۇتلار بەربات بولدى

قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: بۈگۈن سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا نە مال-مۈلكۈڭلار، نە ھوقۇقۇڭلار يوق، ھېچكىمسىز تەنھا ھالەتتە، بىز بەرگەن مال-دۇنيالارنى بىراقلا تاشلىۋېتىپ كەلدىڭلار. بىز سىلەرنى دەسلەپتىمۇ مانا مۇشۇنداق يالاڭئاياق، يالىڭاچ، خەتنىمۇ قىلىنمىغان ھالەتتە ياراتقان ئىدۇق. بۈگۈن يېنىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا شاپائەتچى قىلىۋالغان، قۇلچىلىققا لايىقلىقتا ئاللاھقا ئورتاقلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلارنى كۆرمەيمىزغۇ!؟ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ بولدى، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ شاپائەتچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئورتاقلىقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن ئىلاھلىرىڭلارمۇ يېنىڭلاردىن كەتتى.

Al-An'aam 6:94Listen in Qur'an →
95

۞ إِنَّ ٱللَّهَ فَالِقُ ٱلْحَبِّ وَٱلنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ ٱلْحَىَّ مِنَ ٱلْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ ٱلْمَيِّتِ مِنَ ٱلْحَىِّ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ

دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن اﷲ دۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ اﷲ دۇر، (اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟

شەكسىزكى ئاللاھ يەككە-يېگانە زاتتۇركى، ئۇ دانلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن زىرائەتلەرنى چىقىرىدۇ، ئۇرۇقچىلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن خورمىلارنى چىقىرىدۇ، تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، يەنى ئاللاھ ئىنساننى ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى مەنىيدىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ، يەنى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقىرىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان ئاشۇ زات سىلەرنى ياراتقان ئاللاھ تائالادۇر. ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز سەنئىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە نېمە دەپ ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟

Al-An'aam 6:95Listen in Qur'an →
96

فَالِقُ ٱلْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ ٱلَّيْلَ سَكَنًۭا وَٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ حُسْبَانًۭا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ

اﷲ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، اﷲ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر

ئاللاھ تائالا تاڭنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىدۇ. ئۇ زات كېچىنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توختايدىغان ئارام ۋاقتى قىلدى. بۇ، ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى تىرىكچىلىك ھارغىنلىقىدىن ئارام ئېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە مېڭىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى. مەزكۇر ئىشلار تەڭداشسىز سەنئەتتۇركى، ئۇ، ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.

Al-An'aam 6:96Listen in Qur'an →
97

وَهُوَ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلنُّجُومَ لِتَهْتَدُوا۟ بِهَا فِى ظُلُمَٰتِ ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا ٱلْءَايَٰتِ لِقَوْمٍۢ يَعْلَمُونَ

قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنە كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق

ئەي ئادەم باللىرى! سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا يولدىن ئادىشىپ قالغىنىڭلاردا يولنى تېپىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كۆكتە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. بىز كۈچ-قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-پاكىتلارنى شۇنداق كىشىلەرگە بايان قىلدۇقكى، ئۇلار ئاشۇ دەلىل-پاكىتلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

Al-An'aam 6:97Listen in Qur'an →
98

وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَكُم مِّن نَّفْسٍۢ وَٰحِدَةٍۢ فَمُسْتَقَرٌّۭ وَمُسْتَوْدَعٌۭ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا ٱلْءَايَٰتِ لِقَوْمٍۢ يَفْقَهُونَ

اﷲ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق

ئاللاھ تائالا سىلەرنى بىر جاندىن، يەنى ئاتاڭلار ئادەمنىڭ پۇشتىدىن ياراتتى. ئۇ دەسلەپتە ئاتاڭلارنى لايدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۇنىڭدىن ياراتتى ۋە ئانىلىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا ئوخشاش سىلەر تۇرىدىغان جاينى ياراتتى، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئومۇرتقىسىغا ئوخشاش سىلەرنى پۇختا ساقلايدىغان جاينى ياراتتى. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ كالامىنى چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن روشەن بايان قىلدۇق.

Al-An'aam 6:98Listen in Qur'an →
99

وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۭ فَأَخْرَجْنَا بِهِۦ نَبَاتَ كُلِّ شَىْءٍۢ فَأَخْرَجْنَا مِنْهُ خَضِرًۭا نُّخْرِجُ مِنْهُ حَبًّۭا مُّتَرَاكِبًۭا وَمِنَ ٱلنَّخْلِ مِن طَلْعِهَا قِنْوَانٌۭ دَانِيَةٌۭ وَجَنَّٰتٍۢ مِّنْ أَعْنَابٍۢ وَٱلزَّيْتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُشْتَبِهًۭا وَغَيْرَ مُتَشَٰبِهٍ ۗ ٱنظُرُوٓا۟ إِلَىٰ ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثْمَرَ وَيَنْعِهِۦٓ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكُمْ لَءَايَٰتٍۢ لِّقَوْمٍۢ يُؤْمِنُونَ

اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردى، (بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر - بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر - بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى، (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا اﷲ نىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار

ئاللاھ تائالا بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ ئارقىلىق تۈرلۈك-تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق، ئاندىن ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىن تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە يېشىل دەرەخلەرنى چىقاردۇق. ئۇنىڭدىن باشاقلارغا ئوخشاش بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن دانلارنى چىقىرىمىز. خورما چېچىكىدىن ئۆرە تۇرغان ۋە ئولتۇرغان ھەركىمنىڭ قولى يېتىدىغان ساپاق-ساپاق خورمىلار چىقىدۇ. بىز ئۈزۈملۈك باغلارنى بەرپا قىلدۇق، يوپۇرماقلىرى بىر-بىرىگە ئوخىشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن مېۋىلىرى پەرقلىق زەيتۇننى ۋە ئانارنى ئۆستۈردۇق. ئەي ئىنسانلار! ئۇنىڭ دەسلەپكى غورا ھالىتىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراپ بېقىڭلار. شەكسىزكى ئاشۇنىڭدا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىللەر باركى، ئۇلار مۇشۇنداق دەلىل-پاكىتلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.

Al-An'aam 6:99Listen in Qur'an →
100

وَجَعَلُوا۟ لِلَّهِ شُرَكَآءَ ٱلْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ ۖ وَخَرَقُوا۟ لَهُۥ بَنِينَ وَبَنَٰتٍۭ بِغَيْرِ عِلْمٍۢ ۚ سُبْحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ

جىنلارنى اﷲ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى اﷲ قا (مۇشرىكلار ئىختىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر

مۇشرىكلار جىنلارنى پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ قاراپ ئىبادەتتە ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، ھالبۇكى ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگىنى باشقا بىرى ئەمەس بەلكى يەككە يېگانە ئاللاھدۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن، قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىق زاتمۇ ئاللاھدۇر. يەھۇدىيلار ئۇزەيرنى، ناسارالار ئىيسانى ئىلاھ قىلىۋېلىشقاندەك، مۇشرىكلارمۇ ئاللاھقا ئوغۇللارنى نىسبەت بېرىشىپ، پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر.

Al-An'aam 6:100Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.