قَدْ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِلِقَآءِ ٱللَّهِ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتْهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغْتَةًۭ قَالُوا۟ يَٰحَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ
اﷲ قا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزدىن نادامەت» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان!
قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى يىراق سانىغانلار ھەقىقەتەنمۇ زىيان تارتتى. كۈتۈلمىگەندە ھېچبىر شەپىسىز قىيامەت كەلگەن چاغدا ئۇلار قاتتىق پۇشايماندىن: ۋاي ئېسىت! بىز ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، قىيامەت كۈنىگە تەييارلىق قىلماي ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن پۈتۈن ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلاندى، دېيىشىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىنى ئۈستلىرىگە يۈدۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار يۈدۈۋالغان ئاشۇ گۇناھلار نېمىدېگەن قەبىھ!