وَإِذَا جَآءُوكُمْ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَقَد دَّخَلُوا۟ بِٱلْكُفْرِ وَهُمْ قَدْ خَرَجُوا۟ بِهِۦ ۚ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا كَانُوا۟ يَكْتُمُونَ
(يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). اﷲ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ
ئى مۆئمىنلەر! يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلگەندە، ئۇلار مۇناپىق بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە ئىماننى ئاشكارا قىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگەندە كۇپىر بىلەن كىرىپ يەنە كۇپىردىن ئايرىلماي چىقىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىماننى ئاشكارا قىلىپ كۇپىردىن يوشۇرغان نەرسىسىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ.