Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 21–30 of 120

21

يَٰقَوْمِ ٱدْخُلُوا۟ ٱلْأَرْضَ ٱلْمُقَدَّسَةَ ٱلَّتِى كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا۟ عَلَىٰٓ أَدْبَارِكُمْ فَتَنقَلِبُوا۟ خَٰسِرِينَ

ئى قەۋمىم! اﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقىڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر»

مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرنى كېرىشكە بۇيرىغان بەيتىل مۇقەددەس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پاك زېمىنغا كېرىڭلار، ئۇ يەردىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، زالىم كاپىرلاردىن چېكىنمەڭلار، بولمىسا سىلەر دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن .بولىسىلەر

Al-Maaida 5:21Listen in Qur'an →
22

قَالُوا۟ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّ فِيهَا قَوْمًۭا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَن نَّدْخُلَهَا حَتَّىٰ يَخْرُجُوا۟ مِنْهَا فَإِن يَخْرُجُوا۟ مِنْهَا فَإِنَّا دَٰخِلُونَ

ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگىچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى

مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ قەۋمى مۇنداق دېدى: ئى مۇسا! ھەقىقەتەن مۇقەددەس زېمىندا بەك كۈچلۈك ۋە جاسارەتلىك بىر قەۋم بار، بۇ سەۋەپ بىزنى ئۇ يەرگە كېرىشتىن چەكلەيدۇ. ئۇلار شۇ زېمىندا بولىدىكەن بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، چۈنكى بىزدە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەك كۈچ-قۇۋۋەت يوق، ئەگەر ئۇلار بەيتىل مۇقەددەستىن .چېقىپ كەتسە بىز ئۇ يەرگە كىرىمىز دېدى

Al-Maaida 5:22Listen in Qur'an →
23

قَالَ رَجُلَانِ مِنَ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمَا ٱدْخُلُوا۟ عَلَيْهِمُ ٱلْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَٰلِبُونَ ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَتَوَكَّلُوٓا۟ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

اﷲ تىن قورققۇچىلاردىن بولغان، اﷲ نىڭ (ئىمان تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (اﷲ نىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، اﷲ قا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئازابىدىن ئەنسىرەيدىغان، ئاللاھ ئۆزىنىڭ تائىتىگە مۇۋەپپەق قىلغان ئىككى كىشى ئۆز قەۋمىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: زالىم قەۋمگە قارشى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كېرىڭلار، دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن غەلبە قىلىسىلەر. ئاللاھنىڭ پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ماددى ۋاستىلارنى تەييار قىلىشتىن ئىبارەت بولغان سەۋەبلەرنى لازىم تۇتساڭلار ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيسىلەر. ئەگەر سىلەر ھەقىقى مۆئمىن بولساڭلار بىر ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا تايىنىڭلار، چۈنكى ئىمان ئاللاھقا .تەۋەككۇل قىلىشقا بۇيرىدۇ

Al-Maaida 5:23Listen in Qur'an →
24

قَالُوا۟ يَٰمُوسَىٰٓ إِنَّا لَن نَّدْخُلَهَآ أَبَدًۭا مَّا دَامُوا۟ فِيهَا ۖ فَٱذْهَبْ أَنتَ وَرَبُّكَ فَقَٰتِلَآ إِنَّا هَٰهُنَا قَٰعِدُونَ

ئۇلار: «ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى

بەنى ئىسرائىلدىن بولغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ: زالىملار شۇ شەھەردە بولىدىكەن بىز بەيتىل مۇقەددەس شەھرىگە ھەرگىز كىرمەيمىز. ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىرگە بېرىپ زالىملار بىلەن ئۇرۇش قىلغىن، بىز سەن بىلەن ئىختىلاپ قىلىشقان مۇشۇ ئورۇندا .ساقلاپ تۇرىمىز دەيدۇ

Al-Maaida 5:24Listen in Qur'an →
25

قَالَ رَبِّ إِنِّى لَآ أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِى وَأَخِى ۖ فَٱفْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ ٱلْقَوْمِ ٱلْفَٰسِقِينَ

مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن’

مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا مۇنداق دېدى: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئۈچۈن ئۆزۈم بىلەن قېرىندىشىمدىن باشقا كىشىگە ئىگە بولۇش يوق، سەن بىز بىلەن سېنىڭ ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ ئىتائىتىدىن .چىققان قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىغىن

Al-Maaida 5:25Listen in Qur'an →
26

قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةًۭ ۛ يَتِيهُونَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْفَٰسِقِينَ

اﷲ دېدى: «ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كېرىشىنى قىرىق يىلغىچە چەكلىدى، ئۇلار بۇ مۇددەتتە سەھرادا ئېزىپ-تەمتىرەپ يول تاپالماي ھەيرانلىقتا يۈرۈيدۇ. ئى مۇسا ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما، ھەقىقەتتە ئۇلارغا يەتكەن ئازاب بولسا .ئۇلارنىڭ خاتالىقى ۋە ئاسىيلىقى سەۋەبىدىندۇر

Al-Maaida 5:26Listen in Qur'an →
27

۞ وَٱتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ٱبْنَىْ ءَادَمَ بِٱلْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًۭا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ ٱلْءَاخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلْمُتَّقِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «اﷲ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «اﷲ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلاردىن بولغان زالىم ھەسەتخورلارغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قابىل ۋە ھابىلدىن ئىبارەت ئىككى ئوغلىنىڭ شەكسىز راست بولغان خەۋىرىنى بايان قىلىپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككەيلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بىردىن قۇربانلىق تەقدىم قىلدى، ئاللاھ ھابىلنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلدى، چۈنكى ئۇ تەقۋادار ئېدى. ئاللاھ قابىلنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلمىدى، چۈنكى ئۇ تەقۋادار ئەمەس ئېدى. قابىل ھابىلنىڭ قۇربانلىقىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا: ئى ھابىل! مەن سېنى ئۆلتۈرىمەن دېدى. ھابىل: ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغانلارنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېدى.

Al-Maaida 5:27Listen in Qur'an →
28

لَئِنۢ بَسَطتَ إِلَىَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِى مَآ أَنَا۠ بِبَاسِطٍۢ يَدِىَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ ٱللَّهَ رَبَّ ٱلْعَٰلَمِينَ

ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن قورقىمەن

ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قول سوزساڭ، مەن سېنىڭ قىلغىنىڭغا ئوخشاش سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، بۇ مېنىڭ سەندىن قورققانلىقىم ئەمەس، لېكىن مەن بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى .بولغان ئاللاھدىن قورقىمەن

Al-Maaida 5:28Listen in Qur'an →
29

إِنِّىٓ أُرِيدُ أَن تَبُوٓأَ بِإِثْمِى وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَٰبِ ٱلنَّارِ ۚ وَذَٰلِكَ جَزَٰٓؤُا۟ ٱلظَّٰلِمِينَ

مەن ھەقىقەتەن سەن بىلەن بولغان گۇناھنى (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى) ۋە سېنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر»

ھابىل قابىلنى قورقۇتۇپ مۇنداق دېدى: مەن سېنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭ بىلەن قېتىپ زۇلۇم قىلىپ ۋە دۈشمەنلىك قىلىپ مېنى ئۆلتۈرگەن گۇناھىڭ بىلەن قىيامەت كۈنى دوزاخقا كېرىدىغانلاردىن بولۇشىڭنى خالايمەن، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر. مەن .سېنى ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھى بىلەن ساڭا ئوخشاش بولۇشنى خالىمايمەن

Al-Maaida 5:29Listen in Qur'an →
30

فَطَوَّعَتْ لَهُۥ نَفْسُهُۥ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُۥ فَأَصْبَحَ مِنَ ٱلْخَٰسِرِينَ

ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى

قابىلنىڭ نەپسى قېرىندىشى ھابىلنى زۇلۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان يامان ئىشقا بۇيرۇشنى چىرايلىق كۆرسەتتى ۋە ئۆلتۈردى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك نېسىۋىسىدىن قۇرۇق قالدى.

Al-Maaida 5:30Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.