Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 81–90 of 120

81

وَلَوْ كَانُوا۟ يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلنَّبِىِّ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْهِ مَا ٱتَّخَذُوهُمْ أَوْلِيَآءَ وَلَٰكِنَّ كَثِيرًۭا مِّنْهُمْ فَٰسِقُونَ

ئەگەر ئۇلار اﷲ قا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، كاپىرلارنى دوست تۇتمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر

ئەگەر ئاشۇ يەھۇدىيلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقى ئىشەنسە ئىدى، مۆئمىنلەرنى قويۇپ مۇشرىكلارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلارنى دوست تۇتۇشقا مايىل بولمايتتى، چۈنكى ئۇلار كاپىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەنگەن، لېكىن يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن، ياخشى كۆرۈشىدىن ۋە مۆئمىنلەرنىڭ دوستلۇق .دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىدۇر

Al-Maaida 5:81Listen in Qur'an →
82

۞ لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ ٱلنَّاسِ عَدَٰوَةًۭ لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱلْيَهُودَ وَٱلَّذِينَ أَشْرَكُوا۟ ۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُم مَّوَدَّةًۭ لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّا نَصَٰرَىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًۭا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ

(ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، بىز ناسارا دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىشىلەر ئىچىدە ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ئۇلاردا ئۇنىڭغا قارىتا ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇتپەرەسلەر ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكلارنىڭمۇ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن. شۇنداقلا ئىنسانلاردىن ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئەڭ يېقىن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ناسارالار دەيدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىسەن. بۇلارنىڭ مۇئمىنلەرگە دوستانە ھالەتتە يېقىنلىشىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى، ئۇلار ئىچىدە ئۆلىمالار ۋە ئابىدلار بار ھەمدە ئۇلار كەمتەر كىشىلەر بولۇپ، تەكەببۇر ئەمەستۇر. چۈنكى ياخشىلىق تەكەببۇر ئادەمنىڭ قەلبىگە يېتىپ بارمايدۇ.

Al-Maaida 5:82Listen in Qur'an →
83

وَإِذَا سَمِعُوا۟ مَآ أُنزِلَ إِلَى ٱلرَّسُولِ تَرَىٰٓ أَعْيُنَهُمْ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمْعِ مِمَّا عَرَفُوا۟ مِنَ ٱلْحَقِّ ۖ يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱكْتُبْنَا مَعَ ٱلشَّٰهِدِينَ

ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن

نەجاشىي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ناسارالارنىڭ دىللىرى شۇ دەرىجىدە يۇمشاق كىشىلەردۇركى، ئۇلار قۇرئان كەرىمدىن نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنى بىلەتتى. ئۇلار دەيدۇكى: ئەي رەببىمىز، بىز سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتتۇق. شۇڭا بىزنى ئۇنىڭ ئۈممىتى بىلەن بىر سەپتە دەپ خاتىرىلەپ قويغىنكى، بۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا پاكىت بولسۇن.

Al-Maaida 5:83Listen in Qur'an →
84

وَمَا لَنَا لَا نُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَمَا جَآءَنَا مِنَ ٱلْحَقِّ وَنَطْمَعُ أَن يُدْخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ ٱلْقَوْمِ ٱلصَّٰلِحِينَ

بىز نېمىشقا اﷲ قا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا (جەننەتكە) كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز»

بىز پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان تۇرساق، بىز بىلەن بىزنىڭ ئاللاھقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن، ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتكە بولغان .ئىمانىمىز ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدىغان قانداق سەۋەب بار؟

Al-Maaida 5:84Listen in Qur'an →
85

فَأَثَٰبَهُمُ ٱللَّهُ بِمَا قَالُوا۟ جَنَّٰتٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلْمُحْسِنِينَ

بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇ

ئۇلار ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى مۇكاپات قىلىپ بەردى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەتكە قەيتسىز ھەم شەرتسىز ئەگەشكەن ۋە بويسۇنغان مۇھسىنلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر.

Al-Maaida 5:85Listen in Qur'an →
86

وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَآ أُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلْجَحِيمِ

كاپىر بولغانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغانلار لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار دوزاختىن مەڭگۈ چىقالمايدۇ.

Al-Maaida 5:86Listen in Qur'an →
87

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُحَرِّمُوا۟ طَيِّبَٰتِ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلْمُعْتَدِينَ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، اﷲ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! تەركى دۇنيالىق يۈزىسىدىن ياكى ئىبادەت دەپ قاراپ سىلەرگە ھالال قىلىنغان يېمەك-ئىچمەك، نىكاھ-تۇرمۇش قاتارلىق كۆڭۈل ھۇزۇرلىدىنىغان نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلماڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان ئىشلاردا چەكتىن ئاشماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن چەكتىن ئىشىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ.

