Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 101–110 of 120

101

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَسْـَٔلُوا۟ عَنْ أَشْيَآءَ إِن تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ وَإِن تَسْـَٔلُوا۟ عَنْهَا حِينَ يُنَزَّلُ ٱلْقُرْءَانُ تُبْدَ لَكُمْ عَفَا ٱللَّهُ عَنْهَا ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌۭ

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى اﷲ ئەپۇ قىلدى. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەرگە زۆرۈرىيىتى بولمىغان، دىنىي ئىشىڭلارغىمۇ ياردىمى تەگمەيدىغان، ھۆكمى ئاشكارىلانسا مۇشەققەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنى خاپا قىلىپ قويىدىغان ئىشلار ھەققىدە پەيغەمبىرىڭلاردىن سوراۋەرمەڭلار. ناۋادا سىلەر پەيغەمبەرگە ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقان ۋاقىتتا سوراشتىن چەكلەنگەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ قالساڭلار، ئۇ ئىش سىلەرگە ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئىشلارنى بايان قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاساندۇر. قۇرئان كەرىم سۈكۈت قىلغان نەرسىلەردىن ئاللاھ تائالا ئۆتۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇ نەرسىلەر ھەققىدە سوراپ يۈرمەڭلار. چۈنكى سىلەر ئۇ ھەقتە سوراپ قالساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش تەلىپى نازىل بولىدۇ.

Al-Maaida 5:101Listen in Qur'an →
102

قَدْ سَأَلَهَا قَوْمٌۭ مِّن قَبْلِكُمْ ثُمَّ أَصْبَحُوا۟ بِهَا كَٰفِرِينَ

سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى سورىغان ئىشلىرى بايان قىلىنىپ ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقتىن) كاپىر بولۇپ كەتتى

سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى سورىغان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇ ئىشلارغا تەكلىپ قىلىنغاندا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي، شۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن كاپىر بوپكەتتى.

Al-Maaida 5:102Listen in Qur'an →
103

مَا جَعَلَ ٱللَّهُ مِنۢ بَحِيرَةٍۢ وَلَا سَآئِبَةٍۢ وَلَا وَصِيلَةٍۢ وَلَا حَامٍۢ ۙ وَلَٰكِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يَفْتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ ۖ وَأَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ

بەھىرە (سەككىزنى تۇغقان، بەشىنچىسىنى ئەركەك تۇغقان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بۇ تۆگىنىڭ قۇلىقىنى يېرىپ قويۇپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى، مىنمەيتتى، يۈك ئارتمايتتى)، سائىبە (چىشىدىن ئوننى تۇغقان تۆگە بولۇپ، مىنىلمەيتتى، قىرقىلمايتتى، سۈتى مۇساپىرلارغىلا بېرىلەتتى)، ۋەسىلە (بىرىنچىنى ۋە ئىككىنچىنى چىشى تۇغقان، بۇتلار ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن تۆگە)، ھام (ئون تۆگىگە ئاتا بولغان بۇغرا تۆگە بولۇپ، ئۇلار ئۇنى مىنمەي، يېمەك - ئىچمەكتە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى) لارغا اﷲ (يۇقىرىقىدەك قىلىشنى) بۇيرۇغىنى يوق، (لېكىن كاپىرلار اﷲ قا يالغاننى چاپلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنىڭ يالغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ

ئاللاھ تائالا چاھارىپايلارنى ھالال قىلدى، مۇشرىكلار بۇتلىرىنى دەپ ئۆزلىرىگە ھارام قىلغان بەھىيرەنى ھارام قىلغىنى يوق. بەھىيرە مەلۇم ساندا بوتىلاقلىغاندىن كېيىن قۇلاقلىرى كېسىلىپ قويۇۋېتىلىدىغان تۆگىدۇر. سائىبەنىمۇ ھارام قىلغىنى يوق. سائىبە مەلۇم ياشقا كىرگەندە بۇتلىرىغا ئاتاپ قويۇۋېتىلىدىغان تۆگىدۇر. ۋەسىيلەنىمۇ ھارام قىلغىنى يوق. ۋەسىيلە بولسا ئارقا-ئارقىدىن چىشى بوتىلاقلىغان تۆگىدۇر. ھامىينىمۇ ھارام قىلمىدى. ھامىي نەسلىدىن بىر قانچە بوتىلاق توغۇلغان بۇغرا تۆگىدۇر. لېكىن كاپىرلار يالغاندىن بوھتان توقۇپ، ئاللاھ تائالا مەزكۇر ھايۋانلارنى ھارام قىلغان دېيىشتى. كاپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى توغرا-خاتانى، ھالال-ھارامنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.

