Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 151–160 of 165

151

۞ قُلْ تَعَالَوْا۟ أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ ۖ أَلَّا تُشْرِكُوا۟ بِهِۦ شَيْـًۭٔا ۖ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَٰنًۭا ۖ وَلَا تَقْتُلُوٓا۟ أَوْلَٰدَكُم مِّنْ إِمْلَٰقٍۢ ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ ۖ وَلَا تَقْرَبُوا۟ ٱلْفَوَٰحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ ۖ وَلَا تَقْتُلُوا۟ ٱلنَّفْسَ ٱلَّتِى حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، اﷲ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، الله نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى، كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ نېمىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى ئوقۇپ بېرەي. ئاللاھ سىلەرگە مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەر نەرسىنى ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈشىڭلارنى، ئاتا -ئاناڭلارنى قاقشىتىشىڭلارنى -ئەكسىچە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىش سىلەرگە ۋاجىب-، جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ قىلغىنىدەك كەمبەغەللىك تۈپەيلى بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلارنى ھارام قىلدى. بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا-يۇشۇرۇن ھالدا زىنايى-پاھىشىلەرگە يېقىن يولىشىڭلارنى، ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلارنى ھارام قىلدى، توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلىش، ئىسلامغا كىرىپ بولۇپ دىندىن يېنىۋېلىشقا ئوخشاش (جىنايەتلەر تۈپەيلىدىن) ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىنى چۈشەنسۇن دەپ ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ مەزكۇر ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى.

Al-An'aam 6:151Listen in Qur'an →
152

وَلَا تَقْرَبُوا۟ مَالَ ٱلْيَتِيمِ إِلَّا بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُۥ ۖ وَأَوْفُوا۟ ٱلْكَيْلَ وَٱلْمِيزَانَ بِٱلْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَٱعْدِلُوا۟ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ ٱللَّهِ أَوْفُوا۟ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ

يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، اﷲ قا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»

ئاللاھ سىلەرنىڭ -بالاغەت يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن دادىسىدىن ئايرىلغان- يېتىملەرنىڭ مېلىغا چېقىلىشىڭلارنى ھارام قىلدى. يېتىم تاكى بالاغەتكە يېتىپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مېلىغا پايدىسى تېگىدىغان ۋە ئۇنى كۆپەيتىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرگە ئۆلچەم ۋە تارازىلاردا كەم بېرىشنى ھارام قىلغان بولۇپ، ئەكسىچە سىلەر سودا-سېتىقتىكى ئېلىش-بېرىشلەردە ئادىل بولۇشۇڭلار كېرەك. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايمىز. كەم-زىيادە بوپقېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۆلچەپ-تارتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردە يۈز بېرىپ قالغان كەم-زىيادىلىكلەردە ئەيىبكە بۇيرۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە خەۋەر ياكى گۇۋاھلىقلاردا ھېچبىر ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست-يارەنگە يان باسماستىن توغرىدىن باشقىنى دېيىشىڭلارنى ھارام قىلدى، ئاللاھ يەنە ئەگەر ئاللاھقا بىرەر ۋەدە بەرگەن بولساڭلار ياكى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇشۇڭلارنىمۇ ھارام قىلدى، ئەكسىچە بۇنىڭغا ۋاپا قىلىشىڭلار كېرەك. ئاللاھ سىلەرنى يۇقىرىدا كەسكىن رەۋىشتە بۇيرۇغان بۇ ئىشلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنى ئېسىڭلارغا سېلىش ئۈچۈندۇر.

Al-An'aam 6:152Listen in Qur'an →
153

وَأَنَّ هَٰذَا صِرَٰطِى مُسْتَقِيمًۭا فَٱتَّبِعُوهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعُوا۟ ٱلسُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِۦ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ

ئاللاھ سىلەرنىڭ ئازغۇنلۇق يوللىرىغا مېڭىشىڭلارنى ھارام قىلدى، سىلەر ئاللاھنىڭ ھېچقانداق ئەگرىلىك بولمىغان، تۈپتۈز يولىدا مېڭىشىڭلار كېرەك. ئازغۇنلۇق يوللىرى سىلەرنى تەپرىقچىلىق ۋە توغرا يولدىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھنىڭ تۈپتۈز يولىدا مېڭىش ئاللاھ سىلەرنى تەۋسىيە قىلغان ئىشتۇركى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققايسىلەر.

Al-An'aam 6:153Listen in Qur'an →
154

ثُمَّ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَٰبَ تَمَامًا عَلَى ٱلَّذِىٓ أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًۭا لِّكُلِّ شَىْءٍۢ وَهُدًۭى وَرَحْمَةًۭ لَّعَلَّهُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ

ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردىن خەۋەردار قىلغىنىمىزدىن كېيىن شەكسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەرگەنلىكىمىزنىمۇ ئېيتىپ بېرىمىز. مۇساغا تەۋراتنى بېرىشىمىز، ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمىتىمىزنى تاماملاش، ئۇنى قىلغان ئېھسانىغا قارىتا مۇكاپاتلاش، دىندا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەرقانداق ئىشنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش، توغرىغا يېتەكلەش ۋە رەھمەت قىلىش ئۈچۈندۇركى، بەنى ئىسرائىل قىيامەت كۈنىدىكى پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغاي.

