Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 41–50 of 120

41

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَٰرِعُونَ فِى ٱلْكُفْرِ مِنَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِأَفْوَٰهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ ٱلَّذِينَ هَادُوا۟ ۛ سَمَّٰعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّٰعُونَ لِقَوْمٍ ءَاخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ ٱلْكَلِمَ مِنۢ بَعْدِ مَوَاضِعِهِۦ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَٱحْذَرُوا۟ ۚ وَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ فِتْنَتَهُۥ فَلَن تَمْلِكَ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۚ أُو۟لَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَمْ يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌۭ ۖ وَلَهُمْ فِى ٱلْءَاخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌۭ

ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى ئوقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، اﷲ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ قا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى اﷲ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇناپىقلاردىن ۋە يەھۇدىيلاردىن ئىماننى ئاشكارا قىلىپ، كۇپىرنى يوشۇرۇپ، سېنى ئاچچىقلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت بولسىلا كۇپىر ئەمەللەرنى ئاشكارا قىلىشقا ئالدىرايدىغانلار سېنى بىئارام قىلمىسۇن. ئۇلار چوڭلىرىنىڭ توقۇغان يالغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، سەندىن يۈز ئۆرۈپ سېنىڭ يېنىڭغا كەلمىگەن باشقا قەۋمنىڭ كاتىۋاشلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار تەۋراتتىكى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆز خاھىشىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چېقارغان ھۆكمى سىلەرنىڭ خاھىشىڭلارغا مۇۋاپىق كەلسە قوبۇل قىلىڭلار، مۇۋاپىق كەلمەي زىت كەلسە ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىڭلار دەيدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئاللاھ ئىنسانلاردىن كىمنى ئازدۇرۇشنى خالايدىكەن، ئۇنى ئازغۇنلۇقتىن چېقىرىدىغان ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىرىنى تاپالمايسەن. ئاللاھ تائالا يەھۇدىي ۋە مۇناپىقلاردىن مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى كۇپىردىن پاكلاشنى خالىمىدى، ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا خارلىق ۋە رەسۋالىق بار، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ئىبارەت بولغان كاتتا ئازاب بار.

Al-Maaida 5:41Listen in Qur'an →
42

سَمَّٰعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّٰلُونَ لِلسُّحْتِ ۚ فَإِن جَآءُوكَ فَٱحْكُم بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ ۖ وَإِن تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَن يَضُرُّوكَ شَيْـًۭٔا ۖ وَإِنْ حَكَمْتَ فَٱحْكُم بَيْنَهُم بِٱلْقِسْطِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُقْسِطِينَ

ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ كەلسە)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ، ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى اﷲ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ

ئاشۇ يەھۇدىيلار يالغانغا كۆپ قۇلاق سالىدۇ، جازانىگە ئوخشاش ھارام ماللارنى كۆپ يەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا ھۆكۈم تەلەپ قىلىپ كەلسە خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قوي، خالىساڭ ئايرىپ قويما، بۇ سېنىڭ ئىختىيارلىقىڭدىكى ئىشتۇر، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئايرىپ قويمىساڭ ئۇلار ساڭا قىلچىلىك زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئايرىپ قويساڭ گەرچە ئۇلار زالىم دۈشمەنلەردىن بولسىمۇ ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغىن. ھەقىقەتەن ئاللاھ گەرچە ھۆكۈم تەلەپ قىلغۇچىلار ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ دۈشمەنلىرى بولغاندىمۇ ھۆكۈمدە .ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ

Al-Maaida 5:42Listen in Qur'an →
43

وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ ٱلتَّوْرَىٰةُ فِيهَا حُكْمُ ٱللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَآ أُو۟لَٰٓئِكَ بِٱلْمُؤْمِنِينَ

ئۇلارنىڭ يېنىدا اﷲ نىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمىگۈچىلەردۇر

ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ھەيران قالارلىق، ئۇلار سېنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا مۇۋاپىق ھۆكۈم قىلىپ بېرىشىڭنى تاما قىلىپ سەندىن ھۆكۈم تەلەپ قېلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، ئۆزلىرىنى تەۋراتقا ئىشەندۇق دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار، ئاندىن سېنىڭ بەرگەن ھۆكمىڭ ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمىسە ئۇلار سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىلىرىنىڭ كىتابىغا ئىشەنمەسلىك ۋە سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغىنى ھەرگىزمۇ مۆئمىنلەرنىڭ قىلىقى ئەمەس، چۈنكى ئۇلار سەن .ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيدۇ

Al-Maaida 5:43Listen in Qur'an →
44

إِنَّآ أَنزَلْنَا ٱلتَّوْرَىٰةَ فِيهَا هُدًۭى وَنُورٌۭ ۚ يَحْكُمُ بِهَا ٱلنَّبِيُّونَ ٱلَّذِينَ أَسْلَمُوا۟ لِلَّذِينَ هَادُوا۟ وَٱلرَّبَّٰنِيُّونَ وَٱلْأَحْبَارُ بِمَا ٱسْتُحْفِظُوا۟ مِن كِتَٰبِ ٱللَّهِ وَكَانُوا۟ عَلَيْهِ شُهَدَآءَ ۚ فَلَا تَخْشَوُا۟ ٱلنَّاسَ وَٱخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا۟ بِـَٔايَٰتِى ثَمَنًۭا قَلِيلًۭا ۚ وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْكَٰفِرُونَ

بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار، (اﷲ نىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ، (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل - مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار)، كىملەركى اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر

بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ياخشىلىقنى ئىپادىلەيدىغان كۆرسەتمە ۋە ھىدايەتكە يول ئالىدىغان نۇر بار. بەنى ئىسرائىلدىكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان پەيغەمبەرلەر تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان ئالىم-ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنى تەۋراتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرۇشتىن ساقلاشقا نازارەتچى ۋە تەۋراتنىڭ ھەق كىتاب ئىكەنلىكىگە گۇۋاھچى قىلىنغان بولۇپ، ئىنسانلار ئىشلىرىدا ئۇلاردىن ھۆكۈم سورايتتى. ئى يەھۇدىيلار! كىشىلەردىن قورۇقماڭلار يالغۇز مەندىنلا قورقۇڭلار، ئەمەل-مەنسەپ، يۈز-ئابرۇي ۋە مال-دۇنيانى دەپ ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋرات بىلەن قىلىنغان ھۆكۈمنى ئالماشتۇرىۋەتمەڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھيى بىلەن ھۆكۈم قىلماسلىقنى توغرا دەپ ياكى باشقا ھۆكۈمنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ئۈستۈن بىلسە، ئىنسانلار تۈزگەن ھۆكۈمنى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن .باراۋەر دەپ قارىسا، ئۇلار ھەقىقى كاپىرلاردۇر

Al-Maaida 5:44Listen in Qur'an →
45

وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَآ أَنَّ ٱلنَّفْسَ بِٱلنَّفْسِ وَٱلْعَيْنَ بِٱلْعَيْنِ وَٱلْأَنفَ بِٱلْأَنفِ وَٱلْأُذُنَ بِٱلْأُذُنِ وَٱلسِّنَّ بِٱلسِّنِّ وَٱلْجُرُوحَ قِصَاصٌۭ ۚ فَمَن تَصَدَّقَ بِهِۦ فَهُوَ كَفَّارَةٌۭ لَّهُۥ ۚ وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر

بىز بەنى ئىسرائىلغا تەۋراتتا شۇنداق ھۆكۈم قىلدۇقكى: كىمكى ھەقسىز بىر جاننى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇمۇ ئۆلتۈرىلىدۇ، بىرسىنىڭ كۆزىنى قەستەن قۇيىۋىتىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە كۆزى قۇيىۋىتىلىدۇ. بىرسىنىڭ بۇرنىنى قەستەن كېسىۋىتىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە بۇرنى كېسىلىدۇ. بىرسىنىڭ قۇلىقىنى قەستەن كېسىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە قۇلىقى كېسىلىدۇ. بىرسىنىڭ چىشىنى قەستەن تۆكىۋېتىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە چىشى تۆكىلىدۇ. ئۇلارغا جاراھەت توغرىسىدا بىرسىنى قانداق جاراھەتلەندۈرگەن بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش جاراھەتلەندۈرۈش بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بېكىتتۇق. كىمكى جىنايەتچىنى ئەپۇ قىلسا، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى ئەپۇ قېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ خاتالىقىغا كاپارەت بولىدۇ. كىمكى قىساس ۋە باشقا مەسىلىلەردە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغۇچى زالىملاردۇر.

Al-Maaida 5:45Listen in Qur'an →
46

وَقَفَّيْنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِعِيسَى ٱبْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًۭا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ ٱلتَّوْرَىٰةِ ۖ وَءَاتَيْنَٰهُ ٱلْإِنجِيلَ فِيهِ هُدًۭى وَنُورٌۭ وَمُصَدِّقًۭا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ ٱلتَّوْرَىٰةِ وَهُدًۭى وَمَوْعِظَةًۭ لِّلْمُتَّقِينَ

ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى ئىسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند - نەسىھەتتۇر

بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن تەۋراتقا ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق. ئىساغا ھەقكە باشلايدىغان ھىدايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەلىللەردىن شەك-شۈبھىلەرنى يوق قىلىدىغان، ھۆكۈملەردىكى قېيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق. ئۇ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئازغىنە ھۆكۈملەردىن باشقىدا ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتقا مۇۋاپىقتۇر. بىز ئىنجىلنى توغرا يول تۇتىدىغانلارغا ھىدايەت ۋە ئۇلارنى ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن مەنئى قىلغۇچى قىلدۇق.

