Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 111–120 of 165

111

۞ وَلَوْ أَنَّنَا نَزَّلْنَآ إِلَيْهِمُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ ٱلْمَوْتَىٰ وَحَشَرْنَا عَلَيْهِمْ كُلَّ شَىْءٍۢ قُبُلًۭا مَّا كَانُوا۟ لِيُؤْمِنُوٓا۟ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ يَجْهَلُونَ

بىز ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، اﷲ خالىمىغۇچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ

ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى مەيدانغا كەلتۈرسەك، يەنى ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ بەرسەك، ئۇلار پەرىشتىلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلىپ، سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە بىز ئۇلار تەلەپ قىلغان ھەر نەرسىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى خالىغانلاردىن باشقىسى سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمىگەچكە، ئۆزلىرىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يېلىنىپ-يالۋۇرمايدۇ.

Al-An'aam 6:111Listen in Qur'an →
112

وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِىٍّ عَدُوًّۭا شَيَٰطِينَ ٱلْإِنسِ وَٱلْجِنِّ يُوحِى بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍۢ زُخْرُفَ ٱلْقَوْلِ غُرُورًۭا ۚ وَلَوْ شَآءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ

شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە - مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (اﷲ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)

ساڭا مۇشۇ مۇشرىكلارنى دۈشمەن قىلىش ئارقىلىق سىنىغىنىمىزدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىمۇ سىنىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئاسىيلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ئۆزئارا ۋەسۋەسە قىلىشىپ، بىر-بىرىنى ئالداش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداقلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى خالىسا ئىدى، ئۇلار قىلالمايتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن شۇنداق بولۇشىنى خالىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان كۇپرى ۋە يالغانلىرى بىلەن تاشلاپ قويغىن، ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن.

Al-An'aam 6:112Listen in Qur'an →
113

وَلِتَصْغَىٰٓ إِلَيْهِ أَفْـِٔدَةُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْءَاخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا۟ مَا هُم مُّقْتَرِفُونَ

ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ

ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى شەيتانلار ۋەسۋەسە قىلغان نەرسىگە مايىل بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىپ شۇنىڭغا مەمنۇن بولۇشلىرى ئۈچۈن ھەمدە شەيتانلار قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئۇلارنىڭمۇ قىلىشى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ.

Al-An'aam 6:113Listen in Qur'an →
114

أَفَغَيْرَ ٱللَّهِ أَبْتَغِى حَكَمًۭا وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ إِلَيْكُمُ ٱلْكِتَٰبَ مُفَصَّلًۭا ۚ وَٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَٰهُمُ ٱلْكِتَٰبَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُۥ مُنَزَّلٌۭ مِّن رَّبِّكَ بِٱلْحَقِّ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُمْتَرِينَ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) اﷲ تىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ چوقۇنغان بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھتىن باشقا بىر ھۆكۈم قىلغۇچىنى قوبۇل قىلىشىم ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەر نەرسىنى تولۇق بايان قىلغۇچى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى. يەھۇدىيلارغا تەۋراتنى، ناسارالارغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ شەكسىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تاپالايدۇ. شۇڭا بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىدە ئىككىلەنمىگىن.

Al-An'aam 6:114Listen in Qur'an →
115

وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًۭا وَعَدْلًۭا ۚ لَّا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِهِۦ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ

پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. اﷲ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

قۇرئان كەرىم سۆزلىرى ۋە خەۋەرلىرىدە ناھايىتى راستتۇر، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكۈچى يوق. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئادەمنى چوقۇم جازاغا تارتىدۇ.

Al-An'aam 6:115Listen in Qur'an →
116

وَإِن تُطِعْ أَكْثَرَ مَن فِى ٱلْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ

ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ

ئەي پەيغەمبەر! مۇبادا يەر يۈزىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى ئەزەلدىن شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەنكى، ھەقىقەت ئاز سانلىق تەرەپتە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تولىسى پەقەت ئاساسسىز گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار مەبۇدلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇ قاراشتا يالغانچىلاردۇر.

Al-An'aam 6:116Listen in Qur'an →
117

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ مَن يَضِلُّ عَن سَبِيلِهِۦ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِٱلْمُهْتَدِينَ

(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۆز يولىدىن ئازغان كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولدا بولغان ئىنسانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھقا بۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

Al-An'aam 6:117Listen in Qur'an →
118

فَكُلُوا۟ مِمَّا ذُكِرَ ٱسْمُ ٱللَّهِ عَلَيْهِ إِن كُنتُم بِـَٔايَٰتِهِۦ مُؤْمِنِينَ

اﷲ نىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، اﷲ نىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھنىڭ روشەن دەلىللىرىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقۇچى بولساڭلار، بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلغان نەرسىلەرنى يەڭلار.

Al-An'aam 6:118Listen in Qur'an →
119

وَمَا لَكُمْ أَلَّا تَأْكُلُوا۟ مِمَّا ذُكِرَ ٱسْمُ ٱللَّهِ عَلَيْهِ وَقَدْ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيْكُمْ إِلَّا مَا ٱضْطُرِرْتُمْ إِلَيْهِ ۗ وَإِنَّ كَثِيرًۭا لَّيُضِلُّونَ بِأَهْوَآئِهِم بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِٱلْمُعْتَدِينَ

زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى اﷲ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، اﷲ نىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن، (باشقىلارنى) ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھارام قىلىپ، يېمەسلىكىڭلار ۋاجىب بولغان نەرسىلەرنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن تۇرسا، ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن سىلەرنى نېمە توسىدۇ؟ مەجبۇر بوپقالغاندا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسەڭلارمۇ بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈرىيەت ھارامغا رۇخسەت قىلىدۇ. شەكسىزكى كۆپلىگەن مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ نادانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇزۇق قاراشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز تەرەپدارلىرىنى توغرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇكى، ئۇلار ئۆزىچە ئۆلۈپ قالغان ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ بىلىدۇ، بەھىيرە، ۋەسىيلە، ھامىي ۋە باشقا ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋالىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئاللاھنىڭ چېگرالىرىنى ئاشقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆز چېگرالىرىنى ئاشقانلىقىغا قارىتا چوقۇم جازاغا تارتىدۇ.

Al-An'aam 6:119Listen in Qur'an →
120

وَذَرُوا۟ ظَٰهِرَ ٱلْإِثْمِ وَبَاطِنَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْسِبُونَ ٱلْإِثْمَ سَيُجْزَوْنَ بِمَا كَانُوا۟ يَقْتَرِفُونَ

ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ

ئەي ئىنسانلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلەردە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاڭلار. شۈبھىسىزكى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىدىغانلارنى ئاللاھ چوقۇم قىلمىشلىرىغا قارىتا جازاغا تارتىدۇ.

Al-An'aam 6:120Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.