Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 61–70 of 120

61

وَإِذَا جَآءُوكُمْ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَقَد دَّخَلُوا۟ بِٱلْكُفْرِ وَهُمْ قَدْ خَرَجُوا۟ بِهِۦ ۚ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا كَانُوا۟ يَكْتُمُونَ

(يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). اﷲ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ

ئى مۆئمىنلەر! يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلگەندە، ئۇلار مۇناپىق بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە ئىماننى ئاشكارا قىلىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگەندە كۇپىر بىلەن كىرىپ يەنە كۇپىردىن ئايرىلماي چىقىپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىماننى ئاشكارا قىلىپ كۇپىردىن يوشۇرغان نەرسىسىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ.

Al-Maaida 5:61Listen in Qur'an →
62

وَتَرَىٰ كَثِيرًۭا مِّنْهُمْ يُسَٰرِعُونَ فِى ٱلْإِثْمِ وَٱلْعُدْوَٰنِ وَأَكْلِهِمُ ٱلسُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلاردىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشقا ۋە كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھارام يېيىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان ھە!.

Al-Maaida 5:62Listen in Qur'an →
63

لَوْلَا يَنْهَىٰهُمُ ٱلرَّبَّٰنِيُّونَ وَٱلْأَحْبَارُ عَن قَوْلِهِمُ ٱلْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ ٱلسُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا۟ يَصْنَعُونَ

ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئەھبارلىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

ئۇلارنىڭ يول باشچىلىرى ۋە ئۆلىمالىرى ئۇلارنى يالغان سۆزلەش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يېۋىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىسە بولمامدۇ؟. ئۇلارنىڭ يول باشچى ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇلارنى مۇنكەر ئىشلاردىن توسماسلىقى نېمىدېگەن يامان قىلمىش ھە!.

Al-Maaida 5:63Listen in Qur'an →
64

وَقَالَتِ ٱلْيَهُودُ يَدُ ٱللَّهِ مَغْلُولَةٌ ۚ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا۟ بِمَا قَالُوا۟ ۘ بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنفِقُ كَيْفَ يَشَآءُ ۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًۭا مِّنْهُم مَّآ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ طُغْيَٰنًۭا وَكُفْرًۭا ۚ وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ ٱلْعَدَٰوَةَ وَٱلْبَغْضَآءَ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَٰمَةِ ۚ كُلَّمَآ أَوْقَدُوا۟ نَارًۭا لِّلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا ٱللَّهُ ۚ وَيَسْعَوْنَ فِى ٱلْأَرْضِ فَسَادًۭا ۚ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلْمُفْسِدِينَ

يەھۇدىيلار: «اﷲ نىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى اﷲ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە اﷲ نىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، اﷲ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ

يەھۇدىيلارغا مۇشەققەت ۋە قۇرغاقچىلىق يەتسە: ئاللاھنىڭ قولى ياخشىلىق ۋە ئاتا-ئېھسان قىلىشتىن باغلاقلىقتۇر، ھوزۇرىدىكى نەرسىنى بىزدىن تۇتۇپ قالدى دېدى. ياخشىلىق ۋە ئاتا-ئېھسان قىلىشتىن يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن!. ئۇلار مۇشۇنداق ناچار سۆزلىرى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ياخشىلىق ۋە ئاتا-ئېھسان بىلەن دائىم ئوچۇقتۇر، خالىغانچە كەڭ-تاشا ۋە ئۆلچەملىك نەپىقە قىلىدۇ. ئاللاھنى توسۇپ قويغۇچى ياكى مەجبۇر قىلغۇچى يوق. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم يەھۇدىيلارغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە ھەقنى ئىنكار قىلىشنى زىيادە قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى سالدۇق. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا توپلاشسا، تەييارلىق قىلسا، ئۇرۇش باشلاشنى پىلان قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋىتىنى كەتكۈزىۋېتىدۇ، ئۇلار دائىم زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش، ئىسلامنى يوق قىلىش ۋە ئىسلام ئەھلىگە توزاق قۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشتىن ئىبارەت گۇناھ ئىشلارغا كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.

Al-Maaida 5:64Listen in Qur'an →
65

وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ ٱلْكِتَٰبِ ءَامَنُوا۟ وَٱتَّقَوْا۟ لَكَفَّرْنَا عَنْهُمْ سَيِّـَٔاتِهِمْ وَلَأَدْخَلْنَٰهُمْ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) (اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي) ئىمان ئېيتسا ۋە (اﷲ چەكلىگەن ئىشلاردىن) پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق

ئەگەر يەھۇدىي ۋە ناسارالار مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىشەنگەن، گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھدىن قورققان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقلىرى كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلىۋېتەتتۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى چەكسىز نېئمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق، ئۇلار جەننەتتە دائىملىق نېئمەتتىن ھوزۇرلىناتتى.

