ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَجَعَلَ ٱلظُّلُمَٰتِ وَٱلنُّورَ ۖ ثُمَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان اﷲ قا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ
مۇتلەق مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇش، مۇھەببەت بىلەن بىرگە ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەر بىلەن ئالقىشلىنىش ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كېلىدىغان كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇركى، ئۇ كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئۈچۈن، كۈندۈزنى يورۇقلۇق ئۈچۈن ياراتتى. شۇنداق تۇرۇپمۇ كاپىرلار ئۇنىڭغا باشقىلارنى تەڭ قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلىۋالىدۇ.