Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 91–100 of 120

91

إِنَّمَا يُرِيدُ ٱلشَّيْطَٰنُ أَن يُوقِعَ بَيْنَكُمُ ٱلْعَدَٰوَةَ وَٱلْبَغْضَآءَ فِى ٱلْخَمْرِ وَٱلْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَن ذِكْرِ ٱللَّهِ وَعَنِ ٱلصَّلَوٰةِ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّنتَهُونَ

شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟

ھەقىقەتەن شەيتان مەس قىلغۇچى نەرسىلەرنى ۋە قىمارنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلىش ھەمدە سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن دىققىتىڭلارنى بۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا. ئەي مۇئمىنلەر! بۇ مۇنكەر ئىشلاردىن ئەمدى قول ئۈزەمسىلەر؟ شەكسىزكى، مۇشۇنداق قىلىش سىلەرگە لايىقتۇر. شۇڭا بۇ ئىشلاردىن يېنىڭلار.

Al-Maaida 5:91Listen in Qur'an →
92

وَأَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ وَٱحْذَرُوا۟ ۚ فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا ٱلْبَلَٰغُ ٱلْمُبِينُ

اﷲ ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر

شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىگەنلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر سىلەر بۇنداق قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇ ئەمەلىيەتتە يەتكۈزدى. ئەگەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ۋابالى ئۆزۈڭلارغىدۇر.

Al-Maaida 5:92Listen in Qur'an →
93

لَيْسَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جُنَاحٌۭ فِيمَا طَعِمُوٓا۟ إِذَا مَا ٱتَّقَوا۟ وَّءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ ثُمَّ ٱتَّقَوا۟ وَّءَامَنُوا۟ ثُمَّ ٱتَّقَوا۟ وَّأَحْسَنُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر (ھارام قىلىنمىغان نەرسىلەرنى) يېسە، ئىچسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قاچانكى ئۇلار (ھارام نەرسىلەردىن) ساقلانسا، ئىمانىدا ۋە ياخشى ئەمەللىرىدە ئىزچىل بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) يەنە ساقلانسا ۋە ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن داۋاملىق) ساقلانسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، اﷲ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئەگەر ھاراق ھارام قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن قورقۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ھارام ئىشلاردىن ساقلانغان بولسا، ئاندىن تاكى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلگەنگە قەدەر ئۇنى ئۆزلىرىگە كۆزەتچى قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، ھاراق ھارام قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھاراق ئىچكەنلىكلىرىگە قارىتا گۇناھكار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە گوياكى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىبادەتتە ھەر دائىم ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۇيغۇ بولىدۇ ۋە بۇ خىل تۇيغۇ مۇئمىننى ئەمەللەرنى ئېھسان بىلەن ئۆز لايىقىدا قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

Al-Maaida 5:93Listen in Qur'an →
94

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَيَبْلُوَنَّكُمُ ٱللَّهُ بِشَىْءٍۢ مِّنَ ٱلصَّيْدِ تَنَالُهُۥٓ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ ٱللَّهُ مَن يَخَافُهُۥ بِٱلْغَيْبِ ۚ فَمَنِ ٱعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ

ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ اﷲ تىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن اﷲ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا ئېھرامدىكى ھالىتىڭلاردا ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بەرگەن قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىدىن بەزىسى ئارقىلىق سىلەرنى سىنايدۇ. ئۇنىڭ كىچىكلىرىنى قۇرۇق قولمۇ تۇتۇۋالالايسىلەر، چوڭلىرىنى قىلىچ-نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلايسىلەر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇنداق قىلىشى، ئاللاھنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىمانى كامىل بولغانلىقتىن ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ قورقىدىغان، ئاندىن ئۆز ئەمىلى مەخپىي قالمايدىغان ياراتقۇچىسىدىن قورقۇپ ئوۋ ئوۋلاشتىن توختايدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ چېگراسىنى ئېشىپ، ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ھالەتتە ئوۋ ئوۋلايدىكەن، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازاب بار.

Al-Maaida 5:94Listen in Qur'an →
95

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَقْتُلُوا۟ ٱلصَّيْدَ وَأَنتُمْ حُرُمٌۭ ۚ وَمَن قَتَلَهُۥ مِنكُم مُّتَعَمِّدًۭا فَجَزَآءٌۭ مِّثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ ٱلنَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِۦ ذَوَا عَدْلٍۢ مِّنكُمْ هَدْيًۢا بَٰلِغَ ٱلْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّٰرَةٌۭ طَعَامُ مَسَٰكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَٰلِكَ صِيَامًۭا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِۦ ۗ عَفَا ٱللَّهُ عَمَّا سَلَفَ ۚ وَمَنْ عَادَ فَيَنتَقِمُ ٱللَّهُ مِنْهُ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌۭ ذُو ٱنتِقَامٍ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) اﷲ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، اﷲ ئۇنى جازالايدۇ، اﷲ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر

