يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ هَمَّ قَوْمٌ أَن يَبْسُطُوٓا۟ إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ فَكَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنكُمْ ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ
ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن (يەنى سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى) بولغان ئىدى، اﷲ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). اﷲ تىن (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن) قورقۇڭلار، مۆمىنلەر اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن
ئى مۆئمىنلەر! دىلىڭلار ۋە تىلىڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا بىر جامائە سىلەرنى يوق قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قول سۇنغان ۋاقتىدا، ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ دىلىغا قورقۇنچ سېلىپ، سىلەرنى خاتىرجەم قىلدى. ئۇلارنى سىلەردىن توستى ۋە سىلەرنى ئۇلاردىن ساقلىدى. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۆئمىن ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتىنى ھاسىل قىلىشتا يالغۇز بىر ئاللاھقا تايىنىشى كېرەك.