Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 71–80 of 120

71

وَحَسِبُوٓا۟ أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌۭ فَعَمُوا۟ وَصَمُّوا۟ ثُمَّ تَابَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا۟ وَصَمُّوا۟ كَثِيرٌۭ مِّنْهُمْ ۚ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ

ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، اﷲ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند - نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

ئۇلار ئۆز گۇمانىدا ئەھدى-مىساقنى بۇزۇش، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە بەزىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىزگە ھېچ زەرەر كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇلارغا ئويلىمىغان زىيانلار كېلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتتىن كۆر بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقكە يول تاپالمايدۇ، ئۇلار گاس بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىپ ئاڭلىيالمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئارتۇقچە مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلار ھەقتىن كۆر بولدى، ھەقنى ئاڭلىمىدى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدىن سادىر بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.

Al-Maaida 5:71Listen in Qur'an →
72

لَقَدْ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْمَسِيحُ ٱبْنُ مَرْيَمَ ۖ وَقَالَ ٱلْمَسِيحُ يَٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ رَبِّى وَرَبَّكُمْ ۖ إِنَّهُۥ مَن يُشْرِكْ بِٱللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيْهِ ٱلْجَنَّةَ وَمَأْوَىٰهُ ٱلنَّارُ ۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنْ أَنصَارٍۢ

شۈبھىسىزكى، اﷲ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى اﷲ تىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى

ھەقىقەتەن ناسارالاردىن مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى ئاللاھ دېگۈچىلەر، ئىلاھلىقنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە نىسبەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن كاپىر بولدى. مەريەم ئوغلى مەسىھ ئۇلارغا ئۆز ئاغزى بىلەن: ئى بەنى ئىسرائىل! يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ئاللاھ مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار. بىز ئاللاھقا بەندىچىلىكتە ئوخشاش، كىمكى ئاللاھقا ئاللاھنىڭ غەيرىنى شېرىك قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتكە كېرىشىنى ئەبەدى چەكلەيدۇ، ئۇنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ياردەم بەرگۈچى ۋە مەدەتكار .بولمايدۇ، ئۇنى كۈتىۋاتقان ئازابتىن قۇتقازغۇچى بولمايدۇ

Al-Maaida 5:72Listen in Qur'an →
73

لَّقَدْ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ ثَالِثُ ثَلَٰثَةٍۢ ۘ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّآ إِلَٰهٌۭ وَٰحِدٌۭ ۚ وَإِن لَّمْ يَنتَهُوا۟ عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

اﷲ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ

ناسارالاردىن ئاللاھ ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھتىن شەكىللەنگەن دېگۈچىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ باتىل سۆزلىرىدىن مۇستەسنادۇر ۋە ئالىدۇر. ئاللاھ بىر قانچە ئەمەس، ھەقىقەتەن ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ تېتىقسىز .سۆزلىرىدىن يانمىسا ئۇلار دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ

Al-Maaida 5:73Listen in Qur'an →
74

أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى ٱللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُۥ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

ئۇلار اﷲ قا تەۋبە قىلمامدۇ؟ اﷲ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاشۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىدىن قايتمامدۇ؟، شېرىك كەلتۈرگەن گۇناھىغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟، ئاللاھ ھەرقانداق گۇناھدىن تەۋبە قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، گەرچە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئاللاھ مۆئمىنلەرگە .مېھرىباندۇر

Al-Maaida 5:74Listen in Qur'an →
75

مَّا ٱلْمَسِيحُ ٱبْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌۭ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ ٱلرُّسُلُ وَأُمُّهُۥ صِدِّيقَةٌۭ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ ٱلطَّعَامَ ۗ ٱنظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ ٱلْءَايَٰتِ ثُمَّ ٱنظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ

مەريەم ئوغلى ئىسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن

مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھ پەقەت پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىكى بىر پەيغەمبەردۇر. ئۇ باشقا پەيغەمبەرلەر ۋاپات بولغاندەك ۋاپات بولىدۇ، ئانىسى مەريەم ئەلەيھىسسالاممۇ بەك سەمىمى راستچىل ئىدى. ئۇ ئىككەيلەن يېمەككە ئېھتىياجلىق بولغاندا يېمەك يەيتتى، ئۇ ئىككەيلەننىڭ يېمەككە ئېھتىياجى تۇرۇپ قانداقمۇ ئىلاھ بولالايدۇ؟، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! چوڭقۇر ئويلۇنۇش بىلەن نەزەر سالغىنكى: بىز ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىلاھلىقنى نىسبەت بېرىشتىكى باتىللىقىنى قانداق بايان قىلىپ بېرىمىز؟، ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئاندىن يەنە چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن قاراپ باققىن: ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان روشەن ئايەتلەر تۇرۇقلۇق ئۇلار ھەقىقەتتىن قانداق يۈز .ئۆرۈيدۇ؟

Al-Maaida 5:75Listen in Qur'an →
76

قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّۭا وَلَا نَفْعًۭا ۚ وَٱللَّهُ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ

(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر اﷲ تىن باشقا، سىلەرگە پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. اﷲ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام! ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغان ئىبادىتىگە رەت قايتۇرۇپ ئېيتقىنكى: سىلەرگە ھېچ قانداق بىر پايدا كەلتۈرەلمەيدىغان ۋە زىياننى يوق قىلالمايدىغان نەرسىگە چوقۇنامسىلەر؟، ئۇ نەرسە ئاجىزدۇر، ئاللاھ ئاجىزلىقتىن پاكتۇر، ئاللاھ ئۆزى يالغۇز سىلەرنىڭ سۆزۇڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلىشىدىن سىرىتتا قالمايدۇ، قىلمىشلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ.

Al-Maaida 5:76Listen in Qur'an →
77

قُلْ يَٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَٰبِ لَا تَغْلُوا۟ فِى دِينِكُمْ غَيْرَ ٱلْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوٓا۟ أَهْوَآءَ قَوْمٍۢ قَدْ ضَلُّوا۟ مِن قَبْلُ وَأَضَلُّوا۟ كَثِيرًۭا وَضَلُّوا۟ عَن سَوَآءِ ٱلسَّبِيلِ

(ئى مۇھەممەد!)» ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ناسارالارغا ئېيتقىنكى: ھەققە ئەگىشىشتىن بۇيرۇلغان ئىشنى ئادا قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭلار، پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇلغان كىشىلەرنى ئۇلۇغلاشتا بەك كۆككە كۆتۈرۋەتمەڭلار، ئۇنداق بولمىغاندا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ دەپ قارىغاندەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلاھ بار دەپ ئېتىقاد قىلىسىلەر، بۇنىڭ سەۋەبى سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىۋەتكەن ئازغۇن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا .ئەگەشكەنلىكتىندۇر

Al-Maaida 5:77Listen in Qur'an →
78

لُعِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُۥدَ وَعِيسَى ٱبْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا۟ وَّكَانُوا۟ يَعْتَدُونَ

بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى

ئاللاھ تائالا داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان زەبۇردا، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئىنجىلدا بەنى ئىسرائىلنى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلىپ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

Al-Maaida 5:78Listen in Qur'an →
79

كَانُوا۟ لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍۢ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ

ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر - بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى گۇناھ-مەسىيەت قىلىشتىن چەكلىمەيتتى، بەلكى ئۇلاردىن بولغان ئاسىيلار گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئاشكارا قىلاتتى، چۈنكى ئۇلارغا ھېچ قانداق مۇنكەر ئىنكار قىلىنمايتتى، ئۇلارنىڭ يامانلىقنى چەكلەشنى تەرك قىلىشىدىن ئىبارەت بولغان قىلمىشى .نېمىدېگەن يامان

Al-Maaida 5:79Listen in Qur'an →
80

تَرَىٰ كَثِيرًۭا مِّنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنفُسُهُمْ أَن سَخِطَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ وَفِى ٱلْعَذَابِ هُمْ خَٰلِدُونَ

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈش يۈزىسىدىن، مۇشرىكلارنى) دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا اﷲ نىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئاشۇ يەھۇدىي كاپىرلارنىڭ كۆپچىلىكى كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ ئۇلارغا مايىل بولىدۇ، سېنى ۋە ئاللاھنى بىر بىلگەن مۆئمىنلەرنى دۈشمەن تۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۆئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتىشى نېمىدېگەن يامان، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەزەب قىلىشى ۋە ئۇلارنى ئەبەدىي دوزاخقا كىرگۈزىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، .ئۇلار دوزاختىن مەڭگۇ چىقمايدۇ

Al-Maaida 5:80Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.