Al-Maaida 5:103Listen in Qur'an →
104

وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا۟ إِلَىٰ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ قَالُوا۟ حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ ءَابَآءَنَآ ۚ أَوَلَوْ كَانَ ءَابَآؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْـًۭٔا وَلَا يَهْتَدُونَ

ئۇلارغا اﷲ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)

بىر قىسىم چاھارىپايلارنى ھارام قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يالغاننى توقۇغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا: ھالال-ھارامنى تونۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىزگە ئىلگىرىكىلەردىن مىراس ئالغان ئېتىقادلار ۋە سۆز-ھەرىكەتلەر يېتەرلىك، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئەجدادلىرى ھېچنەرسە بىلمەيدىغان ۋە توغرىنى تاپالمىغان تۇرسا، قانداقسىگە ئۇلاردىن قالغان نەرسە ئۇلارغا يەتكۈدەك؟ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىنمۇ نادان ۋە ئازغۇنراق بولغانلارغا ئەگىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ نادان، ئازغۇنلاردۇر.

Al-Maaida 5:104Listen in Qur'an →
105

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ ۖ لَا يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا ٱهْتَدَيْتُمْ ۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًۭا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئەي ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلاركى، نەپسىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار. توغرا يولدىلا بولىدىكەنسىلەر، كىشىلەردىن ئېزىپ كېتىپ، چاقىرىقىڭلارغا ئاۋاز قوشمىغانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگەنلىكىڭلار سىلەرنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىڭلارنىڭ ئالامىتىدۇر. قىيامەت كۈنى يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە دۇنيادا قىلغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرنى شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپاتقا تارتىدۇ.

Al-Maaida 5:105Listen in Qur'an →
106

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ شَهَٰدَةُ بَيْنِكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ حِينَ ٱلْوَصِيَّةِ ٱثْنَانِ ذَوَا عَدْلٍۢ مِّنكُمْ أَوْ ءَاخَرَانِ مِنْ غَيْرِكُمْ إِنْ أَنتُمْ ضَرَبْتُمْ فِى ٱلْأَرْضِ فَأَصَٰبَتْكُم مُّصِيبَةُ ٱلْمَوْتِ ۚ تَحْبِسُونَهُمَا مِنۢ بَعْدِ ٱلصَّلَوٰةِ فَيُقْسِمَانِ بِٱللَّهِ إِنِ ٱرْتَبْتُمْ لَا نَشْتَرِى بِهِۦ ثَمَنًۭا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۙ وَلَا نَكْتُمُ شَهَٰدَةَ ٱللَّهِ إِنَّآ إِذًۭا لَّمِنَ ٱلْءَاثِمِينَ

ئى مۆمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى (ئۆز دىنىڭلاردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تېپىلمىسا) غەيرىي دىندىكىلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ئەگەر سىلەر سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە، سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھنىڭ راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشىلەرمىز، بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، خۇدالىق ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلادىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلۈمنىڭ بىرەر ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبتىن ئۆزىگە ئۆلۈم يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلسا، ۋەسىيىتىگە مۇسۇلمانلاردىن ئادىل ئىككى كىشىنى ياكى مۇسۇلمانلاردىن تېپىلماي قالسا، زۆرۈر بولغاندا كاپىر بولسىمۇ ئىككى ئەرنى گۇۋاھچى قىلسۇن! مۇبادا سىلەر سەپەردىكى ۋاقتىڭلار ئۆلۈم كەپقېلىپ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ گۇۋاھلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالساڭلار، ئۇلارنى بىرەر نامازدىن كېيىن قەسەم قىلدۇرۇڭلار. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن كەلگەن بۇ نېسىۋىنى ھېچنەرسىگە تېگىشمەيدىغانلىقىغا، بۇ ئىشتا ھېچبىر يېقىنغا يانباسمايدىغانلىقىغا، ئۆزلىرىدىكى ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقىنى يوشۇرمايدىغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇبادا مۇشۇ ئىشلارنى قىپسالسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان گۇناھكارلاردىن بولىدىغانلىقىغا قەسەم قىلسۇن.

Al-Maaida 5:106Listen in Qur'an →
107

فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰٓ أَنَّهُمَا ٱسْتَحَقَّآ إِثْمًۭا فَـَٔاخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ ٱلْأَوْلَيَٰنِ فَيُقْسِمَانِ بِٱللَّهِ لَشَهَٰدَتُنَآ أَحَقُّ مِن شَهَٰدَتِهِمَا وَمَا ٱعْتَدَيْنَآ إِنَّآ إِذًۭا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن

بۇ ئىككى گۇۋاھچى قەسەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن گۇۋاھلىقتا ياكى قەسەمدە يالغانچىلىق قىلغانلىقى ياكى خىيانەت قىلغانلىقى مەلۇم بولسا، بۇلارنىڭ ئورنىغا كىشىلەردىن مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان باشقا ئىككى كىشى توغرا رەۋىشتە گۇۋاھلىق بەرسۇن ياكى قەسەم قىلسۇن. بۇ ئىككەيلەن ئىلگىرىكى ئىككەيلەننىڭ يالغانچىلىقى ۋە خىيانىتىگە بەرگەن گۇۋاھلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ راستچىللىقى ۋە ئامانەتچانلىقىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىراق ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: بىز يالغان قەسەم قىلمىدۇق، ئەگەر بىز يالغان قەسەم قىلغان بولساق، چوقۇمكى ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئاشقان زالىملاردىن بولۇپ كېتەيلى، دېسۇن.

