وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى ٱلْحَوَارِيِّۦنَ أَنْ ءَامِنُوا۟ بِى وَبِرَسُولِى قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَٱشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى
ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىنكى، ھەۋارىيلارغا ماڭا ۋە ساڭا ئىمان ئېيتىشنى ئىلھام قىلغىنىمدا ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئەمىرگە بويسۇنۇپ: بىز ئىمان ئېيتتۇق، ئەي رەببىمىز! بىزنىڭ ساڭا بويسۇنغان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولغىن، دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتى.