Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 11–20 of 165

11

قُلْ سِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ ثُمَّ ٱنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلْمُكَذِّبِينَ

(ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار»

ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى، مەسخىرىۋازلارغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىڭلار، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭلار. ئۇلار كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەن ئىدى.

Al-An'aam 6:11Listen in Qur'an →
12

قُل لِّمَن مَّا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ قُل لِّلَّهِ ۚ كَتَبَ عَلَىٰ نَفْسِهِ ٱلرَّحْمَةَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَٰمَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ نىڭ»، اﷲ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ھېچقانداق گۇمان بولمىغان قىيامەت كۈنى اﷲ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ. (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىشى بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلاردىن سوراپ باق: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى كىمگە مەنسۇپكەن؟ ئۇلارغا دەپ قويغىنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئۇ بەندىلىرىگە مەرھەمەت قىلىپ، رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشنى ئۆزىگە ۋاجىب قىلدى. شۇڭا ئۇ بەندىلەرنى جازالاشقا ئالدىراپ قالمايدۇ. نىھايەت ئۇلار تەۋبە قىلمىغان چاغدا، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلايدۇ، بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زىيان ئۇرغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ. كاشكى ئۇلار ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۆزلىرىنى زىيانكارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى.

Al-An'aam 6:12Listen in Qur'an →
13

۞ وَلَهُۥ مَا سَكَنَ فِى ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ

كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

كېچە ھەم كۈندۈزدە بار بولغان ھەربىر نەرسىنىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. چوقۇم ئۇلارغا شۇ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-An'aam 6:13Listen in Qur'an →
14

قُلْ أَغَيْرَ ٱللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّۭا فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ ۗ قُلْ إِنِّىٓ أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ

(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى اﷲ تىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ اﷲ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا بۇتلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ چوقۇنۇۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىلگىرىكى ھېچبىر ئۆرنەكسىز ياراتقان زات تۇرسا، مېنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىنى سىردىشىدىغان ۋە ياردەم تىلەيدىغان مەدەتكار قىلىۋېلىشىم ئەقىلگە سىغامدۇ؟! يەنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھتىن ئىلگىرى ھېچكىم يارىتىپ باقمىغان. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ، بەندىلىرىدىن ھېچكىم ئۇنىڭغا رىزىق بېرىدىغان ئىش يوق. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىدىن بىھاجەت، ئەمما بەندىلەر ئۇنىڭغا مۇھتاجدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم مېنى مۇشۇ ئۈممەت ئىچىدىن ئۆزىگە بويسۇنغان ۋە باش ئەگكەنلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇشقا بۇيرۇدى ھەمدە ئۆزىگە باشقىلارنى شېرىك قىلىدىغانلاردىن بوپقېلىشتىن چەكلىدى.

Al-An'aam 6:14Listen in Qur'an →
15

قُلْ إِنِّىٓ أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّى عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍۢ

(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام (يەنى پەرۋەردىگارىمدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلسام)، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»

ئەي پەيغەمبەر! مۇبادا مەن ئاللاھ ھارام قىلغان شېرىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى قىلىش ياكى بەجا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلماسلىق ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ مېنى قىيامەت كۈنى كاتتا ئازاب بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن، دېگىن.

Al-An'aam 6:15Listen in Qur'an →
16

مَّن يُصْرَفْ عَنْهُ يَوْمَئِذٍۢ فَقَدْ رَحِمَهُۥ ۚ وَذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْمُبِينُ

مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئاشۇ ئازابتىن كىمنى يىراق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۆزى ھېچبىر ئۇتۇق تەڭ كېلەلمەيدىغان روشەن غەلىبىدۇر.

Al-An'aam 6:16Listen in Qur'an →
17

وَإِن يَمْسَسْكَ ٱللَّهُ بِضُرٍّۢ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِن يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍۢ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌۭ

ئەگەر اﷲ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

ئەي ئادەم ئەۋلادى! ئەگەر ساڭا ئاللاھتىن بىرەر كۈلپەت كەلسە، ئۇنى سەندىن ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. ساڭا ئاللاھتىن بىرەر ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا توسقۇنلۇق قىلالايدىغان ھېچنەرسە يوق. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.

Al-An'aam 6:17Listen in Qur'an →
18

وَهُوَ ٱلْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِۦ ۚ وَهُوَ ٱلْحَكِيمُ ٱلْخَبِيرُ

اﷲ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر

ئاللاھ بەندىلىرى ئۈستىدىن غالىبتۇر، ئۇلارنى بويسۇندۇرغۇچىدۇر، ھەممە تەرەپتىن ئۇلاردىن ئۈستۈندۇركى، ھېچنەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدۇ، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ، ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر، ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئۇ يارىتىشىدا، پىلانلىشىدا ۋە قانۇن يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

Al-An'aam 6:18Listen in Qur'an →
19

قُلْ أَىُّ شَىْءٍ أَكْبَرُ شَهَٰدَةًۭ ۖ قُلِ ٱللَّهُ ۖ شَهِيدٌۢ بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ ۚ وَأُوحِىَ إِلَىَّ هَٰذَا ٱلْقُرْءَانُ لِأُنذِرَكُم بِهِۦ وَمَنۢ بَلَغَ ۚ أَئِنَّكُمْ لَتَشْهَدُونَ أَنَّ مَعَ ٱللَّهِ ءَالِهَةً أُخْرَىٰ ۚ قُل لَّآ أَشْهَدُ ۚ قُلْ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌۭ وَٰحِدٌۭ وَإِنَّنِى بَرِىٓءٌۭ مِّمَّا تُشْرِكُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇناھ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر اﷲ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا - جۇدامەن»

ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا گۇۋاھچىسى قايسى؟ ئېيتقىنكى، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا گۇۋاھچى ئاللاھتۇر. ئۇ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى گۇۋاھچىدۇر. ئۇ مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى رەت قىلغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ماڭا بۇ قۇرئاننى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلغان. مەن قۇرئان بىلەن ئۇ يېتىپ بارغان ئىنسان ۋە جىنلارنى ئاگاھلاندۇرىمەن. ئەي مۇشرىكلار! شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن يەنە باشقا مەبۇدلارمۇ بار دەپ ئېتىقاد قىلىسىلەر. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن سىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلغىنىڭلار ئاساسسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرمەيمەن. پەقەت ئاللاھ تائالالا يېگانە ئىلاھتۇركى، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، شەكسىزكى مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان بارچە نەرسىلەردىن ئادا-جۇدامەن.

Al-An'aam 6:19Listen in Qur'an →
20

ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَٰهُمُ ٱلْكِتَٰبَ يَعْرِفُونَهُۥ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَآءَهُمُ ۘ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ

بىز تەۋرات بەرگەن يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىل بەرگەن ناسارالار ئۆز بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئىچىدىن قانداق تونۇۋالالىغان بولسا، مۇھەممەدنىمۇ شۇنداق ئېنىق تونۇيدۇ. ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زىيان ئۇرغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.

Al-An'aam 6:20Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.