۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِى ٱلْكُفْرِ مِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِأَفْوَٰهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ ٱلَّذِينَ هَادُوا۟ ۛ سَمَّٰعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّٰعُونَ لِقَوْمٍ ءَاخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ ٱلْكَلِمَ مِنۢ بَعْدِ مَوَاضِعِهِۦ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَٱحْذَرُوا۟ ۚ وَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ فِتْنَتَهُۥ فَلَن تَمْلِكَ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَمْ يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌۭ ۖ وَلَهُمْ فِى ٱلْءَاخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌۭ
ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى ئوقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، اﷲ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ قا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى اﷲ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇناپىقلاردىن ۋە يەھۇدىيلاردىن ئىماننى ئاشكارا قىلىپ، كۇپىرنى يوشۇرۇپ، سېنى ئاچچىقلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت بولسىلا كۇپىر ئەمەللەرنى ئاشكارا قىلىشقا ئالدىرايدىغانلار سېنى بىئارام قىلمىسۇن. ئۇلار چوڭلىرىنىڭ توقۇغان يالغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، سەندىن يۈز ئۆرۈپ سېنىڭ يېنىڭغا كەلمىگەن باشقا قەۋمنىڭ كاتىۋاشلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار تەۋراتتىكى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆز خاھىشىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چېقارغان ھۆكمى سىلەرنىڭ خاھىشىڭلارغا مۇۋاپىق كەلسە قوبۇل قىلىڭلار، مۇۋاپىق كەلمەي زىت كەلسە ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىڭلار دەيدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئاللاھ ئىنسانلاردىن كىمنى ئازدۇرۇشنى خالايدىكەن، ئۇنى ئازغۇنلۇقتىن چېقىرىدىغان ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىرىنى تاپالمايسەن. ئاللاھ تائالا يەھۇدىي ۋە مۇناپىقلاردىن مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى كۇپىردىن پاكلاشنى خالىمىدى، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا خارلىق ۋە رەسۋالىق بار، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ئىبارەت بولغان كاتتا ئازاب بار.