قُلْ أَنَدْعُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰٓ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ كَٱلَّذِى ٱسْتَهْوَتْهُ ٱلشَّيَٰطِينُ فِى ٱلْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُۥٓ أَصْحَٰبٌۭ يَدْعُونَهُۥٓ إِلَى ٱلْهُدَى ٱئْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز اﷲ نى قويۇپ، بىزگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى اﷲ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، اﷲ نىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ قانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز توغرا يول ئۈستىدىكى ھەمراھلىرى ھەقىقەتكە چاقىرىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتىن باش تارتقانلىقتىن شەيتانلار ئازدۇرۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولمايدىغان چۆل-باياۋانغا تاشلىۋەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يولى شەكسىزكى ھەقىقىي توغرا يول بولۇپ، ئاللاھ بىزنى ئۆزىنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىش ھەمدە يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.