Al-Maaida 5:87Listen in Qur'an →
88

وَكُلُوا۟ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ حَلَٰلًۭا طَيِّبًۭا ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ٱلَّذِىٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤْمِنُونَ

اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار

ئاللاھ تائالا سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھالال، پاكلا بولىدىكەن يەۋېرىڭلار، ئەمما بۇلاپ ئېلىنغان ياكى نىجىس نەرسىلەرنى يېمەڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. چۈنكى سىلەر ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىمانىڭلار ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

Al-Maaida 5:88Listen in Qur'an →
89

لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغْوِ فِىٓ أَيْمَٰنِكُمْ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ ٱلْأَيْمَٰنَ ۖ فَكَفَّٰرَتُهُۥٓ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَٰكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍۢ ۖ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٍۢ ۚ ذَٰلِكَ كَفَّٰرَةُ أَيْمَٰنِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ ۚ وَٱحْفَظُوٓا۟ أَيْمَٰنَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمْ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

اﷲ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى كەلسە - كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا مەقسەتسىز ھالدا ئېغىزىڭلاردىن چىقىپ كېتىپ قالغان قەسىمىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. ئەمما سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نىيەت قىلىپ، كەسكىن قارارىڭلار بىلەن قىلغان قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا قارىتا سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. سىلەر ئۆز قارارىڭلار بىلەن ئېغىزىڭلاردىن چىقارغان قەسىمىڭلارنى بۇزغىنىڭلاردا يۇرتداشلىرىڭلارنىڭ ئوتتۇراھال يېمەكلىكىنى ئاساس قىلىپ ئون مىسكىننىڭ ھەربىرىگە يېرىم سادىن بىر ۋاخ يېمەك بېرىش ياكى ئۇلارغا نورمالدا كىيىم دەپ قارىلىدىغان كىيىملەردىن بىر قۇردىن كىيدۈرۈش ۋە ياكى بىر مۇئمىنە دېدەكنى ئازات قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشتىن قايسىبىرىنى قىلساڭلار، ئاللاھ گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. قەسىمىگە كەففارەت بەرگۈچى ناۋادا بۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىسا، بۇ ئىشلارنىڭ ئورنىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق كەففارەت بېرىدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! بۇ مەزكۇر ھۆكۈم سىلەر ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغىنىڭلاردىن كېيىن بۇزغان قەسىمىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن يالغاندىن قەسەم قىلىشتىن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۆپ قەسەم قىلىۋېرىشتىن، مۇبادا قەسىمىڭلاردا تۇرماسلىق ياخشىراق بولماي قالسىلا قەسىمىڭلارنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر قەسىمىڭلاردا تۇرماسلىق ياخشىراق بوپقالسا، ئاللاھ سىلەرگە قەسەمنىڭ كەففارىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان پېتى قىلغان قەسىمىڭلارغا كەففارەت بېرىۋېتىپ، ياخشى بولغاننى قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا شۈكرى ئېيتسۇن دەپ سىلەرگە ھالالنى ۋە ھارامنى ئېنىق ئايرىيدىغان ئەھكاملىرىنى بايان قىلىدۇ.

Al-Maaida 5:89Listen in Qur'an →
90

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِنَّمَا ٱلْخَمْرُ وَٱلْمَيْسِرُ وَٱلْأَنصَابُ وَٱلْأَزْلَٰمُ رِجْسٌۭ مِّنْ عَمَلِ ٱلشَّيْطَٰنِ فَٱجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار

ئەي مۇئمىنلەر! شەكسىزكى ئىنساننىڭ ھۇشىنى يوقىتىدىغان مەس قىلغۇچى نەرسە، ئىككىلا تەرەپنى مەلۇم دەرىجىدە بەدەل تۆلەتكۈزىدىغان دو تىكىش، مۇشرىكلار ھۆرمەت يۈزىسىدىن يېنىدا ماللارنى بوغۇزلايدىغان ياكى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلىگەن تاش، ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيىبتىن نېمىنىڭ تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىپ تاشلايدىغان پال ئوقلىرى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەيتان پەردازلاپ كۆرسەتكەن گۇناھ ئىشلاردۇر. بۇ دۇنيادا بەختلىك تۇرمۇشقا، ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئشىلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.

Al-Maaida 5:90Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.