يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَسْـَٔلُوا۟ عَنْ أَشْيَآءَ إِن تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ وَإِن تَسْـَٔلُوا۟ عَنْهَا حِينَ يُنَزَّلُ ٱلْقُرْءَانُ تُبْدَ لَكُمْ عَفَا ٱللَّهُ عَنْهَا ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌۭ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى اﷲ ئەپۇ قىلدى. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەرگە زۆرۈرىيىتى بولمىغان، دىنىي ئىشىڭلارغىمۇ ياردىمى تەگمەيدىغان، ھۆكمى ئاشكارىلانسا مۇشەققەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنى خاپا قىلىپ قويىدىغان ئىشلار ھەققىدە پەيغەمبىرىڭلاردىن سوراۋەرمەڭلار. ناۋادا سىلەر پەيغەمبەرگە ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقان ۋاقىتتا سوراشتىن چەكلەنگەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ قالساڭلار، ئۇ ئىش سىلەرگە ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئىشلارنى بايان قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاساندۇر. قۇرئان كەرىم سۈكۈت قىلغان نەرسىلەردىن ئاللاھ تائالا ئۆتۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇ نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ يۈرمەڭلار. چۈنكى سىلەر ئۇ ھەقتە سوراپ قالساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش تەلىپى نازىل بولىدۇ.