Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 61–70 of 165

61

وَهُوَ ٱلْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِۦ ۖ وَيُرْسِلُ عَلَيْكُمْ حَفَظَةً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ

اﷲ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان - ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ

ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈستىدىن غالىبتۇر، ئۇلارنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر، ھەممە تەرەپتىن ئۇلاردىن ئۈستۈندۇركى، ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئەگدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئەي ئىنسانلار! تاكى ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدا ئەجىلىڭلار ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇبىر خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈرۈشكە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ.

Al-An'aam 6:61Listen in Qur'an →
62

ثُمَّ رُدُّوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ مَوْلَىٰهُمُ ٱلْحَقِّ ۚ أَلَا لَهُ ٱلْحُكْمُ وَهُوَ أَسْرَعُ ٱلْحَٰسِبِينَ

ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز اﷲ غىلا خاستۇر، اﷲ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

ئاندىن كېيىن جانلىرى ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرۇلىدۇكى، ئۇنىڭ ھۆكمى كەسكىندۇر، مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىكى ھۆكمى ئادالەتلىكتۇر. ئۇ ئەمەللىرىڭلارنى ئەڭ تېز سانىغۇچى ۋە مۇكەممەل ھېسابلىغۇچىدۇر.

Al-An'aam 6:62Listen in Qur'an →
63

قُلْ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَٰتِ ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ تَدْعُونَهُۥ تَضَرُّعًۭا وَخُفْيَةًۭ لَّئِنْ أَنجَىٰنَا مِنْ هَٰذِهِۦ لَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلشَّٰكِرِينَ

(ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايى - ئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر اﷲ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ اﷲ قا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدىكى قىيىن پەيتلەردە يولۇققان خەتەرلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەن كىم؟ (سىلەر مۇشۇنداق قىيىن پەيتلەردە) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ئىنتايىن كەمتەرلىك ۋە بىچارىلىك بىلەن: ئەي رەببىمىز! ئەگەر بىزنى مۇشۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرساڭ، ئەلۋەتتە بىز بەرگەن نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، سەندىن باشقىغا چوقۇنمايمىز، دەپ يالغۇز ئاللاھقىلا يېلىنىپ، يالۋۇرىسىلەر.

Al-An'aam 6:63Listen in Qur'an →
64

قُلِ ٱللَّهُ يُنَجِّيكُم مِّنْهَا وَمِن كُلِّ كَرْبٍۢ ثُمَّ أَنتُمْ تُشْرِكُونَ

ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) اﷲ سىلەرنى ئۇلاردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغۇنۇڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ خەتەرلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە پۈتۈن خاپىلىقلاردىن ساقلايدۇ. ئاندىن كېيىن غەمسىز ھالىتىڭلاردا يەنە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر. سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلاردىنمۇ كاتتا زۇلۇم بولامدۇ؟

Al-An'aam 6:64Listen in Qur'an →
65

قُلْ هُوَ ٱلْقَادِرُ عَلَىٰٓ أَن يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًۭا مِّن فَوْقِكُمْ أَوْ مِن تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًۭا وَيُذِيقَ بَعْضَكُم بَأْسَ بَعْضٍ ۗ ٱنظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ ٱلْءَايَٰتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر» ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا ئۈستۈڭلاردىن تاش، چاقماق ۋە تۇپانغا ئوخشاش بالالارنى ئەۋەتىشكە ياكى يەر تەۋرەش ۋە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشقا ئوخشاش ئاستىڭلاردىن بالالارنى ئەۋەتىشكە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى خىلمۇ-خىل قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن ئاراڭلاردىن ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ - دە، بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنسۇن دەپ ئۇلارغا قانچىلىك كۆپ ھەم روشەن دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرگەنلىكىمىزنى ئويلىنىپ باققىن.

