وَحَسِبُوٓا۟ أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌۭ فَعَمُوا۟ وَصَمُّوا۟ ثُمَّ تَابَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا۟ وَصَمُّوا۟ كَثِيرٌۭ مِّنْهُمْ ۚ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ
ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، اﷲ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند - نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئۇلار ئۆز گۇمانىدا ئەھدى-مىساقنى بۇزۇش، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە بەزىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىزگە ھېچ زەرەر كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇلارغا ئويلىمىغان زىيانلار كېلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتتىن كۆر بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقكە يول تاپالمايدۇ، ئۇلار گاس بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىپ ئاڭلىيالمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئارتۇقچە مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلار ھەقتىن كۆر بولدى، ھەقنى ئاڭلىمىدى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدىن سادىر بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.