Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 51–60 of 120

51

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّخِذُوا۟ ٱلْيَهُودَ وَٱلنَّصَٰرَىٰٓ أَوْلِيَآءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَآءُ بَعْضٍۢ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُۥ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر - بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، اﷲ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ

ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان مۆئمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى يېقىن سىرداش دوست قىلىۋالماڭلار، يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ ئەھلى-مىللىتىنى دوست تۇتىدۇ، ناسارالارمۇ، ئۆزىنىڭ ئەھلى-مىللىتىنى دوست تۇتىدۇ، ھەر ئىككى گورۇھ سىلەرگە دۈشمەنلىك قېلىشتا بىرلىشىدۇ، سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ھەقەقەتتە ئۇ شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى دوست تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىگە .زۇلۇم قىلغان زالىملارنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ

Al-Maaida 5:51Listen in Qur'an →
52

فَتَرَى ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌۭ يُسَٰرِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰٓ أَن تُصِيبَنَا دَآئِرَةٌۭ ۚ فَعَسَى ٱللَّهُ أَن يَأْتِىَ بِٱلْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍۢ مِّنْ عِندِهِۦ فَيُصْبِحُوا۟ عَلَىٰ مَآ أَسَرُّوا۟ فِىٓ أَنفُسِهِمْ نَٰدِمِينَ

دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن، اﷲ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ، ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ - دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئىمانى ئاجىز مۇناپىقلارنىڭ يەھۇدىي- ناسارالارنى دوست تۇتۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلار زەپەر قازىنىپ، ئۇلارغا شانۇ-شۆۋكەت بولۇپ قالسا، ئۇلاردىن بىزگە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلارنىڭ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز دېگەنلىكىنى كۆرىسەن. چوقۇم ئاللاھ غەلبە-نۇسرەتنى ئۆزىنىڭ رەسۇلى ۋە مۆئمىنلەرگە قىلىدۇ ياكى ئۆز ھوزۇرىدىن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنى دوست تۇتقانلارنىڭ شەۋكىتىنى يوق قىلىدىغان بىر نەرسىنى ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دوست تۇتۇشقا ئالدىرغانلار دىلىدا يوشۇرغان مۇناپىقلىقى بىلەن ئېتىبارسىز بىر نەرسىگە .كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە نادامەت چېكىدۇ

Al-Maaida 5:52Listen in Qur'an →
53

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَهَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَقْسَمُوا۟ بِٱللَّهِ جَهْدَ أَيْمَٰنِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَٰلُهُمْ فَأَصْبَحُوا۟ خَٰسِرِينَ

(بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە - مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر - بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە اﷲ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەرمۇ شۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى

مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارا بولغاندا، بۇنىڭدىن ھەيران قالغان مۆئمىنلەر بىر-بىرىگە: ئى مۆئمىنلەر! ئاشۇ كىشىلەر كەسكىن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: ئىماندا، غەلبە-نۇسرەت ۋە دوستلىقتا سىلەر بىلەن بىرگە دېگەن كىشىلەر شۇمۇ؟ دەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولىدۇ. ئۇلار ئۆز مەقسەتلىرىنى يوقۇتۇش بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب تەييارلاندى.

Al-Maaida 5:53Listen in Qur'an →
54

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَن يَرْتَدَّ مِنكُمْ عَن دِينِهِۦ فَسَوْفَ يَأْتِى ٱللَّهُ بِقَوْمٍۢ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُۥٓ أَذِلَّةٍ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى ٱلْكَٰفِرِينَ يُجَٰهِدُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَآئِمٍۢ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ ٱللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ

ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا) اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) اﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، (اﷲ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

ئى مۆئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى ئۆزىنىڭ دىنىدىن يېنىپ كۇپىرغا قايتسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ توغرا يولدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. مۆئمىنلەرگە بەك مېھرىبان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز بولىدۇ، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ. مەخلۇقلارنىڭ رازىلىقىغا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىلگىرى قىلغانلىقى ئۈچۈن مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئاللاھنىڭ پەزلى-ئىھسانى كەڭرىدۇر، كىمنىڭ نېئمەتكە ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ئۇنىڭغا بەرگۈچىدۇر، ھەقلىق بولمايدىغان كىشىنى م نېئمەتتىن مەھرۇم قىلغۇچىدۇر.

