Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 131–140 of 165

131

ذَٰلِكَ أَن لَّمْ يَكُن رَّبُّكَ مُهْلِكَ ٱلْقُرَىٰ بِظُلْمٍۢ وَأَهْلُهَا غَٰفِلُونَ

بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق

ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇنداق كەڭچىلىك قىلىش، ھېچكىمنىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىلمەي ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت يەتمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە قارىتا جازالىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىز ھەرقانداق بىر ئۈممەتنى پەقەت پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالاپ باقمىدۇق.

Al-An'aam 6:131Listen in Qur'an →
132

وَلِكُلٍّۢ دَرَجَٰتٌۭ مِّمَّا عَمِلُوا۟ ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ

(ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس

ھەر كىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، يەنى يامانلىقى كۆپ ئادەم بىلەن ئاز ئادەم، ئەگەشكۈچى بىلەن ئەگەشتۈرگۈچى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ مۇكاپاتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەس، بەلكى خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە بەندىلەرگە ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-An'aam 6:132Listen in Qur'an →
133

وَرَبُّكَ ٱلْغَنِىُّ ذُو ٱلرَّحْمَةِ ۚ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَسْتَخْلِفْ مِنۢ بَعْدِكُم مَّا يَشَآءُ كَمَآ أَنشَأَكُم مِّن ذُرِّيَّةِ قَوْمٍ ءَاخَرِينَ

پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇنىڭ نە بەندىلەرگە، نە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە ئېھتىياجى يوق، بەندىلەرنىڭ كاپىر بولۇشى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇ بەندىلەردىن بىھاجەت تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۇلارغا كۈيۈمچاندۇر. ئەي ئاسىي بەندىلەر! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىشنى خالىسا، دەرگاھىدىن ئازاب ئەۋەتىش ئارقىلىق سىلەرنى تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قۇرۇتۇۋېتىپ، خۇددى سىلەرنىمۇ ئىلگىرىكى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن بارلىققا كەلتۈرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىگە ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلىدىغانلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

Al-An'aam 6:133Listen in Qur'an →
134

إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَءَاتٍۢ ۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعْجِزِينَ

سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر

ئەي كاپىرلار! سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان قايتىدىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش ۋە جازا قاتارلىق ئىشلار شەكسىز مەيدانغا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ كۇكۇلا چېچىڭلاردىن تۇتقۇچى بولۇپ، سىلەرنى ئازابلايدۇ.

Al-An'aam 6:134Listen in Qur'an →
135

قُلْ يَٰقَوْمِ ٱعْمَلُوا۟ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّى عَامِلٌۭ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِ ۗ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ»

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلاردا، يەنى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇقۇڭلاردا چىڭ تۇرۇۋېرىڭلار. ھەقىقەتەن مەن كەڭ قورساقلىق بىلەن سىلەرگە ئوپئوچۇق يەتكۈزۈش ئارقىلىق پاكىتلارنى كەلتۈردۈم. شۇڭا ئەمدى سىلەرنىڭ كۇپۇرلۇقۇڭلار ۋە ئازغۇنلۇقۇڭلارغا پەرۋا قىلماستىن ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىمەن. ئۇزۇنغا قالماي دۇنيادا غەلىبىنىڭ كىمگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ۋە دۇنياغا كىمنىڭ ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرەتنىڭمۇ كىمنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. شەكسىزكى مۇشرىكلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دۇنيادا ھەر قانچە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ياشىغان بولسىمۇ ئاقىۋىتى زىيانكارلىق بولىدۇ.

Al-An'aam 6:135Listen in Qur'an →
136

وَجَعَلُوا۟ لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ ٱلْحَرْثِ وَٱلْأَنْعَٰمِ نَصِيبًۭا فَقَالُوا۟ هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَٰذَا لِشُرَكَآئِنَا ۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمْ فَلَا يَصِلُ إِلَى ٱللَّهِ ۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَآئِهِمْ ۗ سَآءَ مَا يَحْكُمُونَ

مۇشرىكلار اﷲ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھار پايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) اﷲ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ اﷲ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن اﷲ نىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، اﷲ نىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار اﷲ قا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە اﷲ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن اﷲ قا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ!

مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ئىبارەت زىرائەتلەر ۋە چاھارپايلاردىن مەلۇم بىر ئۈلۈشىنى ئاللاھقا ئايرىپ قويىدىغان يوق ئىشنى پەيدا قىلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىچە: بۇ ئاللاھنىڭ، ئاۋۇ بۇت-ھەيكەللىرىمىزنىڭ نېسىۋىسى، دېيىشتى. ئۇلار شېرىكلىرىگە ئايرىغان قىسمى كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرگە ئوخشاش ئاللاھ سەرپ قىلىشقا بۇيرۇغان ئورۇنلارغا كېتىپ قالسا بولمايدۇ، ئەمما ئاللاھقا ئايرىغان قىسمىنى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىغا بېرىشكە بولىدۇكى، شۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكمى ۋە تەقسىماتى نېمىدېگەن يامان - ھە!