Al-An'aam 6:65Listen in Qur'an →
66

وَكَذَّبَ بِهِۦ قَوْمُكَ وَهُوَ ٱلْحَقُّ ۚ قُل لَّسْتُ عَلَيْكُم بِوَكِيلٍۢ

قۇرئان ھەق تۇرسا، ئۇنى قەۋمىڭ ئىنكار قىلدى. «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن

قەۋمىڭ بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىدە قىلچە شەك بولمىغان ھەقىقەت ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە نازارەتچى ئەمەسمەن، مەن پەقەت قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.

Al-An'aam 6:66Listen in Qur'an →
67

لِّكُلِّ نَبَإٍۢ مُّسْتَقَرٌّۭ ۚ وَسَوْفَ تَعْلَمُونَ

(اﷲ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر

ھەرقانداق ئىشنىڭ بەلگىلىك ۋاقتى ۋە ئاخىرلىشىش چېكى بولىدۇ. سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ۋە ئاقىۋىتىڭلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. قىيامەت كۈنى قايتىدىن تىرگۈزۈلگەن ۋاقتىڭلاردا بۇنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.

Al-An'aam 6:67Listen in Qur'an →
68

وَإِذَا رَأَيْتَ ٱلَّذِينَ يَخُوضُونَ فِىٓ ءَايَٰتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا۟ فِى حَدِيثٍ غَيْرِهِۦ ۚ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ ٱلشَّيْطَٰنُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ ٱلذِّكْرَىٰ مَعَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن

ئەي پەيغەمبەر! ھەر قاچان مۇشرىكلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە مەسخىرىلىك پاراڭلارنى قىلىۋاتقانلقىنى كۆرسەڭ، تاكى ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى مەسخىرە قىلىشتىن خالىي تېمىغا يۆتكەلمىگىچە ئۇلاردىن يىراق تۇرغىن. مۇبادا شەيتان سېنى بىخۇت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ بىر ھازادىن كېيىن ئېسىڭنى يىغقىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سورۇنىدىن دەرھال ئايرىلغىن ھەمدە بۇنداق ھەددىدىن ئاشقۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولمىغىن.

Al-An'aam 6:68Listen in Qur'an →
69

وَمَا عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَىْءٍۢ وَلَٰكِن ذِكْرَىٰ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ

تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشلىرى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن) ساقلىنىشلىرى مۇمكىن

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغۇچىلارغا زالىملارنىڭ گۇناھىدىن ھېچنەرسە يۈكلەنمەيدۇ. تەقۋادارلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت گۇناھكارلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان يامان ئىشلاردىن چەكلەشتۇر.

Al-An'aam 6:69Listen in Qur'an →
70

وَذَرِ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ دِينَهُمْ لَعِبًۭا وَلَهْوًۭا وَغَرَّتْهُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا ۚ وَذَكِّرْ بِهِۦٓ أَن تُبْسَلَ نَفْسٌۢ بِمَا كَسَبَتْ لَيْسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِىٌّۭ وَلَا شَفِيعٌۭ وَإِن تَعْدِلْ كُلَّ عَدْلٍۢ لَّا يُؤْخَذْ مِنْهَآ ۗ أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أُبْسِلُوا۟ بِمَا كَسَبُوا۟ ۖ لَهُمْ شَرَابٌۭ مِّنْ حَمِيمٍۢ وَعَذَابٌ أَلِيمٌۢ بِمَا كَانُوا۟ يَكْفُرُونَ

دىننى ئويۇن - كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (كىشىلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا اﷲ تىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! دىنىنى ئويۇن-كۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ مۇشرىكلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۇلار دىننى قانغۇچە مەسخىرە قىلىپ ئوينىۋالسۇن. ئۇلارنى بىر دەملىك نازۇ-نېئمەتلەرگە تولغان دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتتى. ئەي پەيغەمبەر! كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچبىر جان خاتالىق ئۆتكۈزۈۋېرىپ ھالاكەتنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ياردەم تىلەيدىغان ئاللاھتىن باشقا نە بىر دوستى، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالايدىغان نە بىر شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرقانچە بەدەل تۆلىسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەن ئاشۇ كىشىلەرگە قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى سەۋەبلىك ئىنتايىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ ۋە دەرتلىك ئازاب بار.

Al-An'aam 6:70Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.