Muslim99Muslim99
← Tafsir library

6. Al-An'aam

The Cattle · Meccan · 165 ayahs

سُورَةُ الأَنۡعَامِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 101–110 of 165

101

بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُۥ وَلَدٌۭ وَلَمْ تَكُن لَّهُۥ صَٰحِبَةٌۭ ۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَىْءٍۢ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌۭ

اﷲ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، اﷲ نىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى اﷲ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى اﷲ ئوبدان بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ خوتۇنى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى ياراتقان تۇرسا، قانداقسىگە بالىسى بولغۇدەك؟! ئۇ ھەر ئىشنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش مەخپىي قالمايدۇ.

Al-An'aam 6:101Listen in Qur'an →
102

ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ خَٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍۢ فَٱعْبُدُوهُ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ وَكِيلٌۭ

ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، اﷲ تىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر

ئەي ئىنسانلار! ئاشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان زات سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇركى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارىڭلار يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلارمۇ يوق. ئۇ ھەر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىدۇركى، يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىق بولغان، ھەر نەرسىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر.

Al-An'aam 6:102Listen in Qur'an →
103

لَّا تُدْرِكُهُ ٱلْأَبْصَٰرُ وَهُوَ يُدْرِكُ ٱلْأَبْصَٰرَ ۖ وَهُوَ ٱللَّطِيفُ ٱلْخَبِيرُ

كۆزلەر اﷲ نى كۆرمەيدۇ، اﷲ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر

كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا كۆزلەرنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا سالىھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەرداردۇر.

Al-An'aam 6:103Listen in Qur'an →
104

قَدْ جَآءَكُم بَصَآئِرُ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَنْ أَبْصَرَ فَلِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَنْ عَمِىَ فَعَلَيْهَا ۚ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيْكُم بِحَفِيظٍۢ

(ئى پەيغەمبەر ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا ئۆزىگە پايدا، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمىسا (يەنى باش تارتسا) ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن)

ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن روشەن دەلىل-پاكىتلار كەلدى. قانداق ئادەم ئۇ ھەقتە ئويلىنىپ، بويسۇنسا، بۇ ئۇنىڭغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. كىمكى ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇ ھەقتە ئويلانمىسا ۋە بويسۇنمىسا، ئۇنىڭ زىيىنى پەقەت شۇ كىشىگىلا بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى ھېسابلاپ تۇرىدىغان نازارەتچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەرمەن. پەرۋەردىگارىم سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

Al-An'aam 6:104Listen in Qur'an →
105

وَكَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ ٱلْءَايَٰتِ وَلِيَقُولُوا۟ دَرَسْتَ وَلِنُبَيِّنَهُۥ لِقَوْمٍۢ يَعْلَمُونَ

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): (ئى مۇھەممەد!) سەن (قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگەندىڭ دەيدۇ دەپ، ھەقنى بىلىدىغان قەۋمگە بايان قىلىمىز دەپ، ئايەتلەرنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلدۇق

ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىنى خىلمۇ-خىل قىلغىنىمىزدەك، ئۇنىڭ ۋەدىسى، تەھدىتلىرى ۋە پەند-نەسىھەتلىرى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىمۇ ئايرىم-ئايرىم كەلتۈرىمىز. مۇشرىكلار چوقۇم: بۇ ۋەھىي ئەمەس، سەن بۇنى ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئۆگىنىۋاپسەن، دېيىشىدۇ. بىز مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن مۇئمىن بولۇپ ھەقنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە بۇ ئايەتلىرىمىزنى خىلمۇ-خىل شەكىلدە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەرگە ھەقنى يورۇتۇپ بەرمەكچىمىز.

Al-An'aam 6:105Listen in Qur'an →
106

ٱتَّبِعْ مَآ أُوحِىَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ وَأَعْرِضْ عَنِ ٱلْمُشْرِكِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن؛ اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھەقىقەتكە ئەمەل قىلغىن. ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا بەرھەق مەبۇد يوقتۇر. كۆڭلۈڭ كاپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرسالىقىدا قالمىسۇن. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن.

Al-An'aam 6:106Listen in Qur'an →
107

وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشْرَكُوا۟ ۗ وَمَا جَعَلْنَٰكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًۭا ۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍۢ

ئەگەر اﷲ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن

ئەگەر ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكلىرىنى خالىسا ئىدى، ئۇلار زادى ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ تۇرىدىغان كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا نازارەتچىمۇ ئەمەسسەن. سەن پەقەت بىر پەيغەمبەر، سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ پەقەت ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر.

Al-An'aam 6:107Listen in Qur'an →
108

وَلَا تَسُبُّوا۟ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَسُبُّوا۟ ٱللَّهَ عَدْوًۢا بِغَيْرِ عِلْمٍۢ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِم مَّرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ اﷲ نى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)

ئەي مۇئمىنلەر! مۇشرىكلار نادانلىقتىن ئاللاھقا تىل ئۇزىتىپ، نالايىق سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنغان بۇتلارنى ھەر قانچە ئەرزىمەس ۋە تىللاشقا ئەڭ لايىق بولغان تەقدىردىمۇ تىللىماڭلار. بۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلگەندەك، ھەر ئۈممەتكە ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىز چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىشلارنى قىلدى. ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قايتىدىغان جايى پەرۋەردىگارى تەرەپكە بولىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇلارغا بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-An'aam 6:108Listen in Qur'an →
109

وَأَقْسَمُوا۟ بِٱللَّهِ جَهْدَ أَيْمَٰنِهِمْ لَئِن جَآءَتْهُمْ ءَايَةٌۭ لَّيُؤْمِنُنَّ بِهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا ٱلْءَايَٰتُ عِندَ ٱللَّهِ ۖ وَمَا يُشْعِرُكُمْ أَنَّهَآ إِذَا جَآءَتْ لَا يُؤْمِنُونَ

ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) اﷲ نىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن

مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قولىدىن كېلىدىغان قەسەمنىڭ ھەممىنى قىلىپ: ئەگەر مۇھەممەد ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنىڭ بىرەرىنى كەلتۈرەلىسە، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغاندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا دەپ قويغىنكى، مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش مېنىڭ ئىلكىمدىكى ئىش ئەمەس. ئۇ پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاشۇ مۆجىزىلەر كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقى ۋە ئىنكارچىلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىدايەت تېپىشنى خالىمايدۇ.

Al-An'aam 6:109Listen in Qur'an →
110

وَنُقَلِّبُ أَفْـِٔدَتَهُمْ وَأَبْصَٰرَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا۟ بِهِۦٓ أَوَّلَ مَرَّةٍۢ وَنَذَرُهُمْ فِى طُغْيَٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ

ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنى ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز

ئۇلارنىڭ تەرسالىقى تۈپەيلىدىن دەسلەپتىمۇ ئۇلار بىلەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش ئارىسىنى توسۇپ قويغىنىمىزدەك، يەنە ئۇلارنىڭ دىللىرى ۋە كۆزلىرى بىلەن ھەقنى تېپىش ئارىسىنى پەردە ئارقىلىق توسۇۋېتىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنى ئازغۇنلۇقى ۋە پەرۋەردىگارىغا بولغان قارشىلىقىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي تېڭىرقىغان ھالدا تاشلاپ قويىمىز.

Al-An'aam 6:110Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.