Muslim99Muslim99
← Tafsir library

4. An-Nisaa

The Women · Medinan · 176 ayahs

سُورَةُ النِّسَاءِ

Reading Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies

Ayahs 91–100 of 176

91

سَتَجِدُونَ ءَاخَرِينَ يُرِيدُونَ أَن يَأْمَنُوكُمْ وَيَأْمَنُوا۟ قَوْمَهُمْ كُلَّ مَا رُدُّوٓا۟ إِلَى ٱلْفِتْنَةِ أُرْكِسُوا۟ فِيهَا ۚ فَإِن لَّمْ يَعْتَزِلُوكُمْ وَيُلْقُوٓا۟ إِلَيْكُمُ ٱلسَّلَمَ وَيَكُفُّوٓا۟ أَيْدِيَهُمْ فَخُذُوهُمْ وَٱقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ ۚ وَأُو۟لَٰٓئِكُمْ جَعَلْنَا لَكُمْ عَلَيْهِمْ سُلْطَٰنًۭا مُّبِينًۭا

ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىگە قايتقاندا (كۇفرىنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان پىتنە - پاساتقا (يەنى كۇفرىغا ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن تارتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، (سىلەر بىلەن) ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە (ئەسىر ئېلىڭلار) تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) سىلەرگە ئۇلارغا قارشى (يەنى ئەسىر ئېلىشقا، ئۆلتۈرۈشكە) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق

ئەي مۇئمىنلەر! مۇناپىقلار ئىچىدە يەنە بىر ئوچۇم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سىلەرگە ئىمان ئېيتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كاپىر قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كۇپرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. ئۇلار قاچانكى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە چاقىرىلسا، دەرھال ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ. شۇڭا بۇلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تاشلاپ، سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكىلى كەلمىسە ۋە قوللىرىنى سىلەردىن يىغمىسا، ئۇلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار ئەنە شۇنداق مىجەزلىك كىشىلەركى، بىز ئۇلارنىڭ سىلەرگە قىلغان خىيانىتى ۋە ئالدامچىلىقىنى ئۇلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشۈڭلارغا ئوچۇق سەۋەب قىلدۇق.

92

وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَـًۭٔا ۚ وَمَن قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَـًۭٔا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍۢ مُّؤْمِنَةٍۢ وَدِيَةٌۭ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَصَّدَّقُوا۟ ۚ فَإِن كَانَ مِن قَوْمٍ عَدُوٍّۢ لَّكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌۭ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍۢ مُّؤْمِنَةٍۢ ۖ وَإِن كَانَ مِن قَوْمٍۭ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُم مِّيثَٰقٌۭ فَدِيَةٌۭ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍۢ مُّؤْمِنَةٍۢ ۖ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةًۭ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًۭا

مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس، كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسام (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ باك يوق، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ)، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك، ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى اﷲ نىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

بىر مۇئمىننىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈۋېتىشى توغرا ئەمەس، لېكىن بۇ ئىش سەۋەنلىكتىن يۈز بېرىپ قالغان بولسا، (بۇنىڭغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ). يەنى، كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن بىر قۇل ئازات قىلىشى، قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ مىراسخورلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى دىيەتنى ئۆتۈۋەتسە، تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىنلا بولىدىكەن، يەنىلا قاتىل مۇئمىن بىر قۇل ئازات قىلىشى كېرەك، ئەمما دىيەت تۆلىمەيدۇ. ناۋادا ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن ئەمەس، ئەمما ئاراڭلاردا ئەھدى-پەيمان بار، مەسىلەن زىممىيلەرگە ئوخشاش كىشى بولسا، بۇ چاغدا قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. قاتىل بولسا ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن مۇئمىن قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىشى لازىم. ئەگەر ئازات قىلىدىغانغا مۇئمىن قۇل تاپالمىسا ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنىمۇ بېرەلمىسە، بۇ چاغدا ئۇ ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماي روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ، قاتىلنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكام ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

93

وَمَن يَقْتُلْ مُؤْمِنًۭا مُّتَعَمِّدًۭا فَجَزَآؤُهُۥ جَهَنَّمُ خَٰلِدًۭا فِيهَا وَغَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُۥ وَأَعَدَّ لَهُۥ عَذَابًا عَظِيمًۭا

كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، اﷲ نىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. اﷲ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ

كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن، ناھەق ئۆلتۈرىدىكەن، ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا دەپ قارىغان ياكى تەۋبە قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدە مەڭگۈ قىلىشتۇر. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ غەزىبى ياغىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مۇشۇنداق چوڭ گۇناھنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن كاتتا ئازاب تەييارلىدى.

94

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا ضَرَبْتُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَتَبَيَّنُوا۟ وَلَا تَقُولُوا۟ لِمَنْ أَلْقَىٰٓ إِلَيْكُمُ ٱلسَّلَٰمَ لَسْتَ مُؤْمِنًۭا تَبْتَغُونَ عَرَضَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا فَعِندَ ٱللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٌۭ ۚ كَذَٰلِكَ كُنتُم مِّن قَبْلُ فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيْكُمْ فَتَبَيَّنُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًۭا

ئى مۆمىنلەر! اﷲ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغۇچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە - دۇنيانىڭ مال - مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ - سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار، ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن اﷲ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ناۋادا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىپ قالساڭلار، ئالدى بىلەن كىمگە قارشى جىھاد قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىزھار قىلغان كىشىگە: سەن مۇئمىن ئەمەس، پەقەت ئۆلۈمدىن ۋە مال-مۈلكۈڭدىن ئەنسىرەپ مۇسۇلمانلىقىڭنى ئىزھار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇڭ، دېمەڭلار ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن غەنىمەت ئېلىش دېگەندەك دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپلىگەن غەنىمەتلەر بار، ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى ھەم تولىمۇ كاتتىدۇر. سىلەرمۇ ئىلگىرى ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن مۇشۇ ئادەمگە ئوخشاش ئىدىڭلار. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام ئارقىلىق كۆپ ياخشىلىق قىلدى، جېنىڭلارنى ساقلاپ قالدى. شۇڭا ئالدى بىلەن كىمگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. شەكسىزكى ئاللاھقا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن كىچىككىنە نەرسىمۇ مەخپىي قالمايدۇ. سىلەرنى چوقۇم ئەمىلىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپاتقا تارتىدۇ.

