Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 81–90 of 165

81

وَكَيْفَ أَخَافُ مَآ أَشْرَكْتُمْ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُم بِٱللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِۦ عَلَيْكُمْ سُلْطَٰنًۭا ۚ فَأَىُّ ٱلْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِٱلْأَمْنِ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

اﷲ نىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە اﷲ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز ئەڭ قورقماسلىققا تېگىشلىك»

سىلەر ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنى ھېچ قانداق دەلىلسىز ھالەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتىسىلەر-يۇ، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن قانداقسىگە قورققۇدەكمەن؟ بۇ ئىككى گۇرۇھ، يەنى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن مۇشرىكلاردىن قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ۋە تىنچ-ئامانلىققا لايىقراقكەن؟ سىلەر ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئەڭ لاياقەتلىك دەپ بىلسەڭلار، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئۇلارنىڭ ئەڭ لاياقەتلىكراقى شەكسىزكى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى مۇئمىنلەر توپىدۇر.

Al-An'aam 6:81Listen in Qur'an →
82

ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَلَمْ يَلْبِسُوٓا۟ إِيمَٰنَهُم بِظُلْمٍ أُو۟لَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلْأَمْنُ وَهُم مُّهْتَدُونَ

ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانغا مۇشرىكلىكنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان ھەمدە ئىمانىغا شېرىكنى ئارىلاشتۇرۇپ سالمىغان كىشىلەرگىلا خاتىرجەملىك ۋە تىنچ-ئامانلىق بار. ئۇلار پەرۋەردىگارى ھىدايەت يولىغا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلەردۇر.

Al-An'aam 6:82Listen in Qur'an →
83

وَتِلْكَ حُجَّتُنَآ ءَاتَيْنَٰهَآ إِبْرَٰهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِۦ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَٰتٍۢ مَّن نَّشَآءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌۭ

ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى مات قىلىۋەتكەن «ئىككى گۇرۇھنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا لايىقراق؟» دېگەن بۇ پاكىت بىزنىڭ پاكىتىمىزدۇركى، بىز ئۇنى ئىبراھىمغا ئۆز قەۋمى بىلەن مۇنازىرىلەشسۇن دەپ بەرگەن ئىدۇق. بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ يارىتىشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنى بىلگۈچىدۇر.

Al-An'aam 6:83Listen in Qur'an →
84

وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ إِسْحَٰقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِن قَبْلُ ۖ وَمِن ذُرِّيَّتِهِۦ دَاوُۥدَ وَسُلَيْمَٰنَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَٰرُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ

بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

بىز ئىبراھىمغا ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق، ھەر ئىككىلىسىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق، ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق، نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن داۋۇدنى، ئوغلى سۇلايماننى، ئەييۇبنى، يۈسۈفنى، مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. بىز پەيغەمبەرلەرنى قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا مۇكاپاتلىغىنىمىزغا ئوخشاش، پەيغەمبەر بولمىغانلاردىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز.

Al-An'aam 6:84Listen in Qur'an →
85

وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّۭ مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر

ئەنە شۇنىڭدەك، بىز زەكەرىيا، يەھيا، مەريەم ئوغلى ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئەلچىلىككە تاللىغان ياخشى كىشىلەردىندۇر.

Al-An'aam 6:85Listen in Qur'an →
86

وَإِسْمَٰعِيلَ وَٱلْيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطًۭا ۚ وَكُلًّۭا فَضَّلْنَا عَلَى ٱلْعَٰلَمِينَ

ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق

يەنە شۇنىڭدەك ئىسمائىل، يەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. مۇھەممەد پەيغەمبەر باشچىلىقىدىكى بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى پۈتكۈل ئەھلى جاھاندىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلدۇق.

Al-An'aam 6:86Listen in Qur'an →
87

وَمِنْ ءَابَآئِهِمْ وَذُرِّيَّٰتِهِمْ وَإِخْوَٰنِهِمْ ۖ وَٱجْتَبَيْنَٰهُمْ وَهَدَيْنَٰهُمْ إِلَىٰ صِرَٰطٍۢ مُّسْتَقِيمٍۢ

ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق

بىز ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن بىر قىسمىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى خالىغان كىشىلەردىن قىلدۇق ۋە ئۇلارنى تاللاپ، ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانلىكى ۋە ئىتائىتىنىڭ يولى بولغان بىردىنبىر توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلدۇق.

Al-An'aam 6:87Listen in Qur'an →
88

ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهْدِى بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۚ وَلَوْ أَشْرَكُوا۟ لَحَبِطَ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

اﷲ نىڭ يولى ئەنە شۇدۇر، اﷲ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە، بىكار بولۇپ كېتەتتى

ئۇلار ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇركى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك قىلسا ئەمەللىرى بىكار بوپكېتىدۇ. چۈنكى شېرىك ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

Al-An'aam 6:88Listen in Qur'an →
89

أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَٰهُمُ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحُكْمَ وَٱلنُّبُوَّةَ ۚ فَإِن يَكْفُرْ بِهَا هَٰٓؤُلَآءِ فَقَدْ وَكَّلْنَا بِهَا قَوْمًۭا لَّيْسُوا۟ بِهَا بِكَٰفِرِينَ

ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە تاپشۇرىمىز

ئاشۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەرگە بىز كىتابلارنى بەردۇق، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق. ئەگەر قەۋمىڭ بىز ئۇلارغا بەرگەن مۇشۇ ئۈچ نەرسىگە ئىنكار قىلسا، بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمنى تەق قىلىپ قويدۇق. ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە مەھكەم ئېسىلىدۇ. ئۇلار مۇھاجىرلار، ئەنسارلار ۋە تا قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئېھسان بىلەن ئەگەشكەنلەردۇر.

Al-An'aam 6:89Listen in Qur'an →
90

أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُ ۖ فَبِهُدَىٰهُمُ ٱقْتَدِهْ ۗ قُل لَّآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْعَٰلَمِينَ

ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) اﷲ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر»

ئاشۇ پەيغەمبەرلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن شۇلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغانلار ھەقىقىي توغرا يولدىكى كىشىلەر بولۇپ، سەنمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ، شۇلارنى ئۈلگە قىلغىن. ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، مەن بۇ قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا قارىتا سىلەردىن مۇكاپات كۈتمەيمەن. چۈنكى بۇ قۇرئان ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئىبارەت پۈتكۈل ئەھلى جاھانغا پەند-نەسىھەتتۇركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا ۋە ساغلام يولنى تېپىۋالسۇن.

Al-An'aam 6:90Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.