قُلْ إِنَّنِى هَدَىٰنِى رَبِّىٓ إِلَىٰ صِرَٰطٍۢ مُّسْتَقِيمٍۢ دِينًۭا قِيَمًۭا مِّلَّةَ إِبْرَٰهِيمَ حَنِيفًۭا ۚ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى تۈپتۈز يولغا، يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالىتى بولغان دىننىڭ يولىغا يېتەكلىدى، ئۇ ھەقكە بۇرۇلغان ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇركى، ئىبراھىم ھېچقاچان مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.