95

لَّا يَسْتَوِى ٱلْقَٰعِدُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُو۟لِى ٱلضَّرَرِ وَٱلْمُجَٰهِدُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ ۚ فَضَّلَ ٱللَّهُ ٱلْمُجَٰهِدِينَ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ عَلَى ٱلْقَٰعِدِينَ دَرَجَةًۭ ۚ وَكُلًّۭا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلْحُسْنَىٰ ۚ وَفَضَّلَ ٱللَّهُ ٱلْمُجَٰهِدِينَ عَلَى ٱلْقَٰعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًۭا

مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار اﷲ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. اﷲ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە اﷲ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. اﷲ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئارتۇق) قىلدى

كېسەل ۋە ئەمالارغا ئوخشاش ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن يالتىيىۋالغان مۇئمىنلەر، ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسىنى جىھادتىن يالتىيىۋالغانلاردىن ئارتۇق قىلدى.

96

دَرَجَٰتٍۢ مِّنْهُ وَمَغْفِرَةًۭ وَرَحْمَةًۭ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًۭا رَّحِيمًا

اﷲ (ئۇلارغا) بەلەن مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

ئۇلارغا گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىش ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بىرگە، بىر-بىرىدىن مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغان مۇشۇنداق ساۋاب-مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر.

97

إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَفَّىٰهُمُ ٱلْمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِىٓ أَنفُسِهِمْ قَالُوا۟ فِيمَ كُنتُمْ ۖ قَالُوا۟ كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ قَالُوٓا۟ أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةًۭ فَتُهَاجِرُوا۟ فِيهَا ۚ فَأُو۟لَٰٓئِكَ مَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَسَآءَتْ مَصِيرًا

ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «(دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا (يەنى مەككى زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار اﷲ نىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!

شەكسىزكى پەرىشتىلەر كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلماي ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىۋېتىپ كايىغان ھالدا: سىلەر قانداق ھالدا ئىدىڭلار؟ مۇشرىكلاردىن قايسى جەھەتتە پەرقلىنەتتىڭلار؟ دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ: بىز ئاجىز ئىدۇق، ئۆزىمىزنى قوغدىغۇدەك كۈچ-مادارىمىز يوق ئىدى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا يەنە: ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى تۇرسا، دىنىڭلار ۋە جېنىڭلارنى خورلۇق ۋە زورلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە چىقىپ كەتسەڭلار بولمامتتى؟ دەپ كايىيدۇ. ئەنە شۇ ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى دوزاختۇر. ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!؟.

98

إِلَّا ٱلْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلْوِلْدَٰنِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةًۭ وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًۭا

پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا

مەيلى ئەر ياكى ئايال ياكى بالىلار بولسۇن، ئۆزلىرىنى زۇلۇم ۋە خورلۇقتىن قوغدىغۇدەك كۈچى يوق، ئۇ خورلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئامالىمۇ يوق كىشىلەردىن ئىبارەت ھەقىقىي ئۆزرىلىك، ئاجىز كىشىلەر بۇ تەھدىتنىڭ سىرتىدىدۇر. ئاللاھ ئۆز رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن بۇنداق كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغاي! ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تولىمۇ ئەپۇ قىلغۇچى، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

99

فَأُو۟لَٰٓئِكَ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَعْفُوَ عَنْهُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًۭا

ئەنە شۇلارنى اﷲ ئەپۇ قىلغاي. اﷲ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

مەيلى ئەر ياكى ئايال ياكى بالىلار بولسۇن، ئۆزلىرىنى زۇلۇم ۋە خورلۇقتىن قوغدىغۇدەك كۈچى يوق، ئۇ خورلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئامالىمۇ يوق كىشىلەردىن ئىبارەت ھەقىقىي ئۆزرىلىك، ئاجىز كىشىلەر بۇ تەھدىتنىڭ سىرتىدىدۇر. ئاللاھ ئۆز رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن بۇنداق كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغاي! ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تولىمۇ ئەپۇ قىلغۇچى، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

100

۞ وَمَن يُهَاجِرْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ يَجِدْ فِى ٱلْأَرْضِ مُرَٰغَمًۭا كَثِيرًۭا وَسَعَةًۭ ۚ وَمَن يَخْرُجْ مِنۢ بَيْتِهِۦ مُهَاجِرًا إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ يُدْرِكْهُ ٱلْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًۭا رَّحِيمًۭا

كىمكى اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن اﷲ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم اﷲ بېرىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر

كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىدىكەن، ھىجرەت قىلىپ بارغان يەردە باشقىچە بىر ئەھۋالنى ۋە ئۇ جاينىڭ ئۆزى تاشلاپ چىققان زېمىندىن باشقىچە بىر جاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ، بۇ جايدا ئىززەت-شەرەپ ۋە مول رىزىققا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ، ئاندىن ھىجرەت ماكانىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارالمىغانلىقىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر.

An-Nisaa 4:100Listen in Qur'an →

Commentary: Al-Mukhtasar in Interpreting the Noble Qur'an by Tafsir Center for Quranic Studies. Qur'an text and translation via AlQuran Cloud.