Al-Maaida 5:46Listen in Qur'an →
47

وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ ٱلْإِنجِيلِ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فِيهِ ۚ وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَٰسِقُونَ

ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) اﷲ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر

ناسارالار ئاللاھ ئىنجىلدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغانلىقى توغرىسىدا نازىل قىلغان ئايەتلەرگە ئىشەنسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار ھەقىقەتنى تەرك قىلىپ، باتىلغا يۈزلىنىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن .چىققۇچىلاردۇر

Al-Maaida 5:47Listen in Qur'an →
48

وَأَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلْكِتَٰبَ بِٱلْحَقِّ مُصَدِّقًۭا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ ٱلْكِتَٰبِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ۖ فَٱحْكُم بَيْنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَآءَهُمْ عَمَّا جَآءَكَ مِنَ ٱلْحَقِّ ۚ لِكُلٍّۢ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةًۭ وَمِنْهَاجًۭا ۚ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةًۭ وَٰحِدَةًۭ وَلَٰكِن لِّيَبْلُوَكُمْ فِى مَآ ءَاتَىٰكُمْ ۖ فَٱسْتَبِقُوا۟ ٱلْخَيْرَٰتِ ۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًۭا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ

(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازى قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر اﷲ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن اﷲ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر ئارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) اﷲ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز ساڭا ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمىغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن ھۆكۈملەرنى ھەق دەپ ۋە مۇۋاپىق كەلمىگەن ھۆكۈملەرنى باتىل دەپ ھۆكۈم قىلغۇچى كىتاب بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ساڭا نازىل قېلىنغان شەكسىز ھەقىقەتنى تەرك قىلىپ ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابنى تۇتقان كىشىلەرنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن ئۇلار يول تاپىدىغان روشەن بەلگىلىمە ۋە ئەمەلى ھۆكۈملەرنى يولغا قويدۇق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا بارلىق ھۆكۈم-شەرىئەتلەرنى بىر قىلىۋېتەتتى، لېكىن ئاللاھ ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمتىھان قىلىپ ئۇلار ئارىسىدىن ئىتائەت قىلغۇچى بىلەن ئاسىيلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئايرىم پىرىنسىپ بېكىتتى. ياخشىلىق قىلىپ يامانلىقنى تەرك قىلىشقا ئالدىراڭلار، قىيامەت كۈنى قايتىدىغان جايىڭلار يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ھوزۇرى بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەر بېرىدۇ، .ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىڭلەرگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ

Al-Maaida 5:48Listen in Qur'an →
49

وَأَنِ ٱحْكُم بَيْنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَآءَهُمْ وَٱحْذَرْهُمْ أَن يَفْتِنُوكَ عَنۢ بَعْضِ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ إِلَيْكَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَٱعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُصِيبَهُم بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ ۗ وَإِنَّ كَثِيرًۭا مِّنَ ٱلنَّاسِ لَفَٰسِقُونَ

(ئۇلار يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرۈشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار (اﷲ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر (يەنى پەرۋەردىگارىنىڭ تائىتىدىن باش تارتىپ، ھەققە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھقا چۆمگۈچىلەردۇر)

ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىشتىن پەيدا بولغان پىكىر-قاراشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈمنىڭ بەزىسىدىن ئازدۇرىۋېتىشىدىن ئاگاھ بولغىن، ئۇلار بۇ يولدا كۆپ تېرىشچانلىق قېلىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن قىلىنغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتسا، شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزى گۇناھى سەۋەبىدىن دۇنيادا جازالاشنى خالايدۇ، ئاخىرەتتە ھەممە گۇناھى ئۈچۈن ئازابلايدۇ. ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن .چىققۇچىلاردۇر

Al-Maaida 5:49Listen in Qur'an →
50

أَفَحُكْمَ ٱلْجَٰهِلِيَّةِ يَبْغُونَ ۚ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ ٱللَّهِ حُكْمًۭا لِّقَوْمٍۢ يُوقِنُونَ

ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (اﷲ قا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە اﷲ تىنمۇ ئادىل كىم بار

ئۇلار سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈپ نەپسى-خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان بۇتقا چوقۇنغۇچى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟. پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان ھۆكۈمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل-چىرايلىق ھۆكۈم قىلغۇچى كىمسى يوقتۇر. نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان نادانلار گەرچە باتىل بولسىمۇ ئۆز خاھىشىغا مۇۋاپىق .كەلگەن ھۆكۈمنىلا قوبۇل قىلىدۇ

Al-Maaida 5:50Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.