وَهُوَ ٱلْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِۦ ۖ وَيُرْسِلُ عَلَيْكُمْ حَفَظَةً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ
اﷲ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان - ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ
ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈستىدىن غالىبتۇر، ئۇلارنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر، ھەممە تەرەپتىن ئۇلاردىن ئۈستۈندۇركى، ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئەگدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئەي ئىنسانلار! تاكى ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدا ئەجىلىڭلار ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىرمۇبىر خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈرۈشكە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ.