Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 31–40 of 120

31

فَبَعَثَ ٱللَّهُ غُرَابًۭا يَبْحَثُ فِى ٱلْأَرْضِ لِيُرِيَهُۥ كَيْفَ يُوَٰرِى سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَٰوَيْلَتَىٰٓ أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا ٱلْغُرَابِ فَأُوَٰرِىَ سَوْءَةَ أَخِى ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ ٱلنَّٰدِمِينَ

اﷲ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى

ئاللاھ تائالا قاغىنى ئەۋەتتى، قاغا ئۇنىڭغا قىرىندىشىنىڭ جەسىدىنى قانداق كۆمۈشنى ئۈگىتىش ئۈچۈن، (قاغىنىڭ تاپىنى كۆمۈش ئۈچۈن) ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىننى كولىدى، قىرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل شۇ ۋاقىتتا: ۋاي ئېسىت! مەن ئۆلۈك قارغىنى كۆمگەن مۇشۇ قارغىچىلىكمۇ بولالمىدىمغۇ! دېدى، شۇنىڭ بىلەن قىرىندىشىنىڭ جەسىدىنى كۆمدى، ھەسىرەت-نادامەت چەككۈچىلەردىن بولۇپ كەتتى.

Al-Maaida 5:31Listen in Qur'an →
32

مِنْ أَجْلِ ذَٰلِكَ كَتَبْنَا عَلَىٰ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ أَنَّهُۥ مَن قَتَلَ نَفْسًۢا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍۢ فِى ٱلْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ ٱلنَّاسَ جَمِيعًۭا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَآ أَحْيَا ٱلنَّاسَ جَمِيعًۭا ۚ وَلَقَدْ جَآءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِٱلْبَيِّنَٰتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًۭا مِّنْهُم بَعْدَ ذَٰلِكَ فِى ٱلْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ

شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ، پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى

قابىلنىڭ قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، بىز بەنى ئىسرائىلغا بىلدۈردۇقكى، كىمكى قىساستىن باشقا سەۋەبسىز بىر كىشىنى ئۆلتۈرسە ياكى كۇپىر ۋە ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلسا، ئۇ خۇددى بارلىق ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىدا گۇناھسىز پاك كىشى بىلەن جىنايەتچىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. كىمكى ئاللاھ قەستەن ئۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن بىر جاننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، گويا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ھايات قويغاندەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدا ھەممە كىشى سالامەت قالىدۇ، بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا روشەن دەلىل ۋە شانلىق مۆجىزىلەرنى ئىلىپ كەلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش، پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ .كەتتى

Al-Maaida 5:32Listen in Qur'an →
33

إِنَّمَا جَزَٰٓؤُا۟ ٱلَّذِينَ يُحَارِبُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَسْعَوْنَ فِى ٱلْأَرْضِ فَسَادًا أَن يُقَتَّلُوٓا۟ أَوْ يُصَلَّبُوٓا۟ أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُم مِّنْ خِلَٰفٍ أَوْ يُنفَوْا۟ مِنَ ٱلْأَرْضِ ۚ ذَٰلِكَ لَهُمْ خِزْىٌۭ فِى ٱلدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِى ٱلْءَاخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ

اﷲ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ ۋە يول توسۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ماللىرىنى ئېلىۋىلىش بىلەن زېمىندا بۇزۇقچىلىق ۋە دۈشمەنلىكنى ئاشكارا قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇكى: ئۇلار دارغا ئېسىلماستىن ئۆلتۈرىلىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈلۈپ دارغا ئېسىلىدۇ ياكى ئوڭ قولى بىلەن سول پۇتىنىڭ بىرى كېسىلىدۇ ياكى بۇنىڭ ئەكسىچە سول قولى بىلەن ئوڭ پۇتى كېسىلىدۇ ياكى يۇرتتىن پالىنىدۇ. ئاشۇ ئازاب ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا .رەسۋالىقتۇر، ئۇلارغا ئاخىرەتتە كاتتا ئازاب بار

