Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 41–50 of 176

41

فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِن كُلِّ أُمَّةٍۭ بِشَهِيدٍۢ وَجِئْنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِ شَهِيدًۭا

بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟

بىز ھەر ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرىدىغان، ئەي پەيغەمبەر! سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بوپ كېتەر؟!

42

يَوْمَئِذٍۢ يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَعَصَوُا۟ ٱلرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّىٰ بِهِمُ ٱلْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ ٱللَّهَ حَدِيثًۭا

كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) اﷲ تىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ

ئاشۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلار تۇپراققا ئايلىنىپ، يەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىللىرىنى مۆھۈرلىۋەتكەنلىكتىن ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقا ئەزالىرىغا سۆزلەشكە رۇخسەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

43

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَقْرَبُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنتُمْ سُكَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا۟ مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِى سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا۟ ۚ وَإِن كُنتُم مَّرْضَىٰٓ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَآءَ أَحَدٌۭ مِّنكُم مِّنَ ٱلْغَآئِطِ أَوْ لَٰمَسْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمْ تَجِدُوا۟ مَآءًۭ فَتَيَمَّمُوا۟ صَعِيدًۭا طَيِّبًۭا فَٱمْسَحُوا۟ بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا

ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، - يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، - غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەر مەست بولۇپ قالغىنىڭلاردا تاكى مەستلىكىڭلاردىن تولۇق يېشىىلىپ، نېمە دېگىنىڭلارنى پەرقلەندۈرگىدەك بولمىغۇچە ناماز ئوقۇماڭلار -بۇ، ھاراق كەسكىن ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدۇر-. ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار، تاكى غۇسلى قىلمىغۇچە ناماز ئوقۇماڭلار، مەسجىدكىمۇ كىرمەڭلار، پەقەت مەسجىدتە تۇرماي ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەگەر سۇ زىيان قىلىدىغان بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولساڭلار، ياكى سەپەردە بولساڭلار، ياكى تاھارەت سۇندۇرۇپ ۋە ياكى ئاياللار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلار ۋە قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە خاتالىقلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر.

44

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ نَصِيبًۭا مِّنَ ٱلْكِتَٰبِ يَشْتَرُونَ ٱلضَّلَٰلَةَ وَيُرِيدُونَ أَن تَضِلُّوا۟ ٱلسَّبِيلَ

(ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا تەۋراتتىكى ئىلىمدىن نېسىۋە بەرگەن يەھۇدىيلارنىڭ گۇمراھلىقنى ھىدايەتكە ئالماشتۇرغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟. ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەگرى يولىدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن توغرا يولدىن ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

45

وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِأَعْدَآئِكُمْ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَلِيًّۭا وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ نَصِيرًۭا

اﷲ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. اﷲ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا اﷲ كۇپايىدۇر)

ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنى سىلەردىن ياخشىراق بىلگەچكە، سىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەھۋاالىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىنى پاش قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يېتەرلىكتۇركى، ئۇ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يېتەرلىكتۇركى، ئۇ سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ۋە ئازار-كۈلپەتلىرىدىن قوغدايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ.

46

مِّنَ ٱلَّذِينَ هَادُوا۟ يُحَرِّفُونَ ٱلْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَٱسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍۢ وَرَٰعِنَا لَيًّۢا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًۭا فِى ٱلدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَٱسْمَعْ وَٱنظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًۭا لَّهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًۭا

يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ

يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق ناچار كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان سۆزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئاللاھ نازىل قىلغاندىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئۇلار: «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، ئەمما بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشىدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلىپ: «بىزنىڭ دەيدىغانلىرىمىزغا قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېيىشىدۇ. ئۇلار: «راعنا» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «بىزگە قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن» دېمەكچى بولغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىللىرىنى تولغاپ پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلماقچى بولۇشىدۇ. قارىماققا پەيغەمبەرگە دۇئا قىلماقچى بولغاندەك قىلىدۇ - يۇ، ئەمەلىيەتتە دىنغا تەنە قىلىشىدۇ. كاشكى ئۇلار «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقۇڭغا ئاسىيلىق قىلدۇق» دېگۈچە «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇيرۇقۇڭغا بويسۇندۇق» دېگەن بولسا، «بىزگە قۇلاق سالغىن، سەن قۇلاق سالمىدىڭ» دېگۈچە «سۆزىمىزگە قۇلاق سالغىن» دېگەن بولسا، «بىزگە ئەخمەق بولۇپ بەرگىن» دېگۈچە «بىزگە مۆھلەت بەرگىن، دېگەنلىرىڭنى ئاڭقىرىۋالايلى» دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ياخشى ۋە توغرا بولغان بولاتتى، چۈنكى بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا لايىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. لېكىن ئۇلار كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلىپ، رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىدە ئىمان ئېيتمايدۇ.

47

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَٰبَ ءَامِنُوا۟ بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًۭا لِّمَا مَعَكُم مِّن قَبْلِ أَن نَّطْمِسَ وُجُوهًۭا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰٓ أَدْبَارِهَآ أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّآ أَصْحَٰبَ ٱلسَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ ٱللَّهِ مَفْعُولًا

ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن)، ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، اﷲ نىڭ ھۆكىمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى اﷲ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)

ئەي كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالار! يۈزۈڭلاردىكى سەزگۈ ئەزالىرىڭلارنى گەردىنىڭلارغا قىلىپ قويۇشتىن بۇرۇن ياكى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىنمۇ چەكتىن ئېشىپ بېلىق تۇتقانلارنى ئۆز رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلىپ، تەلەتىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ رەھمىتىمىزدىن قوغلاندى قىلىشتىن بۇرۇن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان، قولۇڭلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

48

إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِۦ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفْتَرَىٰٓ إِثْمًا عَظِيمًا

اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ

شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ھېچنەرسىنىڭ شېرىك قىلىنىشىنى كەچۈرمەيدۇ، ئەمما پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ شېرىك ۋە كۇپرىدىن باشقا خاتالىقلىرىنى ئۆتۈۋېتىدۇ ياكى ئادالىتىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە گۇناھلىرىغا تۇشلۇق جازا بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا باشقا نەرسىنى شېرىك قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇكى، مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىنمايدۇ.

49

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنفُسَهُم ۚ بَلِ ٱللَّهُ يُزَكِّى مَن يَشَآءُ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا

ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيىلەيدىغانلارنى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، اﷲ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆزلىرىنى گۇناھسىز، قىلغان ئەمەللىرىنى توغرا دەپ ماختىنىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنى ماختايدۇ ۋە گۇناھتىنمۇ پاكلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا دىللاردىكى مەخپىيەتلىكلەرنىمۇ بىلگۈچىدۇر. بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى يىپقا چاغلىق نەرسىمۇ قەتئىي كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ.

50

ٱنظُرْ كَيْفَ يَفْتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ ۖ وَكَفَىٰ بِهِۦٓ إِثْمًۭا مُّبِينًا

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ اﷲ قا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ماختاش ئارقىلىق قانداق قىلىپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغىن. بۇ قىلمىش ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىدىن كېلىپ چىققان ئاشكارا گۇناھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.