Al-Maaida 5:54Listen in Qur'an →
55

إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُمْ رَٰكِعُونَ

شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار اﷲ دۇر، اﷲ نىڭ رەسۇلىدۇر ۋە مۆمىنلەردۇركى، مۆمىنلەر تەئدىل ئەركان بىلەن ناماز ئۆتەيدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنغۇچىلاردۇر

يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە ئۇلاردىن باشقا كاپىرلار سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلار ئەمەس، بەلكى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان مۆئمىنلەر سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلاردۇر. ئۇلار ماللىرىنىڭ زاكاتىنى ئادا .قىلغۇچى ۋە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردۇر

Al-Maaida 5:55Listen in Qur'an →
56

وَمَن يَتَوَلَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فَإِنَّ حِزْبَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلْغَٰلِبُونَ

كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، (ئۇ اﷲ نىڭ جامائەسىدىندۇر). اﷲ نىڭ جامائەسى (ئەلۋەتتە) غالىبتۇر

كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە مۆئمىنلەرنى ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ جامائىتىدۇر. ئاللاھنىڭ .جامائىتى ئەلۋەتتە غالىپتۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا يارەم بېرىدۇ

Al-Maaida 5:56Listen in Qur'an →
57

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّخِذُوا۟ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ دِينَكُمْ هُزُوًۭا وَلَعِبًۭا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ مِن قَبْلِكُمْ وَٱلْكُفَّارَ أَوْلِيَآءَ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، اﷲ تىن قورقۇڭلار

ئى مۆئمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي-ناسارالاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش دوستلىرى بولغان مۇشرىكلاردىن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى مەسخىرە قىلىپ ئويۇن قىلىدىغانلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر سىلەر ئاللاھ سىلەرگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ھەقىقى ئېشىنىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن توسقان .چەكلىمىسىدىن يىراق بولۇش بىلەن قورقۇڭلار

Al-Maaida 5:57Listen in Qur'an →
58

وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ ٱتَّخَذُوهَا هُزُوًۭا وَلَعِبًۭا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌۭ لَّا يَعْقِلُونَ

سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر

سىلەر ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەت بولغان نامازغا چاقىرغان ۋاقىتتا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە قىلىپ ئويۇنچۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئاللاھغا قېلىنىدىغان ئىبادەت ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانلار .ئۈچۈن يولغا قويغان شەرىئەتنىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيدىغان بىر قەۋمدۇر

Al-Maaida 5:58Listen in Qur'an →
59

قُلْ يَٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَٰبِ هَلْ تَنقِمُونَ مِنَّآ إِلَّآ أَنْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبْلُ وَأَنَّ أَكْثَرَكُمْ فَٰسِقُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار جامائەسى) پەقەت بىزنىڭ اﷲ قا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، بۇنىڭدىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟»

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئەھلى كىتابتىن بولغان مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئېيتقىنكى: بىزنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھ بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا، بىزدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قېلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلارنىڭ ئىمان ئېيتماستىن ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشنى تەرك قىلىپ، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزنى ئەيىپلەمسىلەر؟!. سىلەر بىزنى ئەيىپلىگەن .ئىش ناچار قىلىق ئەمەس بەلكى بىز ئۈچۈن پەخىر ۋە شەرەپتۇر

Al-Maaida 5:59Listen in Qur'an →
60

قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُم بِشَرٍّۢ مِّن ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِندَ ٱللَّهِ ۚ مَن لَّعَنَهُ ٱللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ ٱلْقِرَدَةَ وَٱلْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ ٱلطَّٰغُوتَ ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ شَرٌّۭ مَّكَانًۭا وَأَضَلُّ عَن سَوَآءِ ٱلسَّبِيلِ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە اﷲ نىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، اﷲ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى: سىلەرگە ئەيىپلىنىشكە ۋە قاتتىق ئازابقا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرەيمۇ؟، ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىغان، سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلىپ مايمۇن ۋە توڭگۇزغا ئايلاندۇرىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن تاغۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى قىلغان(تاغۇت دېگەن ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ غەيرىدە ئىبادەت قىلىنىدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت)، ئاشۇ تىلغا ئىلىنغانلار توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن قىيامەتتە ئورنى ئەڭ ناچار كىشىلەردۇر.

Al-Maaida 5:60Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.