Al-Maaida 5:107Listen in Qur'an →
108

ذَٰلِكَ أَدْنَىٰٓ أَن يَأْتُوا۟ بِٱلشَّهَٰدَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَآ أَوْ يَخَافُوٓا۟ أَن تُرَدَّ أَيْمَٰنٌۢ بَعْدَ أَيْمَٰنِهِمْ ۗ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَٱسْمَعُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْفَٰسِقِينَ

بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار، (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

بۇ ئىككەيلەننىڭ گۇۋاھلىقىدا گۇمانلىنىپ قالغان چاغدا ئۇلارنى نامازدىن كېيىن قەسەم قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئۇسۇل، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھلىقنى شەرىئەت كۆرسەتكەن رەۋىشتە بېرىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن ئۇسۇلدۇر. بۇنداق بولغاندا ئۇلار گۇۋاھلىقنى بۇرمىلىمايدۇ، ياكى ئالماشتۇرۇۋەتمەيدۇ ۋە ياكى خىيانەت قىلمايدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇسۇل گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان ئىككى كىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىنى مىراسخورلار رەت قىلىپ، بۇلارنىڭ دەل ئەكسىچە گۇۋاھلىق بېرىشى ئارقىلىق رەسۋاچىلىققا قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئەڭ يېقىنۇر. ھەممىڭلار گۇۋاھلىق بېرىشتە ۋە قەسەمدە يالغانچىلىق ۋە خىيانەتنى تاشلاپ ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بۇيرۇلغان ئەمىر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئاڭلاڭلار. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ.

Al-Maaida 5:108Listen in Qur'an →
109

۞ يَوْمَ يَجْمَعُ ٱللَّهُ ٱلرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَآ أُجِبْتُمْ ۖ قَالُوا۟ لَا عِلْمَ لَنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلْغُيُوبِ

اﷲ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى توپلاپ ئۇلاردىن: مەن سىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن قەۋملىرىڭلار سىلەرگە قانداق پوزىتسىيەدە بولغان ئىدى؟، دەپ سورايدۇ. ئۇلار جاۋابنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ: ئەي رەببىمىز! بىز بىلمەيمىز، شەكسىزكى بارچە ئىلىم ساڭا ئائىتتۇر. چوقۇمكى يالغۇز سەنلا غەيبىي ئىشلارنى بىلىدىغان زاتتۇرسەن، دەيدۇ.

Al-Maaida 5:109Listen in Qur'an →
110

إِذْ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ ٱذْكُرْ نِعْمَتِى عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذْ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلْقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِى ٱلْمَهْدِ وَكَهْلًۭا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ ٱلْكِتَٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيْـَٔةِ ٱلطَّيْرِ بِإِذْنِى فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًۢا بِإِذْنِى ۖ وَتُبْرِئُ ٱلْأَكْمَهَ وَٱلْأَبْرَصَ بِإِذْنِى ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ ٱلْمَوْتَىٰ بِإِذْنِى ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ عَنكَ إِذْ جِئْتَهُم بِٱلْبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَآ إِلَّا سِحْرٌۭ مُّبِينٌۭ

ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ - دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلەردىن) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى

ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنكى، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: ئەي مەريەم ئوغلى ئىيسا! مەن سېنى ئاتىسىز ياراتقىنىمدا ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، ئاناڭ مەريەمنى ئۆز زامانىسىدىكى ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلغىنىمدىكى ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، سېنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچلەندۈرگىنىمدىكى نېئمىتىمنى ئەسلىگىنكى، سەن ئەمچەكتىكى بوۋاق ھالىتىڭدىمۇ كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىپ ئۇلارغا سۆزلەيتتىڭ، قۇرامىڭغا يەتكەن ۋاقىتتىمۇ مېنىڭ سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىم، شۇنداقلا ساڭا خەت يېزىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىم ھەققىدە سۆزلەيتتىڭ. مەن ساڭا مۇساغا نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ۋە ئۆزۈڭگە نازىل قىلىنغان ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ساڭا شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى، پايدىلىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتتىم. سېنىڭ لايدىن قۇشنىڭ ئوخشىشىنى شەكىللەندۈرەلىگەنلىكىڭ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇشقا ئايلانغانلىقى، تۇغما كور كىشىنى داۋالاپ ساقايتالىغانلىقىڭ، ئاۋلاق كىشىنى داۋالىغىنىڭدا ئۇنىڭ سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەنلىكى، ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئاللاھقا قىلغان دۇئايىڭ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىرىلگەنلىكى ساڭا بەرگەن نېئمەتلىرىمدىندۇركى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەمرىم بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. ساڭا بەرگەن نېئمەتلىرىمدىن يەنە بىرى شۇكى، سەن بەنىي ئىسرائىلغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۇلار سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋېدى، بىز سېنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن قوغداپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئۇلار: ئىيسا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئىش ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشتى.

Al-Maaida 5:110Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.