Al-An'aam 6:136Listen in Qur'an →
137

وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٍۢ مِّنَ ٱلْمُشْرِكِينَ قَتْلَ أَوْلَٰدِهِمْ شُرَكَآؤُهُمْ لِيُرْدُوهُمْ وَلِيَلْبِسُوا۟ عَلَيْهِمْ دِينَهُمْ ۖ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ

مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى اﷲ قا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر اﷲ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى اﷲ قا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت

شەيتان مۇشرىكلارغا مۇشۇنداق ناھەق ھۆكۈمنى چىرايلىق كۆرسەتكىنىدەك، كۆپلىگەن مۇشرىكلارغا شەيتانلاردىن بولغان شېرىكلىرى ئاللاھ ناھەق ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نېمىنىڭ يوللۇق، نېمىنىڭ يولسىز ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىكلىرى ئۈچۈن كەمبەغەللىكتىن ئەنسىرەپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىنى خالىسا ئىدى، قىلمايتتى. لېكىن ئاللاھ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن شۇنداق بولۇشىنى خالىدى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇشلىرى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. چۈنكى بۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن.

Al-An'aam 6:137Listen in Qur'an →
138

وَقَالُوا۟ هَٰذِهِۦٓ أَنْعَٰمٌۭ وَحَرْثٌ حِجْرٌۭ لَّا يَطْعَمُهَآ إِلَّا مَن نَّشَآءُ بِزَعْمِهِمْ وَأَنْعَٰمٌ حُرِّمَتْ ظُهُورُهَا وَأَنْعَٰمٌۭ لَّا يَذْكُرُونَ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَيْهَا ٱفْتِرَآءً عَلَيْهِ ۚ سَيَجْزِيهِم بِمَا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا اﷲ نىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار اﷲ قا يالغان چاپلىدى، اﷲ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ

مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانى ۋە يالغانلىرىغا ئاساسەن، بۇتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ پالان چاھارپاي ۋە پۇستان زىرائەتلەرنى يېيىشىگە بولمايدۇ، دېيىشتى. بۇ چاھارپايلارنى دۈمبىلىرى ھۆرمەتلىك قىلىنغان بولۇپ، مىنىشكە ۋە يۈك ئارتىشقا بولماسمىش. بۇلار بەھىيرە، سائىبە ۋە ھامىي قاتارلىقلار بولۇپ، ھەتتا بوغۇزلانغان چاغدىمۇ ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي، شۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن بوغۇزلىنارمىش. مۇشرىكلار بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ: بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن شۇنداق بۇيرۇلغان، دەپ تۇرۇپ قىلىشتى. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىگە يالغاننى توقۇغانلىقلىرى تۈپەيلى چوقۇم ئازابلايدۇ.

Al-An'aam 6:138Listen in Qur'an →
139

وَقَالُوا۟ مَا فِى بُطُونِ هَٰذِهِ ٱلْأَنْعَٰمِ خَالِصَةٌۭ لِّذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَىٰٓ أَزْوَٰجِنَا ۖ وَإِن يَكُن مَّيْتَةًۭ فَهُمْ فِيهِ شُرَكَآءُ ۚ سَيَجْزِيهِمْ وَصْفَهُمْ ۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٌۭ

ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر» دېدى. ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال - ھارامنى تەيىنلەشتى). اﷲ قا يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، اﷲ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ئۇلار: بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى تۈرەلمىلەر تىرىك تۇغۇلسا بىزنىڭ ئەرلىرىمىزگە ھالال، ئاياللىرىمىزغا ھارامدۇر. ئەگەر ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قالسا ئەر-ئاياللارغا ئورتاقتۇر، دېيىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مۇشۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، شەكسىزكى ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

Al-An'aam 6:139Listen in Qur'an →
140

قَدْ خَسِرَ ٱلَّذِينَ قَتَلُوٓا۟ أَوْلَٰدَهُمْ سَفَهًۢا بِغَيْرِ عِلْمٍۢ وَحَرَّمُوا۟ مَا رَزَقَهُمُ ٱللَّهُ ٱفْتِرَآءً عَلَى ٱللَّهِ ۚ قَدْ ضَلُّوا۟ وَمَا كَانُوا۟ مُهْتَدِينَ

ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە اﷲ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، اﷲ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى

ئەقىلسىزلىكى ۋە نادانلىقىدىن ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئاللاھقا يالغاننى چاپلاپ ئۇ رىزىق قىلىپ بەرگەن چاھارپايلارنى خالىغانچە ھارام قىلغانلار ھالاك بولدى ھەمدە توغرا يولدىن يىراق قىلىندى، ئۇلار ھېچقاچان ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.

Al-An'aam 6:140Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.