Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 161–170 of 176

161

وَأَخْذِهِمُ ٱلرِّبَوٰا۟ وَقَدْ نُهُوا۟ عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلْبَٰطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَٰفِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًۭا

يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق

ئاللاھ جازانە مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلىقى، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى زۇلۇم قىلىپ-ھەقسىز ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا پاكىزە نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلاردىن بولغان كاپىرلارغا دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدۇق.

An-Nisaa 4:161Listen in Qur'an →
162

لَّٰكِنِ ٱلرَّٰسِخُونَ فِى ٱلْعِلْمِ مِنْهُمْ وَٱلْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ ۚ وَٱلْمُقِيمِينَ ٱلصَّلَوٰةَ ۚ وَٱلْمُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلْمُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْءَاخِرِ أُو۟لَٰٓئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز

لېكىن يەھۇدىيلاردىن بولغان بىلىمى مول، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان مۆئمىنلەر بولۇپ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەرگە كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىمىز

An-Nisaa 4:162Listen in Qur'an →
163

۞ إِنَّآ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ كَمَآ أَوْحَيْنَآ إِلَىٰ نُوحٍۢ وَٱلنَّبِيِّۦنَ مِنۢ بَعْدِهِۦ ۚ وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰٓ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْمَٰعِيلَ وَإِسْحَٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَٰرُونَ وَسُلَيْمَٰنَ ۚ وَءَاتَيْنَا دَاوُۥدَ زَبُورًۭا

(ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭىمۇ ۋەھيى قىلدۇق، سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسسەن، ھەقىقەتەن بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە، ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمائىل، ئىسھاققا، يەئقۇب ئىبنى ئىسھاققا ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە (ئۇ پەيغەمبەرلەر يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان بەنى ئىسرائىلدىكى ئون ئىككى قەبىلىدىن بولغان) .ۋەھيى قىلدۇق ۋە داۋۇدقا زەبۇرنى بەردۇق

An-Nisaa 4:163Listen in Qur'an →
164

وَرُسُلًۭا قَدْ قَصَصْنَٰهُمْ عَلَيْكَ مِن قَبْلُ وَرُسُلًۭا لَّمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ ۚ وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًۭا

بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، اﷲ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى

قۇرئان كەرىمدە ساڭا ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق ۋە ساڭا ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بەرمىگەن پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلماسلىقتا بىر ھېكمەت بار. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئۇنىڭغا بىۋاستە سۆز قىلدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىززەت قىلىپ ئاللاھ ئۆزىگە لايىق بولغان .رەۋىشتە ھەقىقى سۆز قىلدى

An-Nisaa 4:164Listen in Qur'an →
165

رُّسُلًۭا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى ٱللَّهِ حُجَّةٌۢ بَعْدَ ٱلرُّسُلِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًۭا

ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن اﷲ نىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ھۆججەت بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئاللاھقا ئىشەنگەنلەرگە ئېسىل ساۋاپ بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان، كاپىر بولغانلارغا دەرتلىك ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ ئۆز .پادىشاھلىقىدا غالىپتۇر، قىلغان ھۆكمىدە ھېكمەتلىكتۇر

An-Nisaa 4:165Listen in Qur'an →
166

لَّٰكِنِ ٱللَّهُ يَشْهَدُ بِمَآ أَنزَلَ إِلَيْكَ ۖ أَنزَلَهُۥ بِعِلْمِهِۦ ۖ وَٱلْمَلَٰٓئِكَةُ يَشْهَدُونَ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدًا

(يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە گۇناھى ئۆزىگە) لېكىن اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، اﷲ قۇرئاننى (باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس) ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ (اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، (باشقىلار گۇۋاھلىق بەرمىگەندىمۇ) اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يەھۇدىيلار سېنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزىنىڭ خاس ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى، بەندىلەرنى ئۇنىڭدىكى ياقتۇرىدىغان، رازى بولىدىغان، ياقتۇرمايدىغا ۋە باش تارتىدىغان نەرسىلەرگە خەۋەردار قىلىشنى خالىدى. پەرىشتىلەر سەن ئىلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بىرگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ھەممىگە يېتەرلىكتۇر. ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر.

An-Nisaa 4:166Listen in Qur'an →
167

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ قَدْ ضَلُّوا۟ ضَلَٰلًۢا بَعِيدًا

شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن قاتتىق ئازدى

سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغان ۋە كىشىلەرنى ئىسلامدىن توسقان ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتتىن يىراقلاپ كەتكىنىدە ھېچ شۈبھى يوقتۇر.

An-Nisaa 4:167Listen in Qur'an →
168

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَظَلَمُوا۟ لَمْ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا

شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى اﷲ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ

ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغان، كۇپىرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى، كۇفرىلىقنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ ۋە ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.

An-Nisaa 4:168Listen in Qur'an →
169

إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًۭا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًۭا

(ئۇلارنى) پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغا باشلايدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالدۇرۇش) اﷲ قا ئاسان

ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا قويىۋېتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر. ئاللاھ ھەر ئىشقا قادىردۇر.

An-Nisaa 4:169Listen in Qur'an →
170

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدْ جَآءَكُمُ ٱلرَّسُولُ بِٱلْحَقِّ مِن رَّبِّكُمْ فَـَٔامِنُوا۟ خَيْرًۭا لَّكُمْ ۚ وَإِن تَكْفُرُوا۟ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًۭا

ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى، ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (اﷲ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). اﷲ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئى ئىنسانلار! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن توغرا يولنى ۋە ھەق دىننى ئېلىپ كەلدى، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزۈڭلارغا ياخشى بولىشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشىڭلارنىڭ ئاللاھقا زېيىنى يوق، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ كىمنىڭ ھىدايەتكە ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھىدايەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھىدايەتكە ھەقلىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ھىدايەتتىن يىراق قىلىدۇ. ئاللاھ سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

An-Nisaa 4:170Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.