ئەي مۇئمىنلەر! ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ھالىتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا تۆگە ياكى كالا ۋە ياكى قويدىن ئۆزى ئۆلتۈرگەن ھايۋانغا تەڭ كېلىدىغان ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبتۇر. بۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن ئادىل بولغان ئىككى كىشى بېكىتىدۇ. ئىككى كىشى بېكىتكەن بۇ ھايۋانغا مەككىگە ئەۋەتىلگەن قۇربانلىق ماللىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىپ، ھەرەمنىڭ دائىرىسىدە بوغۇزلىنىدۇ ياكى شۇنىڭ قىممىتىدە ھەرەمنىڭ كەمبەغەللىرىدىن ھەربىرىگە يېرىم سادىن يېمەكلىك بېرىلىدۇ، ياكى ھەر يېرىم سا يېمەكلىكنىڭ بەدىلىگە بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ جازالارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئوۋ ئوۋلىغان ئادەم ئۆزى قىلغان جىنايەتنىڭ ۋابالىنى تېتىسۇن. ئېھرام باغلىغان ئادەم ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇن ھەرەمنىڭ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى. ئەمما كىمكى ھارام قىلىنغاندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ گۇناھنى تەكرار سادىر قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئازابلاش ئارقىلىق جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا كۈچلۈكتۇر، قۇدرەتلىكتۇر. ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ بىر ئالامىتى شۇكى، ئۇ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى خالىسا جازالايدۇ، ئۇنى جازالاشتىن ھېچبىر كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

Al-Maaida 5:95Listen in Qur'an →
96

أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ ٱلْبَحْرِ وَطَعَامُهُۥ مَتَٰعًۭا لَّكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ ۖ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ ٱلْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًۭا ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ٱلَّذِىٓ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان اﷲ تىن قورقۇڭلار

ئاراڭلاردىن مۇقىم بولغانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ياكى سەپەر ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئۇزۇق ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سىلەرگە سۇ ھايۋانلىرىنى ۋە دېڭىز سىلەرگە تىرىك ياكى ئۆلۈك ھالەتتە چىقىرىپ بەرگەن ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى ھالال قىلدى. ئەمما ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاشنى ھارام قىلدى. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار. ئۇ يەككە-يېگانە زاتتۇركى، قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۇنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Maaida 5:96Listen in Qur'an →
97

۞ جَعَلَ ٱللَّهُ ٱلْكَعْبَةَ ٱلْبَيْتَ ٱلْحَرَامَ قِيَٰمًۭا لِّلنَّاسِ وَٱلشَّهْرَ ٱلْحَرَامَ وَٱلْهَدْىَ وَٱلْقَلَٰٓئِدَ ۚ ذَٰلِكَ لِتَعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ وَأَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ

اﷲ بەيتۇلھەرەم بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى، بۇ، اﷲ نىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە اﷲ نىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر

ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك قىلغان ئۆي كەبىنى مەككىلىكلەر ئۈچۈن تايانچ قىلىپ بەردى. شۇ ئۆينىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ناماز، ھەج ۋە ئۆمرىدىن ئىبارەت دىنىي مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولسا، ھەرەمدە خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ھەمدە تەرەپ-تەرەپتىن ھەرخىل مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئېلىپ كېلىنىشى ئارقىلىق دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەمىنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدى. قۇربانلىق ماللارنى ۋە ئىگىلىرىنىڭ يول بويى باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ئەمىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق ماللار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بەلگىلەر ئېسىلغان تۆگىلەرنىمۇ ھۆرمەتلىك قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە بۇنچىۋالا ياخشىلىقلارنى قىلىشى، ئۇنىڭ شەكسىزكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەربىر ئىشنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشى سىلەرگە مەنپەئەتلەرنى كەلتۈرۈش ۋە زىيان كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇركى، بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

Al-Maaida 5:97Listen in Qur'an →
98

ٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ وَأَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئەي ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، ئۇ تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.

Al-Maaida 5:98Listen in Qur'an →
99

مَّا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلْبَلَٰغُ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ

پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. اﷲ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئاللاھ تائالا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزۈشتۇر. ئۇنىڭ كىشىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى بۇنداق قىلىش يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ھىدايەتتىن ياكى گۇمراھلىقتىن ئاشكارا قىلغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرۇن قىلغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ ۋە چوقۇم شۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

Al-Maaida 5:99Listen in Qur'an →
100

قُل لَّا يَسْتَوِى ٱلْخَبِيثُ وَٱلطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ ٱلْخَبِيثِ ۚ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ يَٰٓأُو۟لِى ٱلْأَلْبَٰبِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ تىن قورقۇڭلار

ئەي پەيغەمبەر! نىجىس نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئۆزىگە جەلب قىلغان تەقدىردىمۇ، ھەر قانداق نىجىس نەرسە ھېچقانداق پاكىزە نەرسىگە تەڭ بولالمايدۇ. چۈنكى نىجىس نەرسنىڭ كۆپلۈكى ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەي ئەقىل ئىگىلىرى! جەننەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نىجىس نەرسىلەرنى تاشلاپ، پاكىزە بولغاننى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

Al-Maaida 5:100Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.