Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 121–130 of 165

121

وَلَا تَأْكُلُوا۟ مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ ٱسْمُ ٱللَّهِ عَلَيْهِ وَإِنَّهُۥ لَفِسْقٌۭ ۗ وَإِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ لَيُوحُونَ إِلَىٰٓ أَوْلِيَآئِهِمْ لِيُجَٰدِلُوكُمْ ۖ وَإِنْ أَطَعْتُمُوهُمْ إِنَّكُمْ لَمُشْرِكُونَ

(ئى مۆمىنلەر!) اﷲ نىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان (يەنى بىسمىللاە دەپ زەبھى قىلىنمىغان) ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر

ئەي مۇسۇلمانلار! مەيلى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلغان بولسۇن ياكى ئېيتىلمىغان بولسۇن، ئىشقىلىپ ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماستىن بوغۇزلانغان نەرسىلەرنى يېمەڭلار. ھەقىقەتەن ئۇنى يېيىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن ئاسىيلىققا چىقىپ كەتكەنلىكتۇر. شەكسىزكى شەيتانلار ئۆلۈكنى يېيىش ھەققىدە سىلەر بىلەن دەتالاشقا سېلىش ئۈچۈن ئارىدا گۇمان پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز دوستلىرىغا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەي مۇسۇلمانلار! ئەگەر ئۇلار ئۆلۈكنى ھالال قىلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان گۇماندا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار، سىلەرمۇ شېرىكتە ئۇلار بىلەن ئوخشاش بوپقالىسىلەر.

Al-An'aam 6:121Listen in Qur'an →
122

أَوَمَن كَانَ مَيْتًۭا فَأَحْيَيْنَٰهُ وَجَعَلْنَا لَهُۥ نُورًۭا يَمْشِى بِهِۦ فِى ٱلنَّاسِ كَمَن مَّثَلُهُۥ فِى ٱلظُّلُمَٰتِ لَيْسَ بِخَارِجٍۢ مِّنْهَا ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْكَٰفِرِينَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى

ئاللاھ ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈك ھېسابلانغان، ئاندىن بىز ئۇنى ئىمان، ئىلىم ۋە تائەتكە يېتەكلەش ئارقىلىق قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئادەم، كۇپۇرلۇق، نادانلىق ۋە گۇناھ- مەئسىيەتنىڭ زۇلمەتلىك پاتقاقلىرىغا چىقالمايدىغان دەرىجىدە پېتىپ قالغانلىقتىن نىشاندىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش بولامدۇ؟ بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش ۋە ئاساسسىز مۇنازىرىلىشىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلگەندەك، كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابلارغا دۇچار بولۇشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى.

Al-An'aam 6:122Listen in Qur'an →
123

وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِى كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَٰبِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا۟ فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ

ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە - مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە - مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ

مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقىنىدەك، ھەربىر شەھەردە شەيتاننىڭ يولىغا چاقىرىش، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشتا تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى پىلانلايدىغان كاتتىباش ۋە ئاتامانلارنى قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا چوقۇم ئۆزلىرى چۈشىدۇ. لېكىن ئۇلار نادانلىقى ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.

Al-An'aam 6:123Listen in Qur'an →
124

وَإِذَا جَآءَتْهُمْ ءَايَةٌۭ قَالُوا۟ لَن نُّؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَآ أُوتِىَ رُسُلُ ٱللَّهِ ۘ ٱللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُۥ ۗ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ أَجْرَمُوا۟ صَغَارٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعَذَابٌۭ شَدِيدٌۢ بِمَا كَانُوا۟ يَمْكُرُونَ

ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگە پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. اﷲ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە - مىكىرلەر تۈپەيلىدىن اﷲ نىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئەگەر كاپىرلارنىڭ چوڭلىرىغا ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇلار: «ئاللاھ بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بەرگىنىگە ئوخشاش پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك بەرمىگۈچە ھەرگىز ئىمان ئېيتمايمىز» دېيىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا كىمنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى شۇنداق ئادەمگە بېرىدىغانلىقى بىلەن رەددىيە بەردى. بۇ زالىملار ھەقتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن خار-زەبۇنلۇققا، ھىيلە-نەيرەڭلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

Al-An'aam 6:124Listen in Qur'an →
125

فَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يَهْدِيَهُۥ يَشْرَحْ صَدْرَهُۥ لِلْإِسْلَٰمِ ۖ وَمَن يُرِدْ أَن يُضِلَّهُۥ يَجْعَلْ صَدْرَهُۥ ضَيِّقًا حَرَجًۭا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِى ٱلسَّمَآءِ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْعَلُ ٱللَّهُ ٱلرِّجْسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ

اﷲ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، اﷲ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى اﷲ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ

ئاللاھ تائالا كىمنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ئېچىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. كىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرمەي خار قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ناھايىتى تار ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇكى، ئۇ ئاسمانغا چىقىشنى قىيىن كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنگە ئوخشاش ئۇنىڭ قەلبىگە ھەقىقەت كىرگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلارنى مۇشۇنداق قاتتىق سىقىلىش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغاندەك، ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئازاب قىلىدۇ.