Al-An'aam 6:154Listen in Qur'an →
155

وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلْنَٰهُ مُبَارَكٌۭ فَٱتَّبِعُوهُ وَٱتَّقُوا۟ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ

بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر. اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار

بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان كىتابتۇركى، ئۇ دىنىي ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن بەرىكەتلىكتۇر. شۇڭا رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭدا نازىل قىلىنغانغا ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.

Al-An'aam 6:155Listen in Qur'an →
156

أَن تَقُولُوٓا۟ إِنَّمَآ أُنزِلَ ٱلْكِتَٰبُ عَلَىٰ طَآئِفَتَيْنِ مِن قَبْلِنَا وَإِن كُنَّا عَن دِرَاسَتِهِمْ لَغَٰفِلِينَ

(مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر

ئەي ئەرەب مۇشرىكلىرى! (مېنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزدىن ئىلگىرى يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلدى، ئەمما بىزگە ھېچبىر كىتاب نازىل قىلمىدى، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى تېخى ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى ئۇ كىتابلار ئۇلارنىڭ تىلىدا بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئەمەس، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.

Al-An'aam 6:156Listen in Qur'an →
157

أَوْ تَقُولُوا۟ لَوْ أَنَّآ أُنزِلَ عَلَيْنَا ٱلْكِتَٰبُ لَكُنَّآ أَهْدَىٰ مِنْهُمْ ۚ فَقَدْ جَآءَكُم بَيِّنَةٌۭ مِّن رَّبِّكُمْ وَهُدًۭى وَرَحْمَةٌۭ ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَذَّبَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَصَدَفَ عَنْهَا ۗ سَنَجْزِى ٱلَّذِينَ يَصْدِفُونَ عَنْ ءَايَٰتِنَا سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ بِمَا كَانُوا۟ يَصْدِفُونَ

ياكى سىلەرنىڭ، ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز

يەنە: ئەگەر ئاللاھ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا نازىل قىلغىنىدەك بىزگىمۇ بىرەر كىتاب نازىل قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بەكرەك توغرا يولدا بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگىمۇ ئاللاھ پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆز تىلىڭلاردا نازىل قىلغان كىتاب كەلدى، ئەنە شۇ روشەن پاكىتتۇر، توغرىغا يېتەكلىگەنلىكتۇر، ئۈممەتكە قىلىنغان رەھمەتتۇر. شۇڭا قۇرۇق باھانىلەر بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئاقلاپ، ئاساسسىز سەۋەبلەرنى كۆرسەتمەڭلار. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق. بىز ئايەتلىرىمىزدىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بۇرۇلۇپ، يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىتا جازالاش يۈزىسىدىن ئۇلارنى دوزاخ ئوتىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق قاتتىق ئازابلايمىز.

Al-An'aam 6:157Listen in Qur'an →
158

هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأْتِيَهُمُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ أَوْ يَأْتِىَ رَبُّكَ أَوْ يَأْتِىَ بَعْضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَ ۗ يَوْمَ يَأْتِى بَعْضُ ءَايَٰتِ رَبِّكَ لَا يَنفَعُ نَفْسًا إِيمَٰنُهَا لَمْ تَكُنْ ءَامَنَتْ مِن قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِىٓ إِيمَٰنِهَا خَيْرًۭا ۗ قُلِ ٱنتَظِرُوٓا۟ إِنَّا مُنتَظِرُونَ

ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن

ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە پەقەت دۇنيادا جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھېساب كۈنى كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ قىيامەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىدىن بىرەرى كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ -قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىغا ئوخشاش- بىرەر مۆجىزىسى كەلگەن كۈندە كاپىرنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياخشىلىق قىلمىغان مۇئمىننىڭ بۇ چاغدا قىلغان ياخشىلىقىنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا: سىلەرمۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز، دېگىن.

Al-An'aam 6:158Listen in Qur'an →
159

إِنَّ ٱلَّذِينَ فَرَّقُوا۟ دِينَهُمْ وَكَانُوا۟ شِيَعًۭا لَّسْتَ مِنْهُمْ فِى شَىْءٍ ۚ إِنَّمَآ أَمْرُهُمْ إِلَى ٱللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ

دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا - جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت اﷲ غىلا خاستۇر (يەنى اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن دىنىنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسمىنى چۆرۈۋەتكەن ھەمدە تۈرلۈك-تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ دىنىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ئەمەسسەن. سەن ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن ئادا-جۇداسەن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلغاندۇر. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-An'aam 6:159Listen in Qur'an →
160

مَن جَآءَ بِٱلْحَسَنَةِ فَلَهُۥ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَىٰٓ إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ

قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەردىن قانداق بىر ئادەم بىر ياخشىلىق بىلەن كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىق قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. كىمكى بىر يامانلىق بىلەن كەلسە، جازانىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىدە پەقەت ئۆزى قىلغان يامانلىقىغا تۇشلۇق جازالىنىدۇ، جازا يامانلىقتىن ئېغىرلىتىلمايدۇ. بەندىلەر قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلىرىنىڭ ساۋابى كېمەيتىلىش، يامانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئېغىرلىتىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

Al-An'aam 6:160Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.