Muslim99Muslim99
← Tafsir library

3. Aal-i-Imraan

The Family of Imraan · Medinan · 200 ayahs

سُورَةُ آلِ عِمۡرَانَ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 1–10 of 200

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

1

الٓمٓ

ئەلىف، لام، مىم

ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەرنىڭ ئوخشىشى بەقەرە سۈرىسىدە ئىلگىرى ئۆتكەن، بۇ ھەرپلەرنى كەلتۈرۈشتە ئەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كالامى ۋە مۇشۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئوخشىشىدىن تۈزۈلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

Aal-i-Imraan 3:1Listen in Qur'an →
2

ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْحَىُّ ٱلْقَيُّومُ

اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر

يەككە يىگانە ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە ئەبەدىي ھاياتلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۆزى يالغۇز بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆز-يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ.

Aal-i-Imraan 3:2Listen in Qur'an →
3

نَزَّلَ عَلَيْكَ ٱلْكِتَٰبَ بِٱلْحَقِّ مُصَدِّقًۭا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنزَلَ ٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) (اﷲ) ساڭا نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەرلەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام .ئالغۇچىدۇر

Aal-i-Imraan 3:3Listen in Qur'an →
4

مِن قَبْلُ هُدًۭى لِّلنَّاسِ وَأَنزَلَ ٱلْفُرْقَانَ ۗ إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌۭ شَدِيدٌۭ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌۭ ذُو ٱنتِقَامٍ

ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى بارلىق ساماۋى كىتابلارنى) نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. اﷲ غالىبتۇر، (يامانلارنى) جازالىغۇچىدۇر

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.

Aal-i-Imraan 3:4Listen in Qur'an →
5

إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَخْفَىٰ عَلَيْهِ شَىْءٌۭ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فِى ٱلسَّمَآءِ

شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە اﷲ قا مەخپىي ئەمەس

شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاسمان-زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Aal-i-Imraan 3:5Listen in Qur'an →
6

هُوَ ٱلَّذِى يُصَوِّرُكُمْ فِى ٱلْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَآءُ ۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىغىدىكى چېغىڭلاردا ئوغۇل-قىز، سەت-چىرايلىق، ئاق- قارا دېگەندەك ئۆزى خالىغان تۈرلۈك شەكىللەردە ياراتتى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Aal-i-Imraan 3:6Listen in Qur'an →
7

هُوَ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ عَلَيْكَ ٱلْكِتَٰبَ مِنْهُ ءَايَٰتٌۭ مُّحْكَمَٰتٌ هُنَّ أُمُّ ٱلْكِتَٰبِ وَأُخَرُ مُتَشَٰبِهَٰتٌۭ ۖ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِمْ زَيْغٌۭ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَٰبَهَ مِنْهُ ٱبْتِغَآءَ ٱلْفِتْنَةِ وَٱبْتِغَآءَ تَأْوِيلِهِۦ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُ ۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِى ٱلْعِلْمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلٌّۭ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَٰبِ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (اﷲ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت اﷲ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ

ئى مۇھەممەد ! سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ئاللاھ ساڭا ئايەتلىرى روشەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىشى بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى، قۇرئان بارلىق كىتابلارنىڭ ئاساسى ۋە كاتتىسىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا قايتىدىغان مەنبەدۇر، ئۇنىڭدا مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان، بىر قانچە مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر بار، بۇنىڭ مەنىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوچۇق بولمايدۇ، دىللىرىدا ئەگىرلىك يەنى ھەقتىن باتىلغا مايىل بولۇش بولغان كىشىلەر پىتنە قوزغاش، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق قاراشلىرىغا مۇۋاپىق ئۆز قاراشلىرى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەنىسى ئىنىق بولغان ئايەتلەرنى تەرك قىلىپ، مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننىڭ ھەممىسىگە ئىشەندۇق، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئۇلار مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان(مۇتاشابىھ) ئايەتلەرنى شۇ ئايەتتىكى تەقەززا بويۇنچە چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن .پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ

Aal-i-Imraan 3:7Listen in Qur'an →
8

رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْوَهَّابُ

پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن

ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، ھەقتىن قىڭغىر كىتىپ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەردىن بولۇپ قىلىشتىن ساقلىغىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن دىللىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان، ئازغۇنلۇقتىن ساقلايدىغان چەكسىز رەھمەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن بەندىلىرىڭگە كۆپ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن.

Aal-i-Imraan 3:8Listen in Qur'an →
9

رَبَّنَآ إِنَّكَ جَامِعُ ٱلنَّاسِ لِيَوْمٍۢ لَّا رَيْبَ فِيهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخْلِفُ ٱلْمِيعَادَ

پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. شۈبھىسىزكى، اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»

پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كىلىشى شەكسىز بولغان كۈندە كىشىلەرنى ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلىغۇچىسەن. ئۇ پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن.

Aal-i-Imraan 3:9Listen in Qur'an →
10

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَن تُغْنِىَ عَنْهُمْ أَمْوَٰلُهُمْ وَلَآ أَوْلَٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيْـًۭٔا ۖ وَأُو۟لَٰٓئِكَ هُمْ وَقُودُ ٱلنَّارِ

كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى اﷲ نىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر

شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغانلارنى ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىلەر قىيامەت كۈنىدە جەھەننەمگە تۇترۇق بولىدۇ.

Aal-i-Imraan 3:10Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.