Al-An'aam 6:125Listen in Qur'an →
126

وَهَٰذَا صِرَٰطُ رَبِّكَ مُسْتَقِيمًۭا ۗ قَدْ فَصَّلْنَا ٱلْءَايَٰتِ لِقَوْمٍۢ يَذَّكَّرُونَ

بۇ (يەنى ئىسلام دىنى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا يولغا قويغان بۇ دىن ئاللاھنىڭ تۈپتۈز يولىدۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە ئەگرىلىك يوق. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھ ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭقىرىپ، چۈشىنەلەيدىغانلار ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.

Al-An'aam 6:126Listen in Qur'an →
127

۞ لَهُمْ دَارُ ٱلسَّلَٰمِ عِندَ رَبِّهِمْ ۖ وَهُوَ وَلِيُّهُم بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارى سالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر

ئۇلارغا ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن خاتىرجەم بولىدىغان جاي جەننەت بار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا ياردەمچىسى ۋە قوللىغۇچىسىدۇر.

Al-An'aam 6:127Listen in Qur'an →
128

وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًۭا يَٰمَعْشَرَ ٱلْجِنِّ قَدِ ٱسْتَكْثَرْتُم مِّنَ ٱلْإِنسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَآؤُهُم مِّنَ ٱلْإِنسِ رَبَّنَا ٱسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍۢ وَبَلَغْنَآ أَجَلَنَا ٱلَّذِىٓ أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ ٱلنَّارُ مَثْوَىٰكُمْ خَٰلِدِينَ فِيهَآ إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌۭ

اﷲ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە اﷲ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر - بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، اﷲ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر اﷲ نىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلايدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئاللا ئۇ كۈندە: ئەي جىنلار، سىلەر نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئازدۇردۇپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستۇڭلار، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشكەن ئىنسانلار پەرۋەردىگارىغا جاۋابەن: ئەي رەببىمىز، بىز بىر-بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، يەنى جىنلار ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق پايدىلانغان بولسا، ئىنسانلار شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش بىلەن پايدىلاندى. ئاخىرى بىزگە سەن بېكىتكەن ئەجەل كەلدى. مانا بۇ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا: دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، بۇ جايدا مەڭگۈ قالىسىلەر، لېكىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ قوپۇپ جەھەننەمگە بارغانغا قەدەر بولغان ئاللاھ خالىغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەقدىرى ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن كىملەرنىڭ ئازابقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Al-An'aam 6:128Listen in Qur'an →
129

وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّى بَعْضَ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعْضًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە مۇسەللەت قىلىمىز

جىنلارنىڭ ئاسىيلىرىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئازدۇرۇشىغا يول قويغىنىمىزدەك، بىز ھەربىر زالىمغا ئۇنى يامانلىققا ئۈندەپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، ياخشىلىقتىن بەزدۈرۈپ، تاشلاتقۇزىدىغان يەنە بىر زالىمنى ھۆكۈمران قىلىمىز. (بۇنداق قىلىشىمىز) ئۇنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرىگە قارىتا جازا بېرىش ئۈچۈندۇر.

Al-An'aam 6:129Listen in Qur'an →
130

يَٰمَعْشَرَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌۭ مِّنكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ ءَايَٰتِى وَيُنذِرُونَكُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا۟ شَهِدْنَا عَلَىٰٓ أَنفُسِنَا ۖ وَغَرَّتْهُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا وَشَهِدُوا۟ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا۟ كَٰفِرِينَ

«ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ

بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، سىلەرنى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمىدى؟ دەيمىز. ئۇلار: ئەلۋەتتە كەلگەن، بىز بۈگۈن پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ بىزگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنى ئېتىراپ قىلدۇق، لېكىن بىز دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىڭنى ئىنكار قىلغان، بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدۇق، دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ۋە بىر دەملىك خۇشاللىقى ئالداپ كەتتى، ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى. ئەمما بۇ ئېتىراپ ۋە ئىماننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمدى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ.

Al-An'aam 6:130Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.