Muslim99Muslim99
← Tafsir library

5. Al-Maaida

The Table · Medinan · 120 ayahs

سُورَةُ المَائـِدَةِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 120

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَوْفُوا۟ بِٱلْعُقُودِ ۚ أُحِلَّتْ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلْأَنْعَٰمِ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّى ٱلصَّيْدِ وَأَنتُمْ حُرُمٌ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ

ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى اﷲ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار، (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسىنى (زەبھى قىلىنغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ (ھالال - ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ

ئى مۆئمىنلەر! سىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە سىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى تەكىتلەنگەن ئەھدىلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىپ، تۆگە، كالا ۋە قويدىن ئىبارەت چارۋىلارنى ھالال قىلىپ بەردى، پەقەت ھاراملىقى بەلگىلەپ بېرىلگەن چارۋىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. شۇنداقلا سىلەر ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاش ھارام قىلىندى. ھەقىقەتەن ئاللاھ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە ھالال-ھارام قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق .شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئىتىراز قىلغۇچىمۇ يوق

2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُحِلُّوا۟ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ وَلَا ٱلشَّهْرَ ٱلْحَرَامَ وَلَا ٱلْهَدْىَ وَلَا ٱلْقَلَٰٓئِدَ وَلَآ ءَآمِّينَ ٱلْبَيْتَ ٱلْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًۭا مِّن رَّبِّهِمْ وَرِضْوَٰنًۭا ۚ وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَٱصْطَادُوا۟ ۚ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَـَٔانُ قَوْمٍ أَن صَدُّوكُمْ عَنِ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ أَن تَعْتَدُوا۟ ۘ وَتَعَاوَنُوا۟ عَلَى ٱلْبِرِّ وَٱلتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا۟ عَلَى ٱلْإِثْمِ وَٱلْعُدْوَٰنِ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) شەھرى ھەرەم (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيىنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار، ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋم (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق

ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېھرامدىكى ۋاقتىڭلاردا ئاللاھ چەكلىگەن ۋە سىلەرنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىڭلار، ئېھراملىق ھالەتتە: يېڭنىدە تېكىلگەن كىيىملەرگە ئوخشاش چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول يىغىڭلار، ئوۋ ئوۋلاشقا ئوخشاش ھەرەم دائىرىسىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال دەپ قارىماڭلار، ئۇ ئايلار: زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەبتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەرەمدە ئۆلتۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغان چارۋىلارنى بۇلاش ۋە ئۆلتۈرۈشنى ھالال دەپ قارىماڭلار، ھەرەمنىڭ ھەدىيەسى دەپ يۇڭ ياكى قىلادە ئېسىپ بەلگە قىلىنغان چارۋىلارنى ھالال سانىماڭلار، ئاللاھنىڭ بەيتىنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. سىلەر ھەج-ئۆمرە پائالىيىتىنى تۈگىتىپ، ھەرەم دائىرىسىدىن چىققاندىن كېيىن خالىساڭلار ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىك ئۇلارنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسچىتىدىن توسقانلىقىنى سىلەرنى ئۇلار توغرىسىدا زۇلۇم قىلىشقا ۋە ئادىللىق قىلماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشنى تەرك قىلىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىڭلار. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىقتىن يېراق بولۇش بىلەن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن گۇناھكارلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھ بولۇڭلار.

3

حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ ٱلْمَيْتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحْمُ ٱلْخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيْرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلْمُنْخَنِقَةُ وَٱلْمَوْقُوذَةُ وَٱلْمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُ وَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيْتُمْ وَمَا ذُبِحَ عَلَى ٱلنُّصُبِ وَأَن تَسْتَقْسِمُوا۟ بِٱلْأَزْلَٰمِ ۚ ذَٰلِكُمْ فِسْقٌ ۗ ٱلْيَوْمَ يَئِسَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن دِينِكُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَٱخْشَوْنِ ۚ ٱلْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِى وَرَضِيتُ لَكُمُ ٱلْإِسْلَٰمَ دِينًۭا ۚ فَمَنِ ٱضْطُرَّ فِى مَخْمَصَةٍ غَيْرَ مُتَجَانِفٍۢ لِّإِثْمٍۢ ۙ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌۭ رَّحِيمٌۭ

سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، اﷲ تىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئاللاھ سىلەرگە بوغۇزلىماستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشنى، بوغۇزلانغان چارۋىدىن ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقا گۆشىنى، بوغۇزلانغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ نامىنىڭ غەيرى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى، بوغۇلۇپ ئۆلۈپ قالغان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىز جايدىن چۈشۈپ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ۋە شىر، يولۋاس ۋە بۆرىگە ئوخشاش يېرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ھايۋالارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى. يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋان ھايات بولۇپ قالسا، ئۆلۈپ قىلىشتىن بۇرۇن شەرئى يول بىلەن بوغۇزلاپ يېسەڭلار سىلەرگە ھالال بولىدۇ. بۇتلار ئۈچۈن بوغۇزلانغان ھايۋانلار، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشنى تەلەپ قىلىشىڭلار ھارام قېلىندى، ئۇ تاش ياكى ياغاچ تاختايغا قىلغىن يەنە بىرىگە قىلمىغىن دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، قايسى تاختا چىقسا شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققانلىقتۇر. بۈگۈن كاپىر بولغان بەدبەختلەر سىلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىڭلارنى كۆرگەندىن كېيىن سىلەرنىڭ دىندىن يېنىپ كاپىر بولىشىڭلاردىن ئۈمىتسىزلەندى. ئۇلاردىن قورىقماڭلار، يالغۇز مەندىن قورقۇڭلار، بۈگۈن سىلەرگە ئىسلامدىن ئىبارەت دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلىپ بەردىم، ئاشكارا-يوشۇرۇن نېمەتلىرىمنى تاماملاپ بەردىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار قىلىپ تاللىدىم، ئىسلامدىن باشقا دىننى قوبۇل قىلمايمەن، كىمكى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن گۇناھقا مايىل بولماستىن يېيىشكە قىستالسا بۇنىڭدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە مېھرىباندۇر.

4

يَسْـَٔلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمْ ۖ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ ۙ وَمَا عَلَّمْتُم مِّنَ ٱلْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُ ۖ فَكُلُوا۟ مِمَّآ أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَٱذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَيْهِ ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك - ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر اﷲ نىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار (ئوۋچى جانىۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) اﷲ نىڭ نامىنى ياد قىلىڭلار (يەنى بىسمىللا دەڭلار)، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) تىن ساقلىنىڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ساھابىلار سەندىن: ئاللاھ يېيىش ئۈچۈن نېمىلەرنى ھالال قىلدى؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ سىلەرگە پاك يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلدى، شۇنىڭدەك تەربىيىلەنگەن ئېت ۋە يىلپىز قاتارلىق مەگەن چېشلىك ئوۋ ھايۋانلىرى ياكى قارچۇغاغا ئوخشاش تۇمشۇقلۇق ئوۋ قۇشلىرى ئوۋلىغان نەرسىلەرنى ئوۋ ئېتى تاسادىپى يەپ سالغان بولسىمۇ بۇنى يېيىش ھالال قىلىندى، يەنى ئاللاھ سىلەرگە تەلىم بەرگەن ئوۋچىلىق ئىلمى ۋە ئەدەپلىرىنى ئۈگەتكەن بولساڭلار ھەتتا ئۇ ھايۋان ياكى قۇش بۇيرىسا بويسۇنىدىغان ۋە چەكلىسە دەرھال يانىدىغان بولسا، ئۇنى ئەۋەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئەۋەتكەن بولساڭلار، ئۇلار ئوۋلاپ تۇتۇپ كەلگەن چارۋىلارنى يەڭلار ھەتتا ئۆلتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ مەيلى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن قورقۇڭلار. ئاللاھ قىلغان ئەمەللەرنىڭ ھېسابىنى تىز ئالغۇچىدۇر.

5

ٱلْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ ۖ وَطَعَامُ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ حِلٌّۭ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّۭ لَّهُمْ ۖ وَٱلْمُحْصَنَٰتُ مِنَ ٱلْمُؤْمِنَٰتِ وَٱلْمُحْصَنَٰتُ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ مِن قَبْلِكُمْ إِذَآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَٰفِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِىٓ أَخْدَانٍۢ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِٱلْإِيمَٰنِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُۥ وَهُوَ فِى ٱلْءَاخِرَةِ مِنَ ٱلْخَٰسِرِينَ

بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر، مۆمىنلەردىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر، كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ

ئاللاھ بۈگۈن سىلەرگە لەززەتلىك نەرسىلەرنى ھالال قىلدى. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىلىرىنى يېيىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. سىلەرنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىلىرىڭلارنى يېيىشمۇ ئۇلارغا ھالال قىلىندى. مۆئمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ھۆر ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىش، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ ئىپپەتلىك، ھۆر ئاياللىرىنى ئۇلارنىڭ تويلۇق مېھرىنى بەرسەڭلار، سىلەر ئىپپەتلىك بولۇپ پاھىشەدىن ساقلىنىپ، ئاشنا تۇتۇپ زىنا قىلىشنى مەقسەت قىلمىساڭلار ئۇلارنى نىكاھلاپ ئالساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن يولغا قويغان ھۆكۈملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئىماندىن ئىبارەت شەرتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى دوزاخقا كېرىش ۋە دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بىلەن زىيان .تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ

6

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغْسِلُوا۟ وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى ٱلْمَرَافِقِ وَٱمْسَحُوا۟ بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى ٱلْكَعْبَيْنِ ۚ وَإِن كُنتُمْ جُنُبًۭا فَٱطَّهَّرُوا۟ ۚ وَإِن كُنتُم مَّرْضَىٰٓ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَآءَ أَحَدٌۭ مِّنكُم مِّنَ ٱلْغَآئِطِ أَوْ لَٰمَسْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمْ تَجِدُوا۟ مَآءًۭ فَتَيَمَّمُوا۟ صَعِيدًۭا طَيِّبًۭا فَٱمْسَحُوا۟ بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُم مِّنْهُ ۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُم مِّنْ حَرَجٍۢ وَلَٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُۥ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ

ئى مۆئمىنلەر! ئەگەر سىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ، تاھارىتىڭلار يوق بولسا يۈزۈڭلارنى يۇيۇش، ئىككى قولۇڭلارنى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇش، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىش ۋە پۇتۇڭلارنى ھوشۇقۇڭلار بىلەن قېتىپ يۇيۇپ تاھارەت ئىلىڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولۇپ قالغان بولساڭلار يۇيۇنۇڭلار، ئەگەر كېسەل بولۇپ كېسەلنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىدىن ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىشىدىن ئەنسىرسەڭلار ياكى ساغلام ھالەتتە سەپەر قىلغان بولساڭلار ياكى ھاجەتنى ئادا قىلىش بىلەن تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ياكى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش بىلەن جۇنۇپ بولۇپ قالغان بولساڭلار، يۇيۇنۇپ-تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۇنى ئىزدەپ تاپالمىغان بولساڭلار، تەيەممۇم قىلىش ئۈچۈن زېمىننى مەقسەت قىلىڭلار، قولۇڭلارنى يەرگە ئۇرۇپ يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سېلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە سۇ زەرەر قىلىدىغان ئەھۋالدا چوقۇم سۇ ئىشلىتىشنى بۇيرۇش بىلەن ھۆكۈمنى تارلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. كېسەللىكتىن سۇ ئېشلىتىش زىيان قىلىدىغان ياكى سۇ تاپالمىغان ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆزىنىڭ نېئمىتىنى تاماملاش، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ۋە تۈزكورلۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن سۇنىڭ ئورنىدا تەيەممۇم قىلىشنى .ئالماشتۇرۇپ بەردى

7

وَٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمِيثَٰقَهُ ٱلَّذِى وَاثَقَكُم بِهِۦٓ إِذْ قُلْتُمْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

(ئى مۆمىنلەر!) اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) نېمىتىنى ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار، اﷲ تىن قورقۇڭلار (يەنى اﷲ قا بەرگەن ئەھدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار). اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ) دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر

ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان نېئمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئەسلەڭلار. سىلەر مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ياخشى-يامان كۈنلەردە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت بېرىپ: سۆزۇڭنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلدۇق دېدىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى .قالمايدۇ

8

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُونُوا۟ قَوَّٰمِينَ لِلَّهِ شُهَدَآءَ بِٱلْقِسْطِ ۖ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَـَٔانُ قَوْمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعْدِلُوا۟ ۚ ٱعْدِلُوا۟ هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ

ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان مۆئمىنلەر! ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئۈستۈڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تۇرغۇزغۇچىلاردىن بولۇڭلار، زۇلۇم بىلەن ئەمەس بەلكى ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بولۇڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىك سىلەرنى ئادىللىقنى تەرك قىلىشقا تۈرتكە بولمىسۇن، دوستقا ۋە دۈشمەنگىمۇ ئادىللىق قېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قېلىڭلار، ئادىللىق قېلىش ئاللاھدىن قورقۇشقا ئەڭ يېقىندۇر، زۇلۇم قىلىش ئاللاھقا قارشى چېقىشقا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا .ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ

9

وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ ۙ لَهُم مَّغْفِرَةٌۭ وَأَجْرٌ عَظِيمٌۭ

اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى

ئاللاھ تائالا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە بۈيۈك ئەجرىلەرنى بىرىش ئارقىلىق جەننەتكە كېرگۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەدىسىگە .خىلاپلىق قىلمايدۇ

10

وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَٰتِنَآ أُو۟لَٰٓئِكَ أَصْحَٰبُ ٱلْجَحِيمِ

كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر

ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلار، ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم كىشىلەر بولۇپ، كاپىر بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ جازاسى ئۈچۈن جەھەننەمگە كېرىدۇ، .ھەمراھلار بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغاندەك ئۇلارمۇ دوزاختىن ئايرىلمايدۇ

Al-Maaida 5:10Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.