Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 21–30 of 165

21

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِهِۦٓ ۗ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ

اﷲ قا يالغان چاپلىغان ياكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەملەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ

ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دېگەن ۋە ئاللاھقا شېرىك بىلەن قوشۇپ چوقۇنغان ياكى ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان زالىملار ئەگەر تەۋبە قىلمىسا قەتئىي نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.

Al-An'aam 6:21Listen in Qur'an →
22

وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًۭا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوٓا۟ أَيْنَ شُرَكَآؤُكُمُ ٱلَّذِينَ كُنتُمْ تَزْعُمُونَ

قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «اﷲ نىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز

قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ئەھۋالنى ئەسلىگىنكى، ئۇ چاغدا بىز پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى توپلايمىز، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى چۈشۈرۈپ قويمايمىز. ئاندىن ئاللاھقا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇنغانلارغا كايىپ: سىلەر يالغاندىن ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ داۋراڭ سالغان شېرىكلىرىڭلار قېنى؟ دەپ سورايمىز.

Al-An'aam 6:22Listen in Qur'an →
23

ثُمَّ لَمْ تَكُن فِتْنَتُهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ وَٱللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ

ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! اﷲ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ

مۇشۇ سوراقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن باھانە-سەۋەبلىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى دېيىشتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئۇلار يالغاندىن دېدىلەركى، ئەزبىرايى خۇدا، بىز دۇنيادا ساڭا شېرىك كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدۇق، ئەكسىچە بىز سېنى يالغۇز دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ساڭا ئىشەنگەن ئىدۇق.

Al-An'aam 6:23Listen in Qur'an →
24

ٱنظُرْ كَيْفَ كَذَبُوا۟ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ ۚ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ

ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ

ئەي مۇھەممەد! بۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن شېرىكنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگىمۇ قانداق يالغانچىلىق قىلغانلىقىغا قارىغىن. ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادا ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.

Al-An'aam 6:24Listen in Qur'an →
25

وَمِنْهُم مَّن يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ ۖ وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَن يَفْقَهُوهُ وَفِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَقْرًۭا ۚ وَإِن يَرَوْا۟ كُلَّ ءَايَةٍۢ لَّا يُؤْمِنُوا۟ بِهَا ۚ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوكَ يُجَٰدِلُونَكَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِنْ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشەنمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ. ھەتتا كاپىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ

ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە سېنىڭ قىرائىتىڭنى تىڭشايدىغانلارمۇ بار، لېكىن ئۇلار تىڭشىغان ئايەتلەردىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ۋە قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن دىللىرىنى قۇرئاننى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ پەردىلىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئەسقاتىدىغان ئاڭلاشتىن ئېغىر قىلدۇق. شۇڭا ئۇلار ھەر قانچە روشەن دەلىللەر ۋە ئېنىق پاكىتلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار تېخى سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەنلىرىدە سەن بىلەن ئاساسسىز ھالەتتە ھەقىقەت ئۈستىدە دەتالاش قىلىشىپ: سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسە پەقەت ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان، دېيىشىدۇ.

Al-An'aam 6:25Listen in Qur'an →
26

وَهُمْ يَنْهَوْنَ عَنْهُ وَيَنْـَٔوْنَ عَنْهُ ۖ وَإِن يُهْلِكُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ

ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن (ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىتىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ

ئۇلار باشقىلارنى پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشتىن توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يا باشقىلارنى قۇرئاندىن مەنپەتلەنگىلى قويمايدۇ، ياكى ئۆزلىرى مەنپەئەت ئالالمايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق قىلىقلىرى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى.

Al-An'aam 6:26Listen in Qur'an →
27

وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذْ وُقِفُوا۟ عَلَى ٱلنَّارِ فَقَالُوا۟ يَٰلَيْتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِـَٔايَٰتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ

ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ

ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ دوزاخقا توغرىلانغان چاغدا ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ: كاشكى بىز ھاياتىي دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلماي، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۇئمىنلەردىن بولساق، دېگەن ھالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ نەقەدەر بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئەجەبلىنىپ كېتەتتىڭ.

Al-An'aam 6:27Listen in Qur'an →
28

بَلْ بَدَا لَهُم مَّا كَانُوا۟ يُخْفُونَ مِن قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا۟ لَعَادُوا۟ لِمَا نُهُوا۟ عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَٰذِبُونَ

ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى (قەبىھ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شۇنداق ئارزۇ قىلىشىدۇ) ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر

بۇ ئىش ئۇلارنىڭ «دۇنياغا قايتۇرۇلساق، ئىمان ئېيتىپ مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېگەنلىرىدەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۇلارنىڭ «ئەزبىرايى خۇدا، بىز مۇشرىك ئەمەستۇق» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولغانلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇبادا ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە يەنىلا شۇ چەكلەنگەن كۇپرى ۋە شېرىككە قايتىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار «دۇنياغا قايتۇرۇلۇپ قالساق ئىمان ئېيتاتتۇق» دېگەن ۋەدىسىدە يالغانچىلاردۇر.

Al-An'aam 6:28Listen in Qur'an →
29

وَقَالُوٓا۟ إِنْ هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ

ئۇلار: «ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيدۇ

ئۇ مۇشرىكلار: بىز ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇ ھاياتلىقتىن باشقا ھاياتلىق يوق، بىز ئۆلگـەندىن كېيىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز، دەيدۇ.

Al-An'aam 6:29Listen in Qur'an →
30

وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذْ وُقِفُوا۟ عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ قَالَ أَلَيْسَ هَٰذَا بِٱلْحَقِّ ۚ قَالُوا۟ بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ

ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). اﷲ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. اﷲ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرغۇزۇلغان چاغدىكى ھالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىدىن ھەيران قالارلىق بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: سىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش شەك-شۈبھىسىز يۈز بېرىدىغان ھەقىقەت ئەمەسمىكەن؟ دەيدۇ. ئۇلار: بىزنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئەلۋەتتە بۇ يۈز بېرىشى شەكسىز ھەقىقەت ئىكەن، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا: ئۇنداق بولسا مۇشۇ كۈنگە كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار. چۈنكى سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقىتتا بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دەيدۇ.

Al-An'aam 6:30Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.