Al-Maaida 5:33Listen in Qur'an →
34

إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُوا۟ مِن قَبْلِ أَن تَقْدِرُوا۟ عَلَيْهِمْ ۖ فَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاشۇ جىنايەتچىلەر سىلەر ئۇلارنى باستۇرۇپ قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلسا، بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلغاندىن كېيىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئازابنى چۈشۈرۋېتىش ئاللاھنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتىنىڭ .جۈملىسىدىندۇر

Al-Maaida 5:34Listen in Qur'an →
35

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱبْتَغُوٓا۟ إِلَيْهِ ٱلْوَسِيلَةَ وَجَٰهِدُوا۟ فِى سَبِيلِهِۦ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، اﷲ قا (تائەت - ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، اﷲ يولىدا جىھاد قىلىڭلار

ئى مۆئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇڭلار، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كاپىرغا قارشى جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر مۇشۇ ئىشنى قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىسىلەر ۋە ئەنسىرەيدىغان .نەرسىدىن يىراق بولىسىلەر

Al-Maaida 5:35Listen in Qur'an →
36

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْ أَنَّ لَهُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًۭا وَمِثْلَهُۥ مَعَهُۥ لِيَفْتَدُوا۟ بِهِۦ مِنْ عَذَابِ يَوْمِ ٱلْقِيَٰمَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنْهُمْ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ

يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى (اﷲ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (فىدىيىسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

ھەقىقەتەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغانلار ئۈچۈن زېمىنىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە شۇ نەرسىلەرنىڭ يەنە بىر ھەسسىسى ئۇلارنىڭ مۈلكى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇ مال دۇنياسىنى تەقدىم قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ .ئەمىلى قوبۇل قېلىنمايدۇ ۋە ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب باردۇر.

Al-Maaida 5:36Listen in Qur'an →
37

يُرِيدُونَ أَن يَخْرُجُوا۟ مِنَ ٱلنَّارِ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنْهَا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌۭ مُّقِيمٌۭ

ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇيۇ، ئەمما ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار (ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ

ئۇلار دوزاخقا كىرگەندىن كېيىن چىقماقچى بولىدۇ، بۇ ئۇلارغا قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟، ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلارغا دوزاختا .دائىملىق ئازاب بار

Al-Maaida 5:37Listen in Qur'an →
38

وَٱلسَّارِقُ وَٱلسَّارِقَةُ فَٱقْطَعُوٓا۟ أَيْدِيَهُمَا جَزَآءًۢ بِمَا كَسَبَا نَكَٰلًۭا مِّنَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌۭ

ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، اﷲ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، اﷲ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئى ھۆكۈمدارلار! ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنى كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئېلىۋالغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن جازا بېرىپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ ۋە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرىنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىڭلار. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھقا غالىپ كەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ بېكىتكەن ۋە .يولغا قويغان ئىشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

Al-Maaida 5:38Listen in Qur'an →
39

فَمَن تَابَ مِنۢ بَعْدِ ظُلْمِهِۦ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌ

كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

كىمكى ئوغرىلىقتىن يېنىپ، بۇرۇنقى قىلمىشىنى تۈزۈتۈپ تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇ بەندىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر. ئەمما ئىش مەھكىمىگە تاپشۇرۇلسا تەۋبە قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ بەلكى ئىجرا .قېلىنىدۇ

Al-Maaida 5:39Listen in Qur'an →
40

أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَغْفِرُ لِمَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ قَدِيرٌۭ

بىلەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! سەن بىلدىڭكى: ھەقىقەتەن ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھغا خاستۇر، ئاسمان-زېمىندا ئاللاھ خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ، ئادالىتى بىلەن خالىغاننى ئازابلايدۇ، پەزلى-رەھمىتى بىلەن خالىغاننى ئەپۇ قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە .نەرسىگە قادىردۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ

Al-Maaida 5:40Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.