Al-Maaida 5:65Listen in Qur'an →
66

وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا۟ ٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْهِم مِّن رَّبِّهِمْ لَأَكَلُوا۟ مِن فَوْقِهِمْ وَمِن تَحْتِ أَرْجُلِهِم ۚ مِّنْهُمْ أُمَّةٌۭ مُّقْتَصِدَةٌۭ ۖ وَكَثِيرٌۭ مِّنْهُمْ سَآءَ مَا يَعْمَلُونَ

ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان - زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار!

ئەگەر يەھۇدىيلار تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە، ناسارالار ئىنجىلدىكى ھۆكۈملەرگە ۋە قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا نازىل قېلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلغان بولسا، يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىش بىلەن رىزىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېەرتتۇق. ئەھلى كىتابتىن بىر جامائە ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇپ توغرا يول تۇتقۇچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى .ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرى مەنپەئەتسىز بولدى

Al-Maaida 5:66Listen in Qur'an →
67

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغْ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ۖ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُۥ ۚ وَٱللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ ٱلنَّاسِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْكَٰفِرِينَ

ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارغا ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. اﷲ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قېلىنغان ئەھكاملاردىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرماستىن تولۇق يەتكۈزگىن، ئەگەر بىرەر نەرسىنى يوشۇرساڭ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىكىنى تولۇق يەتكۈزمىگەن بولىسەن(پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يەتكۈزدى، كىمكى بۇنىڭ ئەكسىچە ئويدا بولىدىكەن، ئاللاھقا چوڭ يالغاننى توقۇغان بولىدۇ). بۈگۈندىن ئىتىبارەت ئاللاھ سېنى ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھىمايە قىلىدۇ، ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ ھىدايەتنى خالىمايدىغان كاپىرلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.

Al-Maaida 5:67Listen in Qur'an →
68

قُلْ يَٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَٰبِ لَسْتُمْ عَلَىٰ شَىْءٍ حَتَّىٰ تُقِيمُوا۟ ٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ ۗ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًۭا مِّنْهُم مَّآ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ طُغْيَٰنًۭا وَكُفْرًۭا ۖ فَلَا تَأْسَ عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَٰفِرِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر)

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى: ئى يەھۇدىي-ناسارالار! سىلەر تەۋرات ۋە ئىنجىلدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمىغۇچە ۋە قۇرئان كەرىمدە سىلەرگە نازىل قىلىنغان ھۆكۈمگە ئىشىنىپ تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان دىندا بولغان بولمايسىلەر. پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ھۆكۈملەر ئەھلى كىتابنىڭ كۆپچىلىكىگە ئۇلاردىكى ھەسەتخورلۇق كۇپىرنىڭ ئۈستىگە ھەددىدىن ئېشىشىنى زىيادە قىلدى. ئاشۇ كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن، ساڭا ئەگەشكەن مۆئمىنلەر كۇپايە قىلىدۇ ۋە سېنى ئۇنىڭدىن بىھاجەت قىلىدۇ.

Al-Maaida 5:68Listen in Qur'an →
69

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَادُوا۟ وَٱلصَّٰبِـُٔونَ وَٱلنَّصَٰرَىٰ مَنْ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ وَعَمِلَ صَٰلِحًۭا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

مۆمىنلەردىن، يەھۇدىيلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر

ھەقىقەتەن مۆئمىنلەر، يەھۇدىيلار، بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان سائىبىنلار ۋە ناسارالار ئۇلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەر، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئاخىرەتتە .قورقۇنچ بولمايدۇ ۋە دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكەنلىرىگىمۇ قايغۇرمايدۇ

Al-Maaida 5:69Listen in Qur'an →
70

لَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَٰقَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَأَرْسَلْنَآ إِلَيْهِمْ رُسُلًۭا ۖ كُلَّمَا جَآءَهُمْ رَسُولٌۢ بِمَا لَا تَهْوَىٰٓ أَنفُسُهُمْ فَرِيقًۭا كَذَّبُوا۟ وَفَرِيقًۭا يَقْتُلُونَ

بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالدۇق. ئۇلارغا (دىننىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن) پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر بۆلۈكىنى يالغانچى قىلدى، بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردى

بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن چىن ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئېلىنغان ئەھدىنى بۇزدى، پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈپ نەپسى-خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلدى ۋە يەنە بەزىسىنى ئۆلتۈردى

Al-Maaida 5:70Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.